جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خامچوت قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خامچوت قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خامچوت قانۇنى» 1994–يىلى 3–ئاينىڭ 22–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خامچوت قانۇنى
ئېلان قىلنغان ۋاقتى 1994–يىلى 3–ئاينىڭ 22–كۈنى
قوللىنىلغان ۋاقتى 1995-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国预算法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó yù suàn fǎ
تۈزۈتىلگەن ۋاقتى 2014–يىلى 8–ئاينىڭ 31–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ قانۇن ھۆكۈمەتنىڭ كىرىم–چىقىم ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، خامچوتنىڭ چەكلەش كۈچىنى ئاشۇرۇش، خامچوتنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، ئەتراپلىق بولغان، قېلىپلاشقان، ئاشكارا، ئېنىق بولغان خامچوت تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن تۈزۈلگەن.

1994–يىلى 3–ئاينىڭ 22–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2014–يىلى 8–ئاينىڭ 31–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10–يىغىنىنىڭ «(جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خامچوت قانۇنى)غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

1995-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان.

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن ھۆكۈمەتنىڭ كىرىم-چىقىم ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، خامچوتنىڭ چەكلەش كۈچىنى ئاشۇرۇش، خامچوتنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، ئەتراپلىق بولغان، قېلىپلاشقان، ئاشكارا، ئېنىق بولغان خامچوت تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا خامچوت ۋە نەق چوتنى تۈزۈش، تەكشۈرۈش، تەستىقلاش، نازارەت قىلىش شۇنىڭدەك خامچوتنى ئىجرا قىلىش ۋە تەڭشەش مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

3-ماددا دۆلەت بىر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتتە شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى يولغا قويىدۇ، مەركەز دەرىجىلىك، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر دەرىجىلىك، رايون بار شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست دەرىجىلىك، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، رايونسىز شەھەر ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايون دەرىجىلىك، يېزا، مىللىي يېزا ۋە بازار دەرىجىلىكتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك خامچوت تەسىس قىلىنىدۇ.

مەملىكەت خامچوتى مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوتتىن تەركىب تاپىدۇ. يەرلىك خامچوت ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئومۇمىي خامچوتىدىن تەركىب تاپىدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئومۇمىي خامچوت شۇ دەرىجىلىك خامچوت ۋە جەملەنگەن بىر دەرىجە تۆۋەن ئومۇمىي خامچوتتىن تەركىب تاپىدۇ؛ بىر دەرىجە تۆۋەن خامچوتتا شۇ دەرىجىلىك خامچوتلا بولسا، بىر دەرىجە تۆۋەن ئومۇمىي خامچوت بىر دەرىجە تۆۋەن خامچوتنىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنى كۆرسىتىدۇ. بىر دەرىجە تۆۋەن خامچوت بولمىسا، ئومۇمىي خامچوت شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى كۆرسىتىدۇ.

4-ماددا خامچوت خامچوت كىرىمى ۋە خامچوت چىقىمىدىن تەركىب تاپىدۇ.

ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق كىرىمى ۋە چىقىمىنى خامچوتقا كىرگۈزۈش كېرەك.

5-ماددا خامچوت ئادەتتە جامائەت خامچوتى، ھۆكۈمەت فوند خامچوتى، دۆلەت كاپىتالى تىجارەت خامچوتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوند خامچوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئادەتتىكى جامائەت خامچوتى، ھۆكۈمەت فوند خامچوتى، دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوند خامچوتى مۇكەممەل، مۇستەقىل بولۇشى كېرەك. ھۆكۈمەت فوند خامچوتى، دۆلەت كاپىتالى تىجارەت خامچوتى، ئىجتىمائىي فوند خامچوتىنى ئادەتتىكى جامائەت خامچوتى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك.

6-ماددا ئادەتتىكى جامائەت خامچوتى باج كىرىمى ئاساس قىلىنغان مالىيە كىرىمى بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، دۆلەت مەركەزنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى مەركەزنىڭ شۇ دەرىجىلىك كىرىمى ۋە يەرلىكنىڭ مەركەزگە تاپشۇرىدىغان كىرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەركەزنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى مەركەزنىڭ شۇ دەرىجىلىك چىقىمى، مەركەزنىڭ يەرلىككە قايتۇرىدىغان باج كىرىمى ۋە يۆتكىمە چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

7-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئادەتتىكى جامائەت خامچوتى شۇ دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ (جۈملىدىن بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ، تۆۋەندىمۇ شۇنداق) خامچوتى ۋە قايتۇرۇلغان باج كىرىمى، يۆتكىمە چىقىم خامچوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يەرلىكنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى يەرلىكنىڭ شۇ دەرىجىلىك كىرىمىنى، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە قايتۇرغان باج كىرىمى ۋە يۆتكىمە چىقىمىنى، تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تاپشۇرىدىغان كىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەرلىكنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى يەرلىكنىڭ شۇ دەرىجىلىك چىقىمىنى، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تاپشۇرىدىغان چىقىمىنى، تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە قايتۇرىدىغان باج كىرىمى ۋە يۆتكىمە چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

8-ماددا تارماقلار خامچوتى تارماقلار ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى ئورۇنلارنىڭ خامچوتىدىن تەركىب تاپىدۇ.

9-ماددا ھۆكۈمەت فوند خامچوتى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەلۇم مەزگىل ئىچىدە مۇئەييەن ئوبيېكتلاردىن ئېلىنىدىغان، يىغىلىدىغان ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق غەملىنىدىغان مەبلەغ ، ئۇ مۇئەييەن جامائەت ئىشلىرى تەرەققىياتىغا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان كىرىم-چىقىم خامچوتىدۇر.

ھۆكۈمەت فوند خامچوتىنى فوند تۈرىنىڭ كىرىم ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي چىقىم ئېھتىياجىغا قاراپ، فوند تۈرى بويىچە تۈزۈپ، كىرىمگە قاراپ چىقىمنى بېكىتىش كېرەك.

10-ماددا دۆلەت كاپىتالى تىجارەت خامچوتى دۆلەت كاپىتالىنىڭ پايدىسىغا قاراپ چىقىم ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان كىرىم-چىقىم خامچوتىدۇر.

دۆلەت كاپىتالى تىجارەت خامچوتىنى كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭ بولۇش پىرىنسىپى بويىچە تۈزۈش، قىزىل رەقەم بولماسلىق ھەمدە مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئادەتتىكى جامائەت خامچوتىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

11-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوند خامچوتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا تاپشۇرۇلغان پۇل، ئادەتتىكى جامائەت خامچوتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە باشقا ئۇسۇل بىلەن غەملەنگەن مەبلەغ، ئۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كىرىم-چىقىم خامچوتىغا مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوند خامچوتىنى بىر تۇتاش غەملەش قاتلىمى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈرى بويىچە ئايرىم-ئايرىم تۈزۈپ، كىرىم-چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك.

12-ماددا ھەر دەرىجىلىك خامچوتتا بىر تۇتاش پىلانلاش، تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئىقتىسادچىل بولۇش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە كىرىم-چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت يىل ئاتلايدىغان خامچوتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىشى كېرەك.

13-ماددا خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان خامچوتنى قانۇندىكى تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، تەڭشەشكە بولمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، تارماقلار ۋە ئورۇنلار چىقىم قىلىشتا تەستىقلانغان خامچوتنى ئاساس قىلىشى، خامچوتقا كىرگۈزمەي تۇرۇپ چىقىم قىلماسلىقى شەرت.

14-ماددا شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلىغان خامچوت، خامچوتنى تەڭشەش، نەق چوت، خامچوتنىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلات شۇنىڭدەك مەلۇمات جەدۋىلىنى تەستىقلانغاندىن كېيىن 20 كۈن ئىچىدە، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە تارمىقى جەمئىيەتكە ئاشكارىلايدۇ ھەمدە شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە يۆتكىمە چىقىم ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئۇنىڭ ئىجراسى شۇنىڭدەك قەرزدارلىق ئەھۋالى قاتارلىق مۇھىم ئىشلار ھەققىدە ئىزاھات بېرىدۇ.

شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە تارمىقى تەستىقلىغان تارماقلار خامچوتى، نەق چوتى شۇنىڭدەك مەلۇمات جەدۋىلى تەستىقلانغان كۈنىدىن باشلاپ 20 كۈن ئىچىدە تارماقلار جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى ھەمدە تارماقلار خامچوتى، نەق چوتىدا ئورگانلار ئىش خىراجىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئىشلىتىلىشى قاتارلىق مۇھىم ئىشلار ھەققىدە ئىزاھات بېرىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، تارماقلار، ئورۇنلار ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئاشكارىلىشى كېرەك.

بۇ ماددىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئاشكارىلايدىغان ئىشلاردىن دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

15-ماددا دۆلەت مەركەز بېجى بىلەن يەرلىك باجنى ئايرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

16-ماددا دۆلەت مالىيە يۆتكىمە چىقىم تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. مالىيە يۆتكىمە چىقىمىدا قېلىپلىق، لىللا، ئاشكارا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايونلار ئارا ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئاساسىي نىشان قىلىش كېرەك.

مالىيە يۆتكىمە چىقىمى مەركەزنىڭ يەرلىككە قاراتقان يۆتكىمە چىقىمى ۋە يەرلىكتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە قاراتقان يۆتكىمە چىقىمىدۇر، ئۇ، جايلار ئارا ئاساسىي مالىيە كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەت بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىمنى ئاساس قىلىدۇ.

قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇئەييەن ئىشلارغا ئىشلىتىلسە بولىدۇ. مەخسۇس يۆتكىمە چىقىمنى قەرەللىك باھالاش، چېكىنىش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. بازار رىقابىتى مېخانىزمى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك تەڭشىگىلى بولىدىغان تۈرلەردە مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم ئورۇنلاشتۇرغاندا، تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتتىن يانداش مەبلەغنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. لېكىن، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، يۇقىرى-تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەڭ ئۈستىگە ئالىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

17-ماددا ھەر دەرىجىلىك خامچوتنى تۈزۈش، ئىجرا قىلىشتا، ئۆزئارا چەكلەش، ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

18-ماددا يىللىق خامچوت يېڭى كالېندار بويىچە 1-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىپ، 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

19-ماددا خامچوت كىرىم-چىقىمى خەلق پۇلى بويىچە يۈەن بىرلىك قىلىنىپ ھېسابلىنىدۇ.

2-باب خامچوت باشقۇرۇش ھوقۇقى

20-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ خامچوت لايىھەسى ھەمدە مەركەز بىلەن يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرىدۇ؛ مەركەز خامچوتىنى ۋە مەركەز خامچوتىنىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلايدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خامچوت، نەق چوت توغرىسىدىكى نامۇۋاپىق قارارلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىدۇ؛ مەركەز خامچوتىنى تەڭشەش لايىھەسىنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛ مەركەز نەقچوتىنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا زىت كېلىدىغان خامچوت، نەق چوت توغرىسىدىكى مەمۇرىي نىزام، قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا زىت كېلىدىغان خامچوت، نەق چوت توغرىسىدىكى يەرلىك نىزام، قارارلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

21-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك ئومۇمىي خامچوت لايىھەسىنى ھەمدە شۇ دەرىجىلىك ئومۇمىي خامچوتنىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى تەكشۈرىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى ۋە شۇ دەرىجىلىك خامچوتنىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلايدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خامچوت، نەق چوت توغرىسىدىكى نامۇۋاپىق قارارلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خامچوت، نەق چوت توغرىسىدىكى نامۇۋاپىق قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك ئومۇمىي خامچوتنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك نەق چوتنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋە بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ، ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خامچوت، نەق چوت توغرىسىدىكى نامۇۋاپىق قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى بىكار قىلىدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خامچوت ۋە شۇ دەرىجىلىك خامچوتنىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك نەق چوتنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خامچوت، نەق چوت توغرىسىدىكى نامۇۋاپىق قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى بىكار قىلىدۇ.

22-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى مەركەز خامچوت لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى ۋە ئالدىنقى بىر يىللىق خامچوتنىڭ ئىجراسىنى، مەركەز خامچوتىنى تەڭشەش دەسلەپكى لايىھەسىنى ۋە مەركەز نەق چوت لايىھەسىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرىدۇ، دەسلەپكى تەكشۈرۈش پىكرىنى قويىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خامچوت لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى شۇنىڭدەك ئالدىنقى بىر يىللىق خامچوتنىڭ ئىجراسىنى، شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش دەسلەپكى لايىھەسىنى ۋە شۇ دەرىجىلىك نەق چوت لايىھەسىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرىدۇ، دەسلەپكى تەكشۈرۈش پىكرىنى قويىدۇ.

رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خامچوت لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى شۇنىڭدەك ئالدىنقى بىر يىللىق خامچوتنىڭ ئىجراسىنى، شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش دەسلەپكى لايىھەسىنى ۋە شۇ دەرىجىلىك نەق چوت لايىھەسىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرىدۇ، دەسلەپكى تەكشۈرۈش پىكرىنى قويىدۇ، مەخسۇس كومىتېت قۇرۇلمىغان بولسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتى مۇھاكىمە قىلىپ پىكىر قويىدۇ.

ناھىيەلىك، ئاپتونوم ناھىيەلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خامچوت لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى شۇنىڭدەك ئالدىنقى بىر يىللىق خامچوتنىڭ ئىجراسىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرىدۇ، دەسلەپكى تەكشۈرۈش پىكرىنى قويىدۇ. ناھىيەلىك، ئاپتونوم ناھىيەلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتلىرى شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش دەسلەپكى لايىھەسىنى ۋە شۇ دەرىجىلىك نەق چوت لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلىپ پىكرىنى قويىدۇ.

رايون بار شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاستتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرگەندە، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتلىرى مۇھاكىمە قىلىپ پىكىر قويغاندا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇشى كېرەك.

مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدىن 4-تارمىقىغىچە بولغان تارماقلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە پىكىر قويۇشتا، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە تارمىقى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىشى كېرەك.

مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدىن 4-تارمىقىغىچە بولغان تارماقلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە قويۇلغان پىكىرنى شۇنىڭدەك شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە تارمىقىنىڭ ئىنكاسىدىكى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى دوكلاتنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە تارقىتىپ بېرىش كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى بويىچە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى ياكى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خامچوت لايىھەسىنى، خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنى ۋە نەق چوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش، خامچوتنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىش جەھەتتىكى كونكرېت خىزمەتلەرنى ئىشلىشىگە ياردەملىشىدۇ.

23-ماددا گوۋۇيۈەن مەركەزنىڭ خامچوت، نەق چوت لايىھەسىنى تۈزىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسى ھەققىدە دوكلات بېرىدۇ؛ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللىغان خامچوتنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ؛ مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنى ئىجرا قىلىشقا تەشكىللەيدۇ؛ مەركەز خامچوتىدىكى زاپاس خىراجەتنى ئىشلىتىشنى بەلگىلەيدۇ؛ مەركەز خامچوتىنى تەڭشەش لايىھەسىنى تۈزىدۇ؛ مەركەزدىكى تارماقلار ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خامچوتنى ئىجرا قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛ مەركەز تارماقلىرىنىڭ ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خامچوت، نەق چوت توغرىسىدىكى نامۇۋاپىق قارار، بۇيرۇقلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىدۇ.

24-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر شۇ دەرىجىلىك خامچوت، نەق چوت لايىھەسىنى تۈزىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا شۇ دەرىجىلىك ئومۇمىي خامچوت لايىھەسى ھەققىدە دوكلات بېرىدۇ؛ بىر دەرىجە تۆۋەن ھۆكۈمەتلەر ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللىغان خامچوتنى ئومۇملاشتۇرۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك ئومۇمىي خامچوتنىڭ ئىجراسىنى تەشكىللەيدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خامچوتتىكى زاپاس خىراجەتنى ئىشلىتىشنى بەلگىلەيدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنى تۈزىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك تارماقلار ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خامچوتنى ئىجرا قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك تارماقلار ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خامچوت، نەق چوت توغرىسىدىكى نامۇۋاپىق قارار، بۇيرۇقلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا شۇ دەرىجىلىك ئومۇمىي خامچوتنىڭ ئىجراسى توغرىسىدا دوكلات بېرىدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق ھۆكۈمەتلەر شۇ دەرىجىلىك خامچوت، نەق چوت لايىھەسىنى تۈزىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا شۇ دەرىجىلىك خامچوت لايىھەسى ھەققىدە دوكلات بېرىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنىڭ ئىجراسىنى تەشكىللەيدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خامچوتتىكى زاپاس خىراجەتنى ئىشلىتىشنى بەلگىلەيدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنى تۈزىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا شۇ دەرىجىلىك خامچوتنىڭ ئىجراسى ھەققىدە دوكلات بېرىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقى بىلەن، يېزا، مىللىي يېزا، بازارلارنىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوت لايىھەسىنى، خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنى، نەق چوت لايىھەسىنى بىر دەرىجە يۇقىرى ھۆكۈمەت ۋاكالىتەن تۈزسە ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 21-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىغا تەكشۈرتسە ۋە تەستىقلاتسا بولىدۇ.

25-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى مەركەزنىڭ خامچوت، نەق چوت لايىھەسىنى كونكرېت تۈزىدۇ؛ مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجراسىنى كونكرېت تەشكىللەيدۇ؛ مەركەز خامچوتىدىكى زاپاس خىراجەتنى ئىشلىتىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛ مەركەز خامچوتىنى تەڭشەش لايىھەسىنى كونكرېت تۈزىدۇ؛ مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجراسىنى گوۋۇيۈەنگە قەرەللىك دوكلات قىلىدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خامچوت، نەق چوت لايىھەسىنى كونكرېت تۈزىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك ئومۇمىي خامچوتنىڭ ئىجراسىنى كونكرېت تەشكىللەيدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خامچوتتىكى زاپاس خىراجەتنى ئىشلىتىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنى كونكرېت تۈزىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك ئومۇمىي خامچوتنىڭ ئىجراسىنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە تارمىقىغا قەرەللىك دوكلات قىلىدۇ.

26-ماددا تارماقلار شۇ تارماقنىڭ خامچوت، نەق چوت لايىھەسىنى تۈزىدۇ؛ شۇ تارماقنىڭ خامچوتىنىڭ ئىجراسىنى تەشكىللەيدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە تارمىقىغا خامچوتنىڭ ئىجراسىنى قەرەللىك دوكلات قىلىدۇ.

ئورۇنلار شۇ ئورۇننىڭ خامچوت، نەق چوت لايىھەسىنى تۈزىدۇ؛ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن خامچوت كىرىمىنى يۇقىرىغا تاپشۇرىدۇ، خامچوت چىقىمىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ ھەم دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ.

3-باب خامچوت كىرىم-چىقىمىنىڭ دائىرىسى

27-ماددا ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى تۈرلۈك باج كىرىمى، مەمۇرىي كەسپىي ھەق كىرىمى، دۆلەت بايلىقى (مۈلۈك)نى ھەقلىق ئىشلىتىش كىرىمى، يۆتكىمە كىرىم ۋە باشقا كىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئادەتتىكى جامائەت خامچوتى چىقىمى فۇنكسىيەسىگە قاراپ، ئادەتتىكى جامائەت مۇلازىمەت چىقىمى، دىپلوماتىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى، يېزا ئىگىلىكى، مۇھىت ئاسراش چىقىمى، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە چىقىمى، ئىجتىمائىي كاپالەت شۇنىڭدەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى ۋە باشقا چىقىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى ئىقتىسادىي خاراكتېرىگە قاراپ، مائاش پاراۋانلىق چىقىمى، تاۋار ۋە مۇلازىمەت چىقىمى، كاپىتال چىقىمى ۋە باشقا چىقىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

28-ماددا ھۆكۈمەت فوند خامچوتى دۆلەت كاپىتالى تىجارەت خامچوتى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى خامچوتىنىڭ كىرىم-چىقىم دائىرىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

29-ماددا مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئالاقىدار كىرىم-چىقىم تۈرلىرىنى ئايرىش، يەرلىكنىڭ مەركەزگە تاپشۇرغان كىرىمى، مەركەزنىڭ يەرلىككە باج قايتۇرۇش كىرىمى ياكى يۆتكىمە چىقىم كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

30-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز خامچوتى سىرتىدا تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خامچوت مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە تەئەللۇق خامچوت مەبلىغىنى ئىگىلىۋېلىشىغا ياكى قىسىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

4-باب خامچوت تۈزۈش

31-ماددا گوۋۇيۈەن كېيىنكى بىر يىللىق خامچوت لايىھەسىنى تۈزۈش ئۇقتۇرۇشىنى ۋاقتىدا چۈشۈرۈشى كېرەك. خامچوت لايىھەسىنى تۈزۈشنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، تارماقلار، ئورۇنلار خامچوت لايىھەسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ۋاقىتتا تۈزۈپ چىقىشى كېرەك.

32-ماددا ھەر دەرىجىلىك خامچوتنى يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانى، دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش ئومۇمىي تەلىپى ۋە يىل ئاتلايدىغان خامچوتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئېھتىياجىغا قاراپ، ئالدىنقى يىللىق خامچوتنىڭ ئىجراسىدىن، ئالاقىدار چىقىم ئۈنۈمىنى باھالاش نەتىجىسى ۋە شۇ يىللىق چىقىم مۆلچەرىدىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تۈزۈش كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قارار چىقىرىشى ياكى مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلىشى، مالىيە كىرىمى ياكى چىقىمىنى كۆپەيتىشكە ياكى ئازايتىشقا چېتىلغاندا، خامچوت تەستىقلىنىشتىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە خامچوت لايىھەسىدە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

تارماقلار، ئورۇنلار گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى چىقارغان ھۆكۈمەت كىرىم-چىقىم تۈرى، خامچوت چىقىمى ئۆلچىمى ۋە تەلىپى شۇنىڭدەك نەتىجىنى نىشانلىق باشقۇرۇش قاتارلىق خامچوت تۈزۈشكە دائىر بەلگىلىمىگە بىنائەن، ئۆزىنىڭ فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى ۋە كەسپىي تەرەققىيات ئېھتىياجى شۇنىڭدەك زاپاس مۈلۈك ئەھۋالىغا قاراپ، شۇ تارماق، شۇ ئورۇننىڭ خامچوت لايىھەسىنى تۈزۈشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ھۆكۈمەت كىرىم-چىقىم تۈرى ئىچىدە كىرىم تۈرى، تارماق، تارماقچە، بالا تارماقچە دەپ ئايرىلىدۇ؛ چىقىم تۈرى فۇنكسىيەسىگە قاراپ، تۈر، تارماق، تارماقچە دەپ ئايرىلىدۇ، ئىقتىسادىي خاراكتېرىگە قاراپ، تۈر، تارماق دەپ ئايرىلىدۇ.

33-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ۋاقىتتا شۇ دەرىجىلىك ئومۇمىي خامچوت لايىھەسىنى گوۋۇيۈەننىڭ تەكشۈرۈپ ئومۇملاشتۇرۇشىغا يوللىشى كېرەك.

34-ماددا مەركەزنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوتىدىكى زۆرۈر قىسمەن مەبلەغنى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن قەرز ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق غەملەشكە بولىدۇ، قەرزنى مۇۋاپىق كۆلەمدە تىزگىنلەپ، ئەقىلگە مۇۋاپىق قۇرۇلمىنى ساقلاش كېرەك.

مەركەزنىڭ ئادەتتىكى خامچوتى ئۈچۈن ئېلىنغان قەرزدە قالدۇق باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، قالدۇق كۆلىمى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان چەكتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قەرزىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشقا كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ.

35-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خامچوت كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىش، كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭ بولۇش پىرىنسىپى بويىچە تۈزۈلىدۇ، مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قىزىل رەقەم ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ.

گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ خامچوتىغا كېرەكلىك قىسمەن قۇرۇلۇش سېلىنما مەبلىغى گوۋۇيۈەن بېكىتكەن نورما ئىچىدە يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىپ قەرز ئېلىش يولى بىلەن غەملەنسە بولىدۇ. قەرز كۆلىمىنى گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر گوۋۇيۈەن چۈشۈرگەن چەك بويىچە ئالىدىغان قەرزنى شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىگە كىرگۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. قەرز ئېلىشتا قايتۇرۇش پىلانى ۋە مۇقىم قايتۇرۇش مەبلەغ مەنبەسى بولۇشى، قەرز دائىملىق چىقىمغا ئىشلىتىلمەي، جامائەت پاراۋانلىقى كاپىتال چىقىمى ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى تارماقلار ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن قەرز ئالسا بولمايدۇ.

قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى تارماقلار ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قەرزى ئۈچۈن ھەرقانداق ئۇسۇلدا كېپىل بولسا بولمايدۇ.

گوۋۇيۈەن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرز خەتىرىنى باھالاش ۋە ئۇنىڭدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمى، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى شۇنىڭدەك جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرزىنى نازارەت قىلىدۇ.

36-ماددا ھەر دەرىجىلىك خامچوت كىرىمىنىڭ بېكىتىلىشى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ماس كېلىشى، مالىيە سىياسىتى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، تارماقلار، ئورۇنلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، بارلىق ھۆكۈمەت كىرىمىنىڭ ھەممىسىنى خامچوتقا كىرگۈزۈشى، يوشۇرماسلىقى، كېمەيتىۋەتمەسلىكى كېرەك.

37-ماددا ھەر دەرىجىلىك خامچوت چىقىمىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، فۇنكسىيەسى ۋە ئىقتىسادىي خاراكتېرىگە قاراپ تۈزۈش كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خامچوت چىقىمىنى بېكىتىشتە، ئىقتىسادچىل بولۇش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ ئورگان ئىشلىرى خىراجىتى ۋە بىنا-ساراي قاتارلىق ئاساسىي قۇرۇلۇش چىقىمىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمىنى بېكىتىشتە بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ مۇۋاپىق ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، دۆلەت بېكىتكەن نۇقتىلىق چىقىمنى ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

38-ماددا ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىمنى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ئاساسىي ئۆلچەم ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلى بويىچە بېكىتىش كېرەك. مەخسۇس يۆتكىمە چىقىمنى رايون، تۈر بويىچە بېكىتىش كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە چۈشۈرىدىغان يۆتكىمە چىقىم مۆلچەر سانىنى تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە مۇدەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈشى كېرەك.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مۇدەتتىن بۇرۇن چۈشۈرگەن يۆتكىمە چىقىم مۆلچەر سانىنى شۇ دەرىجىلىك خامچوتقا كىرگۈزۈشى كېرەك.

39-ماددا مەركەز خامچوتىدا ۋە ئالاقىدار يەرلىك خامچوتتا زۆرۈر مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يار-يۆلەك بولۇشقا ئىشلىتىش كېرەك.

40-ماددا ھەر دەرىجىلىك ئادەتتىكى جامائەت خامچوتىدا شۇ دەرىجىلىك ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمىنىڭ %3 ~ %1ى بويىچە زاپاس خىراجەت ئاجرىتىپ، شۇ يىللىق خامچوتنى ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن كۆپەيگەن چىقىم شۇنىڭدەك مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان باشقا چىقىملارغا ئىشلىتىش كېرەك.

41-ماددا ھەر دەرىجىلىك ئادەتتىكى جامائەت خامچوتىدا گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە خامچوت ئوبوروت مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خامچوت يىلىدىكى پەسىللىك كىرىم-چىقىم پەرقىنى تەڭشىشى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك ئادەتتىكى جامائەت خامچوتىدا گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، خامچوتنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە تەڭشەش فوندى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كېيىنكى يىللىق خامچوت مەبلىغىنىڭ كېمىنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

42-ماددا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئالدىنقى يىللىق خامچوتتىن ئاغدۇرۇلغان مەبلەغنى كېيىنكى يىلىغا ئاغدۇرۇلغان تۈر چىقىمىغا ئىشلىتىشى؛ ئۇدا ئىككى يىل ئىشلىتىپ بولالمىغان ئاغدۇرما مەبلەغنى قالدۇق مەبلەغ قاتارىدا باشقۇرۇشى كېرەك.

تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ ئالدىنقى يىللىق خامچوتىدىن ئاغدۇرۇلغان مەبلىغى، قالدۇق مەبلىغى گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

5-باب خامچوتنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش

43-ماددا مەركەز خامچوتىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خامچوتنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ.

44-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى ھەر يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئېچىلىشتىن 45 كۈن بۇرۇن مەركەز خامچوت لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىگە يوللىشى كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئېچىلىشتىن 30 كۈن بۇرۇن، شۇ دەرىجىلىك خامچوت لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىگە يوللىشى كېرەك.

رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئېچىلىشتىن 30 كۈن بۇرۇن، شۇ دەرىجىلىك خامچوت لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىگە ياكى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتىدىن پىكىر ئېلىشقا يوللىشى كېرەك.

ناھىيەلىك، ئاپتونوم ناھىيەلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئېچىلىشتىن 30 كۈن بۇرۇن، شۇ دەرىجىلىك خامچوت لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىگە يوللىشى كېرەك.

45-ماددا ناھىيەلىك، ئاپتونوم ناھىيەلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئېچىلىپ، خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ، سايلىغۇچىلار ۋە جەمئىيەتتىكى ساھەلەردىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

46-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ۋە تەستىقلىشىغا يوللايدىغان خامچوت لايىھەسىنى تەپسىلىي تەييارلاش كېرەك. شۇ دەرىجىلىك ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمىنى فۇنكسىيەسىگە قاراپ تۈرگە كىرگۈزۈش؛ ئىقتىسادىي خاراكتېرىگە قاراپ خىلغا ئايرىپ، ئاساسىي چىقىمنى تارماققا قاراپ كىرگۈزۈش كېرەك. شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت فوند خامچوتى، دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوند خامچوت چىقىمىنى فۇنكسىيەسىگە قاراپ تۈرگە كىرگۈزۈش كېرەك.

47-ماددا گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئېچىلغاندا مەركەز خامچوت لايىھەسى ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى شۇنىڭدەك مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجراسى توغرىسىدا دوكلات بېرىدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئېچىلغاندا ئومۇمىي خامچوت لايىھەسى ۋە ئومۇمىي خامچوتنىڭ ئىجراسى توغرىسىدا دوكلات بېرىدۇ.

48-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى خامچوت لايىھەسى ۋە خامچوت لايىھەسى دوكلاتى، خامچوتنىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ تۆۋەندىكى مەزمۇنلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ:

(1) ئالدىنقى يىللىق خامچوت ئىجراسىنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوت توغرىسىدىكى قارارىدىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقى؛

(2) خامچوت ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقى؛

(3) خامچوت ئورۇنلاشتۇرمىسىدا خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلغان-ئىزچىللاشتۇرۇلمىغانلىقى، كىرىم-چىقىم سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي يولغا قويغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى؛

(4) نۇقتىلىق چىقىم ۋە چوڭ-چوڭ سېلىنما تۈرلىرىگە دائىر خامچوت ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقى؛

(5) خامچوتنىڭ مۇكەممەل تۈزۈلگەن-تۈزۈلمىگەنلىكى، مۇشۇ قانۇننىڭ 46-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقى؛

(6) تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە چۈشۈرۈلگەن يۆتكىمە چىقىم خامچوتىنىڭ قائىدىلىك، مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقى؛

(7) خامچوت ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى قەرزنىڭ قانۇنلۇق، مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقى، قايتۇرۇش پىلانى ۋە مۇقىم قايتۇرۇش مەبلەغ مەنبەسىنىڭ بار-يوقلۇقى؛

(8) خامچوتقا ئالاقىدار مۇھىم ئىشلار توغرىسىدىكى ئىزاھاتنىڭ ئېنىق بولغان-بولمىغانلىقى.

49-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىگە مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى شۇنىڭدەك مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات سۇنىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى، ناھىيەلىك، ئاپتونوم ناھىيەلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىگە ئومۇمىي خامچوت لايىھەسى شۇنىڭدەك ئالدىنقى يىللىق ئومۇمىي خامچوتنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات سۇنىدۇ.

تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتتا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك:

(1) ئالدىنقى يىللىق خامچوتنىڭ ئىجراسى ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوت توغرىسىدىكى قارارىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى ھەققىدىكى باھا؛

(2) شۇ يىللىق خامچوت لايىھەسىنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقى، يولغا قويغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى باھا؛

(3) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان خامچوت لايىھەسى ۋە خامچوت دوكلاتى ھەققىدىكى تەكلىپ؛

(4) يىللىق خامچوتنى ئىجرا قىلىش، خامچوت باشقۇرۇشنى ياخشىلاش، خامچوت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، خامچوت نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ھەققىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلەر.

50-ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق ھۆكۈمەتلەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان خامچوتنى ۋە بىر دەرىجە تۆۋەن ھۆكۈمەت ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللىغان خامچوتنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بىر دەرىجە يۇقىرى ھۆكۈمەتكە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بىر دەرىجە تۆۋەن ھۆكۈمەت ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللىغان خامچوتنى ئومۇملاشتۇرغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. گوۋۇيۈەن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەنگە ئېلىشقا يوللىغان خامچوتنى ئومۇملاشتۇرغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

51-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بىر دەرىجە تۆۋەن ھۆكۈمەت مۇشۇ قانۇننىڭ 50-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللىغان خامچوتتا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا زىت مەزمۇنلار ياكى نامۇۋاپىق مەزمۇنلار بولغانلىقتىن، خامچوتنى تەستىقلاش قارارىنى بىكار قىلىشقا توغرا كېلىدۇ دەپ قارىسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىپ قارار قىلىشىغا سۇنۇشى كېرەك.

52-ماددا ھەر دەرىجىلىك خامچوتنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە تارمىقى 20 كۈن ئىچىدە شۇ دەرىجىلىك تارماقلارغا تەستىقلاپ چۈشۈرۈپ بېرىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تارماقلار شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە تارمىقى تەستىقلاپ چۈشۈرگەن شۇ تارماقنىڭ خامچوتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 15 كۈن ئىچىدە ئۆز قارىمىقىدىكى ئورۇنلارغا تەستىقلاپ چۈشۈرۈپ بېرىشى كېرەك.

مەركەز يەرلىكنىڭ ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىمىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خامچوتنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، 30 كۈن ئىچىدە رەسمىي چۈشۈرۈشى كېرەك. مەركەز يەرلىكنىڭ مەخسۇس يۆتكىمە چىقىمىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خامچوتنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، 90 كۈن ئىچىدە رەسمىي چۈشۈرۈشى كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەركەزنىڭ ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىمى ۋە مەخسۇس يۆتكىمە چىقىمىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، 30 كۈن ئىچىدە شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە رەسمىي چۈشۈرۈپ بېرىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خامچوتتا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىمى ۋە مەخسۇس يۆتكىمە چىقىمىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى خامچوتنى تەستىقلىغاندىن كېيىن 30 كۈن ئىچىدە ۋە 60 كۈن ئىچىدە رەسمىي چۈشۈرۈپ بېرىشى كېرەك.

تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش يۆتكىمە چىقىمى ھەققىدە ۋاقتىدا خامچوت چۈشۈرۈش، نەق راسچوت قىلىنغان پەۋقۇلئاددە تۈرلەر يۆتكىمە چىقىمى خامچوتىنى مۇددەتكە بۆلۈپ چۈشۈرۈش ياكى ئالدىن چىقىم قىلىپ تۇرۇپ ئاندىن ھېسابات قىلىشقا بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە تارماقلىرى شۇ دەرىجىلىك تارماققا تەستىقلاپ بەرگەن خامچوت ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە تەستىقلاپ بەرگەن يۆتكىمە چىقىم خامچوتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىغا، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىغا ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتلىرىغا قوشۇمچە ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

6-باب خامچوتنى ئىجرا قىلىش

53-ماددا ھەر دەرىجىلىك خامچوتنىڭ ئىجراسىنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تەشكىللەيدۇ، كونكرېت خىزمەتلەرگە شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ.

تارماقلار، ئورۇنلار شۇ تارماق، شۇ ئورۇننىڭ خامچوتنى ئىجرا قىلىش سۇبيېكتى بولۇپ، شۇ تارماق، شۇ ئورۇننىڭ خامچوتىنى ئىجرا قىلىدۇ ھەمدە ئىجرا نەتىجىسىگە جاۋابكار بولىدۇ.

54-ماددا خامچوت يىلى باشلانغاندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك خامچوت لايىھەسى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا تەستىقلىنىشتىن بۇرۇن، تۆۋەندىكى چىقىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ:

(1) ئالدىنقى يىلدىن ئاغدۇرۇلغان چىقىم؛

(2) ئالدىنقى يىلنىڭ شۇ مەزگىلىدىكى خامچوت چىقىمى سوممىسىدىن پايدىلىنىپ، تارماقنىڭ جەزمەن چىقىم قىلىنىدىغان ئاساسىي چىقىمى، تۈر چىقىمى شۇنىڭدەك تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە بېرىلىدىغان يۆتكىمە چىقىم؛

(3) قانۇندا بېرىم مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش بەلگىلەنگەن چىقىم شۇنىڭدەك تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش چىقىمى.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان چىقىم ئەھۋالىنى خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتتا ئىزاھلاش كېرەك.

خامچوت شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا تەستىقلانغاندىن كېيىن، تەستىقلانغىنى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

55-ماددا خامچوت كىرىمىنى يىغىدىغان تارماق ۋە ئورۇنلار يىغىدىغان خامچوت كىرىمىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا، تولۇق يىغىشى كېرەك. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ كۆپ يىغىشقا، مۇدەتتىن بۇرۇن يىغىشقا ياكى يىغىدىغان خامچوت كىرىمىنى ئازايتىۋېتىشكە، كەچۈرۈم قىلىشقا، كېچىكتۈرۈشكە، خامچوت كىرىمىنى قىسىپ قېلىشقا، ئىگىلىۋېلىشقا ياكى ئىشلىتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خامچوت كىرىمىنى يىغىدىغان تارماق ۋە ئورۇنغا كىرىم كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

56-ماددا ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق كىرىمىنى دۆلەت خەزىنىسى (تۆۋەندە خەزىنە دېيىلىدۇ)گە تاپشۇرۇش كېرەك، ھەرقانداق تارماق، ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قىسىپ قېلىشىغا، ئىگىلىۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا ياكى نېسى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

قانۇندا ئېنىق بەلگىلەنگەن ياكى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان مۇئەييەن مەخسۇس مەبلەغقە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مالىيە مەخسۇس ئىسچوتى تەسىس قىلىنسا بولىدۇ.

57-ماددا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە تارمىقى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، خامچوت چىقىم مەبلىغىنى ۋاقتىدا، تولۇق ئاجرىتىشى، خامچوتنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى شەرت.

ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، تارماقلار ۋە ئورۇنلار خامچوت بويىچە چىقىم قىلىشى، ساختا چىقىم پەيدا قىلماسلىقى شەرت.

ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، تارماقلار، ئورۇنلار خامچوت چىقىمىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالىشى كېرەك.

58-ماددا ھەر دەرىجىلىك خامچوت كىرىم-چىقىمىدا كىرىم-چىقىمنى ئورۇنلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

مۇئەييەن ئىشلاردا گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى باغلاش تۈزۈمىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىش كېرەك.

59-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خامچوتتا خەزىنە تەسىس قىلىش شەرت؛ شارائىت ھازىرلانغان يېزا، مىللىي يېزا-بازارلاردىمۇ خەزىنە تەسىس قىلىش كېرەك.

مەركەزنىڭ خەزىنە كەسپىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى باشقۇرىدۇ، يەرلىكنىڭ خەزىنە كەسپى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەزىنىلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، خامچوت كىرىمىنى يىغىش، ئايرىش، قالدۇرۇش، قايتۇرۇش ۋە خامچوت چىقىمىنى ئاجرىتىش ئىشلىرىنى ۋاقتىدا، توغرا بېجىرىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەزىنىلەردىكى پۇلنى باشقۇرۇش ھوقۇقى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە تارمىقىدا بولىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق تارماق، ئورۇن ۋە شەخسنىڭ خەزىنىدىكى پۇلنى توڭلىتىۋېتىش ياكى خەزىنىگە كىرگۈزۈلگەن پۇلنى باشقا ئۇسۇل بىلەن نېرى-بېرى قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر شۇ دەرىجىلىك خەزىنىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، خەزىنىدىكى نەق پۇلنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، خەزىنىدىكى مەبلەغ قالدۇقىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ تۇرۇشى كېرەك.

60-ماددا خەزىنىگە كىرگۈزۈپ بولغان مەبلەغنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ياكى گوۋۇيۈەننىڭ قارارى بويىچە قايتۇرۇشقا توغرا كەلسە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە تارمىقى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ۋاقتىدا قايتۇرۇشى كېرەك. بەلگىلىمە بويىچە مالىيە چىقىمىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئىشلارنى خەزىنىدىن قايتۇرۇلغان مەبلەغ بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

61-ماددا دۆلەت خەزىنىگە مەركەزلىك تاپشۇرۇش ۋە مەركەزلىك چىقىم قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق كىرىم-چىقىمىدا خەزىنىدىن مەركەزلىك چىقىم قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.

62-ماددا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خامچوت ئىجراسىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە، باج، تاموژنا قاتارلىق خامچوت كىرىمىنى يىغىدىغان تارماقلىرىنىڭ خامچوت كىرىمىنى قانۇن بويىچە تەشكىللىشىگە، ھۆكۈمەت مالىيە تارمىقىنىڭ خامچوت چىقىمىنى قاتتىق باشقۇرۇشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

مالىيە، باج، تاموژنا تارمىقى قاتارلىق تارماقلار خامچوتنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا خامچوتنىڭ ئىجراسى ھەققىدىكى تەھلىلىنى كۈچەيتىشى، مەسىلە بايقىغاندا شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىش ھەققىدە ۋاقتىدا تەكلىپ بېرىشى كېرەك.

63-ماددا تارماقلار، ئورۇنلار خامچوت كىرىم-چىقىمىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك، يۇقىرىغا تاپشۇرۇلىدىغان خامچوت كىرىمىنى قىسىپ قالسا ياكى ئىشلىتىۋالسا، خامچوت چىقىمىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتسە بولمايدۇ.

64-ماددا ھەر دەرىجىلىك خامچوت زاپاس خىراجىتىنى ئىشلىتىش لايىھەسىنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە تارمىقى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بېكىتىشىگە يوللايدۇ.

65-ماددا ھەر دەرىجىلىك خامچوت ئوبوروت مەبلىغىنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە تارمىقى باشقۇرىدۇ، ئۇنى ئىشلىتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

66-ماددا ھەر دەرىجىلىك ئادەتتىكى جامائەت خامچوتىنىڭ يىللىق ئىجراسىدا ئارتۇق قىلىنغان كىرىم قىزىل رەقەمنى ئازايتىشقا ياكى خامچوتنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەڭشەش فوندىنى تولۇقلاشقىلا ئىشلىتىلىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك ئادەتتىكى جامائەت خامچوتىنىڭ ئېشىنچا مەبلىغىنى خامچوتنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەڭشەش فوندى قىلىش كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئادەتتىكى جامائەت خامچوتىنى يىللىق ئىجرا قىلىش داۋامىدا كىرىم كېمىيىپ كەتكەندە، خامچوتنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەڭشەش فوندىنى ئىشلىتىش، چىقىمنى ئازايتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ كىرىم-چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرالمايدىغان ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىش ئارقىلىق، قىزىل رەقەمنى كۆپەيتىپ، گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ ھەمدە كېيىنكى يىللىق خامچوتتا تولۇقلىشى كېرەك.

7-باب خامچوتنى تەڭشەش

67-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان مەركەز خامچوتىنى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى تەستىقلىغان يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خامچوتنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، خامچوتنى تەڭشەش كېرەك:

 (1) خامچوت ئومۇمىي چىقىمىنى كۆپەيتىشكە ياكى ئازايتىشقا توغرا كەلسە؛

(2) خامچوتنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەڭشەش فوندىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە؛

(3) خامچوتتا ئورۇنلاشتۇرۇلغان نۇقتىلىق چىقىم سوممىسىنى ئازايتىشقا توغرا كەلسە؛

(4) ئېلىنىدىغان قەرز سوممىسىنى كۆپەيتىشكە توغرا كەلسە.

68-ماددا خامچوتنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئومۇمەن مالىيە كىرىمىنى ياكى چىقىمىنى كۆپەيتىش يېڭى سىياسىتى ۋە تەدبىرى چىقارمايدۇ، مالىيە كىرىمىنى ئازايتىش سىياسىتى ۋە تەدبىرىنىمۇ چىقارمايدۇ؛ جەزمەن چىقىرىشقا ھەمدە تەڭشەشكە توغرا كەلسە، خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىدە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

69-ماددا خامچوتنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خامچوتنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە، خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى تۈزۈشى كېرەك. خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىدە خامچوتنى تەڭشەش ئاساسى، تۈرى ۋە سوممىسى توغرىسىدا ئىزاھات بېرىشى كېرەك.

خامچوتنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا، تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن، خامچوت چىقىمىنى تەڭشەش زۆرۈر بولغاندا، ئالدى بىلەن زاپاس خىراجەتتىن چىقىم قىلىش كېرەك؛ زاپاس خىراجەت چىقىمغا يېتىشمىسە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئاۋۋال چىقىمنى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. خامچوتنى تەڭشەش دائىرىسىدە بولسا، خامچوتنى تەڭشەش دائىرىسىگە كىرگۈزسە بولىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاشتىن 30 كۈن ئىلگىرى، خامچوتنى تەڭشەش دەسلەپكى لايىھەسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈشىگە سۇنۇشى كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيە تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاشتىن 30 كۈن ئىلگىرى، خامچوتنى تەڭشەش دەسلەپكى لايىھەسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىگە سۇنۇشى كېرەك.

رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاشتىن 30 كۈن ئىلگىرى، خامچوتنى تەڭشەش دەسلەپكى لايىھەسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىگە سۇنۇشى ياكى خامچوتنى تەڭشەش دەسلەپكى لايىھەسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتىغا سۇنۇپ پىكىر ئېلىشى كېرەك.

ناھىيەلىك، ئاپتونوم ناھىيەلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاشتىن 30 كۈن ئىلگىرى، خامچوتنى تەڭشەش دەسلەپكى لايىھەسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتىغا سۇنۇپ پىكىر ئېلىشى كېرەك.

مەركەز خامچوتىنى تەڭشەش لايىھەسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە تەستىقلىشىغا سۇنۇش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە تەستىقلىشىغا سۇنۇش كېرەك؛ يېزا، مىللىي يېزا، بازارنىڭ خامچوتىنى تەڭشەش لايىھەسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە تەستىقلىشىغا سۇنۇش كېرەك. تەستىقلاتماي تۇرۇپ خامچوتنى تەڭشەشكە بولمايدۇ.

70-ماددا تەستىقلانغان خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك. مۇشۇ قانۇننىڭ 69-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خامچوتنى تەڭشەش قارارى چىقارسا بولمايدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قارار چىقىرىلغان بولسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تۈزىتىشكە ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بۇيرۇشى كېرەك.

71-ماددا خامچوتنى ئىجرا قىلىشتا، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت يانداش مەبلەغ چىقارمىسىمۇ بولىدىغان مەخسۇس يۆتكىمە چىقىمنى كۆپەيتىپ بەرگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان خامچوت چىقىمىدىكى ئۆزگىرىش خامچوتنى تەڭشەش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

كۆپەيگەن مەخسۇس يۆتكىمە چىقىمنى قوبۇل قىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئالاقىدار ئەھۋالنى دوكلات قىلىشى كېرەك؛ كۆپەيگەن مەخسۇس يۆتكىمە چىقىمنى قوبۇل قىلغان يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق ھۆكۈمەتلەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار ئەھۋالنى دوكلات قىلىشى كېرەك.

72-ماددا تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ خامچوت چىقىمىنى خامچوت ھېسابات تۈرى بويىچە ئىجرا قىلىش كېرەك. ئوخشاش بولمىغان خامچوت ھېسابات تۈرى، خامچوت دەرىجىسى ياكى تۈرلەر ئارا خامچوت مەبلىغىنى تەڭشەشنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك، ھەقىقەتەن تەڭشەپ ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش قىلىش كېرەك.

73-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى تەستىقلانغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت بىر دەرىجە يۇقىرى ھۆكۈمەتكە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

8-باب نەق چوت

74-ماددا نەق چوت لايىھەسىنى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، تارماقلار ۋە ئورۇنلار ھەر بىر خامچوت يىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ۋاقىت بويىچە تۈزىدۇ.

نەق چوت لايىھەسىنى تۈزۈشتىكى كونكرېت ئىشلارنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

75-ماددا تۈزۈلگەن نەق چوت لايىھەسى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئۇيغۇن بولۇشى، كىرىم-چىقىم چىن، سوممىسى توغرا، مەزمۇنى تولۇق بولۇشى، ۋاقتىدا يوللىنىشى شەرت.

نەق چوت لايىھەسى خامچوتقا ماس كېلىشى، خامچوتتىكى سانلار تەڭشەلگەن خامچوتتىكى سانلار ۋە نەق چوتتىكى سانلار ئايرىم كۆرسىتىلىشى كېرەك. ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمىنى فۇنكسىيەسى بويىچە تۈرگە، ئىقتىسادىي خاراكتېرى بويىچە تارماققا كىرگۈزۈش كېرەك.

76-ماددا تارماقلار قارىمىقىدىكى ئورۇنلارنىڭ نەق چوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە شۇ ئورۇننىڭ نەق چوت لايىھەسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزۈپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە تارمىقىغا تەكشۈرتۈشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە تارماقلىرى شۇ دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ نەق چوت لايىھەسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولمىغان جايلىرىنى بايقىسا تۈزىتىشكە ھوقۇقلۇق.

77-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى مەركەز نەق چوتى لايىھەسىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەن ئىقتىسادىي تەپتىش تارمىقىغا تەپتىش قىلدۇرغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ بېكىتىشىگە سۇنىدۇ، گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە تارمىقى شۇ دەرىجىلىك نەق چوت لايىھەسىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش تارمىقىغا تەپتىش قىلدۇرغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بېكىتىشىگە سۇنىدۇ، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق ھۆكۈمەت شۇ دەرىجىلىك نەق چوت لايىھەسىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ۋە تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ.

78-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مەركەز نەق چوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاشتىن 30 كۈن ئىلگىرى، ئالدىنقى يىللىق مەركەز نەق چوت لايىھەسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىگە سۇنۇشى كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا شۇ دەرىجىلىك نەق چوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاشتىن 30 كۈن ئىلگىرى، ئالدىنقى يىللىق شۇ دەرىجىلىك نەق چوت لايىھەسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىگە سۇنۇشى كېرەك.

رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا شۇ دەرىجىلىك نەق چوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاشتىن 30 كۈن ئىلگىرى، ئالدىنقى يىللىق شۇ دەرىجىلىك نەق چوت لايىھەسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىگە سۇنۇشى ياكى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتىغا يوللاپ پىكىر ئېلىشى كېرەك.

ناھىيەلىك، ئاپتونوم ناھىيەلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا شۇ دەرىجىلىك نەق چوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاشتىن 30 كۈن ئىلگىرى، ئالدىنقى يىللىق شۇ دەرىجىلىك نەق چوت لايىھەسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتىغا يوللاپ پىكىر ئېلىشى كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا شۇ دەرىجىلىك نەق چوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات سۇنۇشى كېرەك.

79-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ۋە يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك نەق چوت لايىھەسىدىكى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ:

(1) خامچوت كىرىمى ئەھۋالى؛

(2) چىقىم سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ۋە نۇقتىلىق چىقىم، چوڭ-چوڭ تۈر مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى ۋە ئۈنۈمى؛

(3) ئاغدۇرۇلغان مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى؛

(4) مەبلەغنىڭ ئېشىنىش ئەھۋالى؛

(5) شۇ دەرىجىلىك خامچوتنىڭ تەڭشىلىش ئەھۋالى ۋە ئىجراسى؛

(6) مالىيە يۆتكىمە چىقىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ئىجراسى؛

(7) تەستىقلانغان قەرزنىڭ كۆلىمى، قۇرۇلمىسى، ئىشلىتىلىش ۋە قايتۇرۇلۇش ئەھۋالى؛

(8) شۇ دەرىجىلىك خامچوت ئوبوروت مەبلىغىنىڭ كۆلىمى ۋە ئىشلىتىلىش ئەھۋالى؛

(9) شۇ دەرىجىلىك زاپاس خىراجەتنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى؛

(10) ئارتۇق قىلىنغان كىرىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالى، خامچوتنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەڭشەش فوندىنىڭ كۆلىمى ۋە ئىشلىتىلىش ئەھۋالى؛

(11) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان خامچوت قارارىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى؛

(12) نەق چوتقا ئالاقىدار باشقا مۇھىم ئەھۋاللار.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان ئالدىنقى يىللىق خامچوتنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمەت دوكلاتىغا بىرلەشتۈرۈپ، شۇ دەرىجىلىك نەق چوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

80-ماددا ھەر دەرىجىلىك نەق چوت تەستىقلانغاندىن كېيىن، مالىيە تارماقلىرى 20 كۈن ئىچىدە شۇ دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ نەق چوتىنى تەستىقلاپ بېرىشى كېرەك. تارماقلار شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە تارمىقى تەستىقلاپ بەرگەن ئۆز تارمىقىنىڭ نەق چوتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ 15 كۈن ئىچىدە قارىمىقىدىكى ئورۇنلارنىڭ نەق چوتىنى تەستىقلاپ بېرىشى كېرەك.

81-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەستىقلانغان نەق چوتنى ۋە بىر دەرىجە تۆۋەن ھۆكۈمەت ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللىغان نەق چوتنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بىر دەرىجە يۇقىرى ھۆكۈمەتكە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بىر دەرىجە تۆۋەن ھۆكۈمەت ئەنگە ئالدۇرغان نەق چوتنى ئومۇملاشتۇرغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

82-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بىر دەرىجە تۆۋەن ھۆكۈمەت مۇشۇ قانۇننىڭ 81-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللىغان نەق چوتنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا زىت جايلىرى ياكى نامۇۋاپىق جايلىرى بولغانلىقتىن، شۇ نەق چوتنى تەستىقلاش قارارىنى بىكار قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، دەپ قارىسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىپ قارار قىلىشىغا سۇنۇشى كېرەك؛ قاراپ چىقىش ئارقىلىق بىكار قىلىش قارار قىلىنغان بولسا، شۇ تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنى نەق چوت لايىھەسىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە يېڭىباشتىن تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە تەستىقلىشىغا سۇنۇشقا بۇيرۇشى كېرەك.

9-باب نازارەت قىلىش

83-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خامچوتى ھەم نەق چوتىنى نازارەت قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خامچوت ھەم نەق چوتنى نازارەت قىلىدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خامچوت ۋە نەق چوتنى نازارەت قىلىدۇ.

84-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى خامچوت ۋە نەق چوتقا دائىر چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ياكى مۇئەييەن مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق، ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەر، تارماقلار، ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى ۋە زۆرۈر ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.

85-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچقاندا، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ياكى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە، خامچوت، نەق چوتتىكى ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە سوئال ياكى سۈرۈشتۈرمە قويىدۇ، سوئال، سۈرۈشتۈرمە قويۇلغان ئالاقىدار ھۆكۈمەت ياكى مالىيە تارمىقى ۋاقتىدا جاۋاب بېرىشى شەرت.

86-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ھەر يىلى 6-ئايدىن 9-ئايغىچە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا خامچوتنىڭ ئىجراسىنى دوكلات قىلىشى كېرەك.

87-ماددا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خامچوتىنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىدۇ؛ تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خامچوتنىڭ ئىجراسىنى بىر دەرىجە يۇقىرى ھۆكۈمەتكە قەرەللىك دوكلات قىلىشى كېرەك.

88-ماددا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە تارمىقى شۇ دەرىجىلىك تارماقلار ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى ئورۇنلارنىڭ خامچوت تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ ھەمدە خامچوتنىڭ ئىجراسىنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە تارمىقىغا دوكلات قىلىدۇ.

89-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش تارمىقى خامچوتنىڭ ئىجراسى ۋە نەق چوتنى قانۇن بويىچە تەپتىش قىلىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.

خامچوتنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى دوكلاتىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش كېرەك.

90-ماددا ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئۆزىگە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ خامچوتنى ئىجرا قىلىشىنى نازارەت قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ، شۇ تارماقنىڭ خامچوتنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مالىيە تارمىقىغا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، خامچوتقا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تۈزىتىدۇ.

91-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىسا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا قانۇن بويىچە ئەرز-شىكايەت قىلسا بولىدۇ.

ئەرز-شىكايەتنى قوبۇل قىلغان دۆلەت ئورگىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە ئەرز-شىكايەت قىلغۇچىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئەرز-شىكايەت قىلغۇچىغا بېسىم ئىشلىتىشىگە ۋە ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

10-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

92-ماددا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلار مەمۇرىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) خامچوت لايىھەسى، خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى، نەق چوت لايىھەسى ۋە تارماق خامچوتى، نەق چوتىنى تۈزۈش، يوللاشتا شۇنىڭدەك خامچوت، نەق چوتنى تەستىقلاپ چۈشۈرۈشتە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) خامچوتنى تەڭشەشتە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(3) خامچوتقا ئالاقىدار ئىشلارنى ئاشكارىلاش ۋە ئىزاھلاشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(4) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھۆكۈمەت فوند تۈرى ۋە باشقا مالىيە كىرىم تۈرى تەسىس قىلغانلار؛

(5) قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خامچوت زاپاس خىراجىتى، خامچوت ئوبوروت مەبلىغى، خامچوتنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەڭشەش فوند ۋە ئاشۇرۇپ قىلىنغان كىرىمنى ئىشلەتكەنلەر؛

(6) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مالىيە مەخسۇس ئىسچوتى ئاچقانلار.

93-ماددا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن قوغلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ:

(1) ھۆكۈمەتنىڭ ھەممە كىرىم-چىقىمىنى خامچوتقا كىرگۈزمىگەن ياكى ساختا كىرىم-چىقىم پەيدا قىلغانلار؛

(2) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خامچوت كىرىمىنى كۆپ يىغقان، مۇدەتتىن بۇرۇن يىغقان ياكى ئاز يىغقان، كەچۈرۈم قىلغان، كېچىكتۈرۈپ يىغقانلار؛

(3) خەزىنىگە تاپشۇرىدىغان خامچوت كىرىمىنى قىسىپ قالغان، ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغان ياكى نېسى قىلغانلار؛

(4) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خامچوت چىقىمىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛

(5) يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس يۆتكىمە چىقىمىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛

(6) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خامچوت چىقىم مەبلىغى ئاجرىتىپ بەرگەن، خامچوت كىرىمىنى ئالغان، ئايرىغان، قالدۇرغان، تاپشۇرغان، قايتۇرغان ياكى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خەزىنىدىكى پۇلنى توڭلىتىۋەتكەن، ئىشلەتكەن ياكى خەزىنىدىكى پۇلنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن نېرى-بېرى قىلغانلار.

94-ماددا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قەرز ئالغان ياكى باشقىلارنىڭ قەرز ئېلىشىغا كېپىل بولغان ياكى نۇقتىلىق چىقىم مەبلىغىنى ئىشلىتىۋالغان ۋە ياكى خامچوتتىن سىرت شۇنىڭدەك خامچوتتىكى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بىنا-ساراي سالغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن قوغلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ.

95-ماددا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئورۇنلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئالداپ ئېلىۋالغان، ئىشلەتكەن مەبلىغى قايتۇرۇۋېلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئورۇنغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەنقىد قىلىنىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ:

(1) قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خامچوت كىرىمىنى يۇقىرىغا تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛

(2) ساختا مەلۇم قىلىش، ئېلىۋېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، خامچوت مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار؛

(3) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چىقىم دائىرىسىنى كېڭەيتىۋەتكەن، چىقىم ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈۋەتكەنلەر؛

(4) مالىيە باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.

96-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 92–، 93–، 94-ۋە 95-ماددىلىرىدا كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، جازالاش ھەققىدە باشقا قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

مۇشۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

11-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

97-ماددا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە تارماقلىرى ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى باغلاش تۈزۈمى ئاساس قىلىنغان ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىۋېرسال يىللىق دوكلاتىنى تەييارلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي مالىيە ئەھۋالى، يۈرۈشۈش ئەھۋالى ۋە مالىيەنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سىجىللىقىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

98-ماددا گوۋۇيۈەن مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، يولغا قويۇش نىزامىنى چىقىرىدۇ.

99-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ خامچوت باشقۇرۇشى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ؛ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدا بەلگىلىمە بولمىسا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

100-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ياكى ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، خامچوتنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش ھەققىدە ئالاقىدار قارار ياكى يەرلىك نىزام چىقارسا بولىدۇ.

101-ماددا بۇ قانۇن 1995-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1991-يىل 10-ئاينىڭ 21-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «دۆلەتنىڭ خامچوت باشقۇرۇش نىزامى» بىكار قىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/71849.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#