ساۋخۇ بازىرى

ساۋخۇ بازىرى

ساۋخۇ بازىرى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 3-شىسى 41-تۇەن تۇرۇشلۇق جاي. 2014-يىلى 11-ئايدا رەسمىي نام بېرىلىپ قۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى ساۋخۇ بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى مەمۇرىي بازار
يەر مەيدانى 76 كۋادرات كىلومېتىر
باشقا نامى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 3-شىسى 41-تۇەن
خەنزۇچە ئاتىلىشى 草湖镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر تۇمشۇق شەھىرى
نوپۇسى 8686 ئادەم
پوچتا رايون نۇمۇرى 844004

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ساۋخۇ بازىرى2014-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى گوۋۇيۈەن نىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى 41-تۇەن رايونى، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى باغچى يېزىسى بىر قىسىم رايونلار، تازغۇن يېزىسى دىكى بىر قىسىم رايونلار، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى بۇلاقسۇ يېزىلىق بىر قىسىم رايونلار، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى نىڭ پىلال يېزىسى دىكى بىر قىسىم رايونلار ئايرىپ بىرىكتۈرۈپ يېڭىدىن تۇمشۇق شەھىرىگە قاراشلىق ساۋخۇ بازىرى ھاسىل بولغان. 

2014-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، تۇمشۇق شەھىرى ساۋخۇ بازىرىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى 41-تۇەننىڭ تۇەن شىتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن. 

پۈتۈن بازار قارىمىقىدىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلاردىن 20، 10 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇس، خەنزۇلار نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %95.9 ئىگەللەيدۇ.

ساۋخۇ بازىرىساۋخۇ بازىرى قەشقەر شەھىرى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى، كونا شەھەر ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسى قاتارلىق ئۈچ ناھىيە، بىر شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، ئەتراپىدىكى ئالتە يېزا–بازار بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 24 كىلومېتىر، جەنۇب-شىمال ئارىلىقى 6 كىلومېتىر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم شەھەر بازىرى قەشقەر شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 23 كىلومېتىر، بىڭتۈەن 3-شىسى تۇرۇشلۇق جاي بىلەن تۇمشۇق شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 350 كىلومېتىر. 

ئومۇمىي نوپۇسى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم، خەنزۇلار نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %95.9 نى ئىگەللەيدۇ، ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سانى 1500 دىن ئارتۇق.

ساۋخۇ بازىرىبىڭتۈەن ساۋخۇ كەسىپلەر رايونى كۆلىمى 10 كۋادرات كىلومېتىر. تەۋەلىكىدىكى بىڭتۈەن ساۋخۇ كەسىپلەر رايونى، بىڭتۈەننىڭ سانائەت رايونى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى بىڭتۈەن شۆبە قوشۇن ساپاسىنىنىڭ مۇھىم بازىسى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#