سار

سار، كىچىك تىپتىكى يىرتقۇچ قۇش، ئادەتتىكى قۇشلار بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ، چىشىسىنىڭ بەدىنى ئەركەك قۇشقا قارىغاندا بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. سارنىڭ مىجەزى ۋەھشىي، تۇمشۇقى سېرىق، ئۈستۈنكى تۇمشۇقى ئېگىلىگەن، پۇتى كۈچلۈك، مەزمۇت، بارماقلىرىدا ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولۇپ، قانىتى چوڭ ئۇچۇشقا ماھىر.

ئۇيغۇرچە نامى سار
ئىنگلىزچە نامى Eagle
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 老鹰
تارقالغان رايونلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
ئائىلىسى بۈركۈتسىمانلار ئائىلىسى
كەنجى سىنىپى ھازىرقى قۇشلار كەنجى سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سارسار، كىچىك تىپتىكى يىرتقۇچ قۇش، ئادەتتىكى قۇشلار بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ، چىشىسىنىڭ بەدىنى ئەركەك قۇشقا قارىغاندا بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. سارنىڭ مىجەزى ۋەھشىي، تۇمشۇقى سېرىق، ئۈستۈنكى تۇمشۇقى ئېگىلىگەن، پۇتى كۈچلۈك، مەزمۇت، بارماقلىرىدا ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولۇپ، قانىتى چوڭ ئۇچۇشقا ماھىر. خەنزۇ تىلىدا لاچىن ئائىلىسىدىكى بىر قەدەر چوڭ بولغان قۇشلار ۋە بايقۇش ئائىلىسىدىكى قۇش (مۈشۈكياپىلاق) قاتارلىق گۆشخور قۇشلارنى ئادەتتە بۈركۈت تۈرىدىكى يىرتقۇچ قۇش دەپ ئاتايدۇ، ئادەتتە بۇ پەقەت مەخسۇس بۈركۈت ئائىلىسىنى كۆرسىتىدۇ.

سارنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن كەڭ، دۇنيادىكى ھەر قايسى قىتئەلەرگە كەڭ تارقالغان. جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى سار ئاساسلىق شىزاڭ، شىنجاڭ ۋە ئىچكى موڭغۇل، چىڭخەي شۇنىڭدەك شەنشىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئەنكاڭ، شاڭلو قاتارلىق تاغلىق بۈك بارقسان ئورمان بەلۋاغلارغا تارقالغان. ھايۋانات دۇنياسىدا بۈركۈت بولسا بىر بۆلۈمنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمىغان تۈرلىرى بار. ئۇنىڭ بىر جۈپ ئۆتكۈر كۆزى نەچچە مىڭ مېتىر ھەتتا تېخىمۇ يىراق جايدىكى نەرسىلەرنى كۆرەلەيدۇ. تـۇخـۇم تۇغۇش ئارقىلىق كۆپەيىدۇ، ئىسسىق قانلىق ھايۋان.

سارسار ئادەتتە بۈركۈت ئۇرۇقدىشىغا تەۋە قۇش. پۈتۈن دۇنيادا 59 خىل سار تۈرى بار، ئالىملار ئۇنى مۇنداق تۆت چوڭ توپقا ئايرىغان. ئومۇمەن ئېيتقاندا ،ئوخشاش بىر توپى ئىچىدىكى سار ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، مەسىلەن : بەدەن شەكلى ياكى يەيدىغان يېمەكلىكى، تەن شەكلى چوڭ-كىچىكلىكى، قانىتى، رەڭگى ۋە قۇرۇلمىسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. سار يەر شارىدىكى جەنۇبى قۇتۇپتىن باشقا ھەر بىر چوڭ قۇرۇقلۇق، قۇملۇق، چاتقاللىق، سازلىق، دەرەخ ئورمىنى، ئېگىز تاغ، تاغقا ئوخشاش نەرسىلەر، دېڭىز ساھىلى قاتارلىق جايلارغا كەڭ تارقالغان. بارلىق سارلارنىڭ ھەممىسى كۈندۈزى ئوۋ ئوۋلايدۇ، كېچىسى ئارام ئالىدۇ. ياۋا سار تەخمىنەن 20 يىل ياشايدۇ، ئادەملەر باققىنى 40 يىل ياشىيالايدۇ.

59 خىل بۈركۈتنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۆت توپقا ئايرىلغان.

1. بېلىقنى ئاساسى ئوزۇق قىلىدىغان دېڭىز بۈركۈتى

11 خىل سار بار بۇ تۈرگە تەۋە، ئۇلارنىڭ بەدىنى ئەڭ چوڭ، تاتلىق سۇ ياكى دېڭىز بويلىرىغا جايلاشقان، بېلىق ۋە سۇ بويىدىكى قۇشلارنى ئوۋلاش ئارقىلىق ئوزۇق قىلىدۇ. 1782-يىلى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇشى بولغان شىمالىي ئامېرىكا ئاق باش بۈركۈتى دەل مۇشۇ تۈرنىڭ بىرى.

2. پۆپۈچەك بۈركۈت

بۇ توپتا ئالتە خىل سار بار. ئۇلار يىرتقۇچ قۇشلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ھەم يوغان، ئېغىرلىقى 9 كىلوگرامغا يېقىن. ئافرىقىغا، ئوتتۇرا جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي قىسمىدىكى مېكسىكىغا تارقالغان، ئاساسلىقى يامغۇرلۇق ئورمانلاردا ياشايدۇ، مايمۇن، ئوغلاق، ۋە قۇشلار قاتارلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنى ئوۋلاش ئارقىلىق ئوزۇقلىنىدۇ.

فىلىپپىن يامغۇرلۇق ئورمانلىقىدا بىر خىل مەخسۇس مايمۇن يەيدىغان بۈركۈت بار بولۇپ ئۇ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ بۈركۈت، ئۇنىڭ كۆزىنىڭ رەڭگى كۆك رەڭدە، باشقا تۈردىكىلەرگە ئوخشىمايدىغان سېرىق، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ياكى قوڭۇر رەڭلىك.

3. پۇتىدا پەيلىرى بولغان بۈركۈت

بۇ توپتا 30 خىلدىن ئارتۇق بۈركۈت بار. جۇغىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس. ئۇلار ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا پەيلىرى پۇتىدىن باشلاپ تۆۋەنگە قاراپ پۇت ئۇچىغىچە ئۆسكەن، قارىماققا خۇددى ئۆتۈك كىيىۋالغاندەك كۆرىنىدۇ، پۈتۈن دۇنيا پەقەت سار بار بولغان يەرلەرنىڭ ھەمىسىدە بۇ خىل سار تارقالغان، ئالتۇن بۈركۈت دەل شۇلارنىڭ بىرى.

4. يىلان يەيدىغان بۈركۈت

بۇ توپتا 12 خىل بۈركۈت بار. تەن شەكلى كىچىكرەك، قۇملۇق رايونلارغا، ئورمان ۋە تۈزلەڭلىكلەرگە تارقالغان، يىلاننى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ، يەنە كەسلەنچۈك، پاقا قاتارلىق جانلىقلارنىمۇ ئوزۇق قىلىدۇ.

ھەر خىل بۈركۈتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوخشاش بولمىغان تەن شەكلى بولىدۇ، تېنى يېرىم مېتىردىن بىر مېتىر ئەتراپىدا بولىدىغانلىرىمۇ بار.

سارسار بىر خىل گۆشخور قۇش تۈركۈمى بولۇپ، ئادەتتە جىلغا ئىچىدە ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. سار بىلەن ئادەتتىكى قۇشنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، سار  يىرتقۇچ قۇشلارغا تەۋە، ئادەتتىكى قۇش ئوزۇق تاللىمايدىغانلار تۈرىگە تەۋە. سارنىڭ مىجەزى ۋەھشىي، گۆشخور، قۇش، چاشقان ۋە باشقا كىچىك ھايۋانلارنى يەيدۇ. بەزى تۈرلىرى جەسەتنى ياخشى كۆرىدۇ، مەسىلەن: تازقارا. ئىككى قانىتى تەرەققىي قىلغان، ئۇچۇشقا ماھىر، ئادەتتە كۆپىنچە كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىدۇ. كۆپىنچە تاغدىكى ئورماندا ياكى تۈزلەڭلىكلەردە ياشايدۇ، مەسىلەن، قارىغۇجا، قۇرغۇي قاتارلىقلار. سارنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشى بەستلىك ھەم قاۋۇل، قانىتى ۋە قۇيرۇق پېيى ئۇزۇن ھەم كەڭ بولۇپ، قانات قېقىشى بىر قەدەر ئاستا بولۇپ، كۆپىنچە تاغلىق رايونلىرىدا ھاۋا بوشلۇقىدا ئايلىنىپ پەرۋاز قىلىدۇ، ياۋا توشقان، يىلان تۈرىدىكى كىچىك ھايۋانلارنى، چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنى، چاشقانلارنىمۇ تۇتۇپ يەيدۇ، ئېلىمىزدە كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىرىدىن شۇڭقار ۋە قارا بۈركۈت بار.

سارنىڭ ئۆمرى ئادەتتە 50 يىل بولىدۇ، ئاق تەگلىكىدە قىزىل قوڭۇر رەڭلىك داغلىرى بار، تۇخۇم بېسىش مەزگىلى 38 كۈن، ئۇلارنىڭ ئۇۋىسى ئادەتتە ناھايتى ئىگىز ياسالغان، بىر قېتىمدا 5 ~ 2 تال تۇخۇم تۇغىدۇ، ئادەتتە پەقەت بىر كىچىك سارلا ئەي بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#