ئۆتكۈر خارەكتىرلىك نەپەس يولى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى (سارىس )بولسا SARS ۋىروسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى ،دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) ئۇنىڭغا ئۆتكۈر خارەكتىرلىك نەپەس يولى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى دەپ ئىسىم قويغان ،بۇ كېسەل نەپەس يولى ئارقىلىق يۇقىدىغان كېسەللىك بولۇپ ، ئاساسلىق تارقىلىش ئۇسۇلى بولسا يېقىن ئارلىقتىكى چاچراندىلاردىن ۋە گىرپتار بولغۇچىنىڭ نەپەس يولى ئاجرالمىللىرى بىلەن ئۇچرىشىش قاتارلىقلار .

ئۇيغۇرچە نامى سارىس
خەنزۇچە ئاتىلىشى 非典
دائىم كۆرىلىدىغان كېسەللىك قوزغىلىشى نەپەسلىنىش سېستىمىسى
مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر قىزىش
باشقىچە ئاتىلىشى ئېغىر ،جىددى خارەكتىرلىك نەپەس يولى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى
تارقىلىش يوللىرى چاچراندىلاردىن ۋە گىرپتار بولغۇچىنىڭ نەپەس يولى ئاجرالمىللىرى بىلەن ئۇچرىشىش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆتكۈر خارەكتىرلىك نەپەس يولى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى (سارىس )بولسا   SARS ۋىروسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى ،بۇ كېسەل نەپەس يولى ئارقىلىق يۇقىدىغان كېسەللىك بولۇپ ، ئاساسلىق تارقىلىش ئۇسۇلى بولسا يېقىن ئارلىقتىكى چاچراندىلاردىن ۋە گىرپتار بولغۇچىنىڭ نەپەس يولى ئاجرالمىللىرى بىلەن ئۇچرىشىش قاتارلىقلار .  2003 –يىلى 4- ئاينىڭ 16-كۈنى ،دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جوڭگۇنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىللىرى ۋە شىياڭگاڭ ،كانادا ،ئامرېكا قاتارلىق 11 دۆلەت ۋە رايوندىكى 13 تەجىربىخانىنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ئىشلىگەن تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلىنىپ ،جىددى خارەكتىرلىك ئېغىر نەپەس يولى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنىڭ بىرخىل يېڭى ۋىرۇس ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى ،ئۇنى سارىس ۋىرۇسى دەپ ئاتىدى .


 يوشۇرۇن مەزگىلى 1- 16 كۈنگىچە ،ئادەتتە 3-5 كۈنگىچە بولىدۇ  ،كېسەلنىڭ قوزغىلىشى جىددى ،قىزىش ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى بولىدۇ ،بەدەن تېمپىراتۇرىسى ℃38 تىن ئېشىپ كېتىدۇ ،قىزىشى ئىنتايىن تۇراقسىز بولىدۇ ، قىزىش بىر ئىككى ھەپتىگىچە داۋاملىشىدۇ ؛ئۇنڭىغا قوشۇلۇپ باشمۇ مۇسكۇللار ئاغرىيدۇ ،پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىدۇ ئىچى سۈرىدۇ ،كېسەل باشلىنىپ 3 -7  كۈندىن كېيىن قۇرۇق يۆتەل ،ئازراق بەلغەم پەيدا بولىدۇ ،كېسەللىكئەھۋالى 10 -14 كۈنگە يەتكەندە يۇقىرى پەللىگە چىقىپ ، قىزىش ۋە ماغدۇرسىزلىنىش كۈچىيىدۇ ،يۆتەلمۇ ئېغىرلايدۇ ،نەپەسلىنىش قىيىنلىشىدۇ ،ئازراق ھەرىكەت قىلسىلا دەم سىقىلىدىغان ، يۈرەك سالىدىغان بولۇپ قالىدۇ ،بۇ ۋاقىتتائاسانلا نەپەس يولىنىڭ ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشى كېلىپ چىقىدۇ .  كېسەللىك 2-3 ھەپتىدىن كېيىن ،قىزىش ئاستا ئاستا يانىدۇ ،باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ ئاجىزلايدۇ ھەتتا يوقايدۇ ،بەدەن تېېمپىراتۇرىسى ئەسلىگە كېلىپ يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېييىن نەپەسلىنىشپۈتۈنلەي نورمال ھالەتكە كېلىد ،يىنىڭ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كېسەلىك ئالامتى بىر قەدەر يىنىڭ بولىدۇ ،ئېغىرلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىمۇ ئېغىر بولىدۇ ،بالىلارنىڭ چوڭلارغا قارىغاندا بىر قەدەر يىنىك بولىدۇ ،

يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى كونتىرول قىلىش

⑴يۇقۇم ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش بۇ خىل كېسەلنى بايقىغان ياكى گۇمانلانغان ۋاقىتتا ،دەرھال سەھىيە ئالدىنى ئېلىغ تارماقلرىغا مەلۇم قىلىش كېرەك ،بالدۇر بايقاش ،بالدۇر ئايرىۋېتىش ،بالدۇر داۋالاش كېرەك .⑵يۇقۇملانغۇچىلارنى ئايرىپ داۋالاش، ئەگەر بۇ ىىل تىپتىكى كېسەللەر بايقالسا دوختۇرخانىلار دەرھال نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلرى بويىچە ئايرىپ داۋالاشۋە كۆزىتىش كېرەك .

 يۇقۇش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش

 ⑴ جەمىيەت ئونۋېرسال خارەكتىرلىك ئالدىن ئېلىش ،چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىۋە يىغىلىشلارنى  ئازايتىش ، ئاممىۋى ئورۇنلارنىڭ ھاۋا ئۆتىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ؛كېرەكسىز سۇلارنى بىرتەرەپ قىلىش سېستىمىسىنى ياخشىلاش ؛⑶ ياخشى بولغان شەخسى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ،قالايمىقان تۈكۈرمەسلىك ،كىشلەر ئالدىدا يۆتەلمەسلىك ، بىر ئىش قىلىپ بولغاندىن كېيىن قولنى پاكىز يۇيش .

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#