بەھەق

كۆپ ئۇچرايدىغان, بەدەن تېرىسىنىڭ كۆپ تەرلەيدىغان ئورۇنلىرىدا پەيدا بولىدىغان , تېرىلەر شورلىشىپ قىچىشىدىغان سۇزۇلما خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكىدىن ئىبارەت بولۇپ ئۇيغۇر تېبابىتىدە بەھەق ياكى گۈللۈك تەمرەتكە دېيىلىدۇ. بەھەق كېسەللىكى يەرلىك ئورۇن تېرىسىنىڭ سۇس, ئاقۇش, قىزغۇچ, قوڭۇر رەڭگە كىرىپ قالىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى بەھەق
كېسەللىك سەۋەبى خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ياش ئاياللار
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە باشقا نامى 白斑风,皮肤白斑
ئاساسلىق ئالامىتى ئازراق كېپەكلىشىش
خەنزۇچە نامى 白癜风
تەۋە بۆلۈم تېرە كېسەللىكلەر بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى دۈمبە , بوغۇم , بىلەك , بويۇن
ئىنگلىزچە نامى vitiligo

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەھەقسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، خىلىتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي بۇزۇلۇشى ۋە باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

1. خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى, ئاساسلىقى بەدەندىكى غەيرى تەبىئىي بەلغەم ۋە سەۋدانىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.  

2. ئۇزۇن مۇددەت ئىسسىق مۇھىتتا تۇرۇپ قېلىش.

3. كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قاتتىق تەرلەشلەر.

4. تازىلىق ئادىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە كىيىم-كېچەكلەرنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى .

5. قۇۋۋەتلەرنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبلىك بەھەق كېلىپ چىقىشى مۇمكىن .

كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش ئالاھىدىلىكى: بۇ كېسەل كۆپىنچە ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ . 

پەيدا بولۇش ئورنى: كۆكرەك قىسمى, تاغاق, يوقۇرقى بىلەك , تۆۋەنكى قۇرساق قىسمى, ئەۋرەت ساھەسى قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ. ياز پەسلىدە ۋە كۆپ تەرلىگەندە كېڭىيىدۇ. بەزىدە تېرە يۈزىدىكى يات ماددىلار بەزى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ياشىشىغا شارائىت ھازىرلاپ يۇقۇملىنىش يۈز بىلىشمۇ مۇمكىن. قىش ۋە كۈز پەسىللىرىدە بىر ئاز ياخشىلىنىپ قالىدۇ. بىر ئورۇن ساقىيىپ يەنە بىر ئورۇنغا يۆتكىلىدۇ. ئاسانلا قوزغىلىشچانلىققا ئىگە. (بەلغىمى شور-ئاقۇش, سەۋدا خىلىتى قارامتۇل) 

ئالامىتى: تېرە رەڭگى ھەرخىل بولۇش، ئازراق كېپەكلىشىش، تەرلىگەندە يەڭگىل قىچىشىش، ئۇۋۇلىسا كېپەككە ئوخشاش قاسىراقچىلار ئاجرىلىپ چۈشۈش، ئاۋۋال كىچىك دائىرىدە پەيدا بولۇش، كېيىنچە بىر-بىرىگە تۇتىشىپ چوڭىيىش، لېكىن كېسەللەنگەن ئورۇندىكى تۈكلەر ئاقارماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

كىلىنىكىلىق ئىپادىسى-بەھەق-ئاق بەھەق ۋە قارا بەھەق دەپ 2 خىل بولىدۇ.

بەھەق1. ئاق بەھەق-ئاساسلىق بەلغىمى شورنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. دەسلەپتە يەككە ۋە چاچما ھالدا سۇس ئاقۇش, تېرە زەخمىسى پەيدا بولىدۇ. كېيىن تەدرىجىي يوغىناپ ئۆز-ئارا تۇتىشىپ كېڭىيىدۇ. تەمرەتكە يۈزى ئاقۇش شورشاڭغۇ تۈسىنى ئالىدۇ. ساق تېرە بىلەن بولغان چىگىرىسى ئېنىق بولۇپ تەمرەتكە يۈزى كېپەكلىشىپ تورىدۇ. بەدەن تەرلىگەندە قىچىشىدۇ. يەرلىك ئورۇننى لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ يۇغاندا ياكى بارماق بىلەن بېسىپ ئۇۋلىغاندا تەمرەتكە بار ئۇرۇننىڭ تېرىسى قىزىلغا مايىل تۈسنى ئېلىپ قىچىشىش يۇقىلىدۇ. بىراق بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يەنە قايتىلايدۇ. ئىسسىق مۇھىتتا ياكى تەرلىگەندە قىچىشىش كۈچىيىدۇ . 

22. قارا بەھەق : سەۋدا ماددىسىنىڭ ئارتىپ كېتىشى نەتىجىسىدە كۆپرەك كۆرىلىدۇ. تېرە رەڭگىدە سۇس قوڭۇر رەڭدە ياكى سۇس قارامتۇل رەڭ ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. يەرلىك ئورۇن تېرىسى قىچىشىش, تېرىدىكى داغلار چاچما , ئۇششاق ھالەتتە تارقىلىدۇ. تېرە قىچىشىدۇ. تېرە كېپەكلىشىپ تورىدۇ. قول بىلەن تۇتقاندا يىرىك بىلىنىدۇ. تېرىدىن سەل كۆتۈرلۈپ چىقىدۇ. 

1-رېتسېپ

تەركىبى: كابۇل ھېلىلىسى پوستى 60 گىرام، بەلىلە پوستى، ئامىلە مۇقەششەر، سېرىق ئوت، بەرەڭگى كابېلى 30 گىرامدىن، تۇربۇت 45 گىرام، ئۈستقۇددۇس، بىستىپايەج 20 گىرامدىن، غارىقۇن 15 گىرام، كۇندۇر، قۇستە، سۆئدى كۇپى، زەنجىۋىل، زۇپا توققۇز گىرامدىن، شاترەنج ھىندى، سازەج ھىندى، مەستىكى رۇمى، رۇمبەدىيان، قەلەمپۇر، ھاشا ئالتە گىرامدىن، پىلپىل، قارىمۇچ، نارمىشىك 12 گىرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: سېرىق ئوت، ئۈستقۇددۇس 03 گىرامدىن، ھېلىلە پوستى 60 گىرام، شاھتەررە، بىستىپايەج، سانا، بادرەنجى بۇيا 15 گىرامدىن، غارىقۇن، تۇربۇت ئالتە گىرام، سىركە 300 گىرام، ئۆچكە سۈتى 400 گىرام، شېكەر 201 گىرام، تەرەنجىبىن 60 گىرام، بادام مېغىزى 30 گىرام، سۇ 500 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: شېكەر، سىركە، سۈت، تەرەنجىبىن باشقا دورىلارنى سۇنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، سۈيىگە ئاۋۋال سۈتنى قۇيۇپ، ئازراق قاينىتىپ، ئاندىن سىركە ۋە شېكەر، تەرەنجىبىننى سېلىپ بىرلا ئۆرلىتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: ئاقىرقەرھا، بۆرە سويمىسىنىڭ يىلتىزى، شاترەنج ھىندى يىلتىزى بەش گىرامدىن، سىركە مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم تېرە سىرتىدىن چېپىلىدۇ.

باشقا ئۇسۇللار

بەھەقكېسەللىك سەۋەبىنى يوقىتىشنى ئاساس قىلىش كېرەك. ئەگەر خىلىت ئۆزگەرتىشى كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل خىلىتنىڭ ماس بولغان مۇنزىچ-مۇسھىلىنى بېرىپ مىزاج تەڭشىلىدۇ .

ئەگەر كېسەللىك سەۋەبىدىن تەرلەش ئارقىلىق كېلىپ چىققان بولسا ئالدى بىلەن شۇ خىل كېسەللىكنى يوقىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەڭ مۇھىمى تەر توختىتىش چارىسىنى قىلىش لازىم. تەر توختىتىش ئۈچۈن ھەبىبى شىپا , شەربىتى خەشخاش بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىتترفىل كەبىر , مائۇ ئۇسۇل سادرە , مائۇ ئۇسۇل مۇرەككەپ قاتارلىق دورىلار تاللاپ بېرىلىدۇ. شۇنداقلا ئاق كېسەلگە ئىشلەتكەن دورىلارنى بىمارنىڭ ئومۇمىي بەدەن ئەھۋالى , مىزاج , كېسەللىك ماددىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇۋاپىق تاللاپ بېرىلسە بولىدۇ .

سىرتىدىن دورا ئىشلىتىپ داۋالاشتا :ئالدى بىلەن يەرلىك ئورۇننى ئىلمان سۇ بىلەن سوپۇنلاپ پاكىزە يۇيۇپ بولۇپ ئاندىن تۆۋەندىكى دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ .

1. بۆرە سويمىسىى پوستىنى يۇمشاق ئېزىپ سىركىگە ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورنىغا كۈندە 2 ياكى 3 ۋاخ سۈرۈلىدۇ .

2. ئاقىر قەرھا , بۆرە سويمىسى يىلتىزى , شەترەنجى ھىندى يىلتىزى 5 گىرامدىن يۇمشاق سوقۇپ ئاچچىق سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە 1-2 قېتىم سۈرۈلىدۇ. ياكى يۇقىرىقىلارنى يۇمشاق سوقۇپ 2-3ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ 6g-4×2×1 يېيىشكە بېرىلىدۇ.

3. زەمچىنى كۆيدۈرۈپ كۈشتە قىلىپ يۇمشاق سوقۇپ تاش ئۇپا، كاۋاش, تاش چىچىگى تەڭ مىقداردا يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرىمىز .

4-قەلەمپۇر , جۇۋىنا , كۆلسۇرۇخ , زەمچە , ئاقىرقەرھا , سوم ياكى دورىلىق ۋازلىن مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرۈلىدۇ.

5. خاس ئاچچىقسۇنى سۈرتۈپ بەرسە پايدىلىق. يۇقىرىقىلار ئاق بەھەقنى داۋالاشتا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ .

قارا بەھەقنى داۋالاشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلار .

1. 2-5 % لىك زەمچە ئېرىتمىسى تەييارلاپ سۈرتۈپ بەرسە بولىدۇ .

2. كۈندۇش 5گىرام گوڭگۇرت 5 گىرام , بىستى پايەنج 5 گىرام , قۇستى تەلغ 5 گىرام , زەرنەخ 5گىرام , زاغۇن 5گىرام , خەربەق 5گىرام , سىركە 500 مىللىي دورىلارنى سىركىدە ئېرىتىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ .

يۇقىرىقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە يەنە مۇۋاپىق ئاپتاپقا قاقلاش ,بولۇپمۇ ئاق بەھەقنى قاقلاش ۋە ئىچىدىن مۇۋاپىق دورىلارنى تاللاپ بېرىش كېرەك. شۇنداقلا بىمارغا شەخسى تازىلىقنى ياخشى ئىشلەش , پات-پات يۇيۇنۇپ تۇرۇش , ئىچ كىيىملەرنى ئازادە , پاختا كىيىملەرنى كىيىش كېرەك .


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#