كۇندۇر

بۇ زەيتۇن دەرىخى ئائىلىسىدىكى كارتېرى كۇندۇر دەرىخى (Bodowdei Biiretra Calilewso) بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ يېلىمى «كۇندۇر» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

دورا نامى كۇندۇر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 乳香

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ زەيتۇن دەرىخى ئائىلىسىدىكى كارتېرى كۇندۇر دەرىخى (Bodowdei Biiretra Calilewso) بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ يېلىمى «كۇندۇر» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئىمپورت قىلىنغان كۇندۇر ئادەتتە سومالى كۇندۇرى ۋە ئېفىيوپىيە كۇندۇرىدىن ئىبارەت بولۇپ، سومالى كۇندۇرى ئۇزۇن، يۇمىلاق شەكىللىك، دانچە ياكى بىر بىرىگە يېپىشىپ كەتكەن مۇنەكلەردىن ئىبارەت. سىرتقى يۈزى ئاق ۋە سۇس سېرىق رەڭلىك، تەمى سەل ئاچچىق، ئالاھىدە خۇش پۇراق كېلىدۇ. ئېفىيوپىيە كۇندۇرى سىرتقى شەكلى تەكشى بولمايدۇ، ئۇششاق دانچىسىمان شەكىلدە بولۇپ، سۇس سارغۇچ ئاق رەڭلىك ياكى سۇس سارغۇچ يېشىل رەڭلىك بولىدۇ، تەمى ئاچچىقراق، لىموندەك پۇرىقى بار.

كۇندۇر تەركىبىدە  %70~%60 دەرەخ يېغى، %37~35 دەرەخ يېلىمى، %8~3 گىچە ئۇچۇچان ماي تۇتىدۇ. دەرەخ يېغىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى α - β بوسىۋىلىك كىسلاتا (α,β-Bo we llic acid)، ھەم %33 ئۇلبانورىزىن (olbanorsene)، لاردىن ئىبارەت. دەرەخ يېلىمى ئاساسلىق ئارابىك كىسلاتاسى (Arabic acid) نىڭ كالتسىي تۇزى ياكى ماگنىي تۇزى %6 باسورىن (Bassorin) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇچۇچان ماينىڭ رەڭگى رەڭگى سۇس سېرىق، پۇراقلىق بولۇپ، ئۇنىڭدا پېنىن (Pinene)، دىپېنتىن (Dipentene) ۋە α، β فىلاندىرېن (α، β - Phellandrene) قاتارلىقلار بار.

ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسىنى پۈتتۈرۈش، ئىششىق، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش تەسىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئاغرىق پەسەيتىش رولى بار.

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، باھنى قۇۋۋەتلەش، غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى ۋە ھۆل سوغۇق كەيپىياتنى تەڭشەش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، بەلغەم بوشىتىش، پارقىرىتىش، قان توختىتىش.

كالتە يۆتەل، كاناي شاخچىلىرى كېڭىيىپ كېتىش، يۈرەك ئاجىزلىق، ھەر خىل يارا، قاناشلىق كېسەللىكلەر، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، مەنىي يۈرۈپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. جويۇز، بەسباسە، كۇندۇر، ئاقىرقەرھا ھەر بىرىدىن ئىككى گىرامدىن ئېلىپ تالقانلاپ، ئىچىپ بەرسە، باھ ئاجىزلىقى، ئاق خۇن كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. ئەفتىمۇن، غارىقۇن، ئۈستىقۇددۇس، كۇندۇردىن 15 گىرامدىن، ھەسەلدىن 200 گىرام ئېلىپ، قائىدە بۇيىچە مەجۈن تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

3. كۆكنار، نەغەز گۈلى، شادىنەچ، كۇندۇر 5 گىرامدىن تالقانلاپ ئىچىپ بەرسە، قان توختىتىدۇ.

4. كۈندۈر 10 گىرام، خۇنسىياۋشەن 7 گىرام، تاباشىر 10 گىرام، ئەنزىرۇت 10 گىرام، كەھرىۋا 5 گىرام، مەستىكى 10 گىرام، گىل ئەرمىنى 5 گىرام، قەنت 20 گىرام، قائىدە بويىچە تالقانلاپ ئىچىپ بەرسە، ئىچكى ئەزالار جاراھىتىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.  5. كۇندۇر، مەستىكى، تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ تالقانلاپ ئىچىپ بەرسە، مەنى يۈرۈپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

1~6 گىرام.

كۆپ ئىشلىتىلسە ئىسسىق مىزاجلىق كىشىلەردە باش ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ. 

تەمىر ھىندى، نېلۇپەر. 

مەستىكى.

ئىفئوپىيە، سۇدان، جەنۇبىي ئەربىستان، سومالى قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

جاۋارىش كۇندۇر.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#