NTFS
NTFS مىكروسوفتنىڭ Windows NT يادروسى ئـاسـاس قىلىنغان مەشـغۇلات سىستېمىلىرىدا ئىشلەيدىغان، تور ۋە دىسكا نورمىسى، ھۆججەت مەخپىيلەشتۈرۈش قاتارلىق بىخەتەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان دىسكا باشقۇرۇش سىستېمىسى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
NTFS نى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەنFAT توغرىلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلايلى.
FAT دېگىنىمىز بولسا ئىنگلىزچەFile Allocation Table نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، مەنىسى ھۆججەت تەقسىملەش جەدۋىلى دېگەنلىك بولىدۇ. بىز ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەھمىيىتى قاتتىق دىسكا رايونىنى باشقۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. FAT16 ، FAT32 ،NTFS قاتارلىقلار بولسا نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھۆججەت باشقۇرۇش سىستېمىسىدۇر.
FAT16 بۇرۇنقى DOS ،Windows 95 قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كېيىن نەشردىن چىققان Windows98/2000/XP قاتارلىق سىستېمىلار FAT16 ھۆججەت سىستېمىسىنى قوللايدۇ. بۇ خىل ھۆججەت سىستېمىسى ئەڭ كۆپ بولغاندا2GB چوڭلۇقتىكى قاتتىق دىسكا رايونىنى باشقۇرالايدۇ.
FAT32 قاتتىق دىسكا سىغىمىنىڭ ئېشىشى بىلەنWindows 98 دىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولۇپ،FAT16 نىڭ كۈچەيتىلگەن نۇسخىسىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇ2TB (2048GB) قاتتىق دىسكا رايونىنى باشقۇرالايدۇ. ئەمما يەككە ھۆججەتنىڭ سىغىمى4GB دىن ئېشىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
NTFS مىكروسوفتنىڭ Windows NT يادروسى ئـاسـاس قىلىنغان مەشـغۇلات سىستېمىلىرىدا ئىشلەيدىغان، تور ۋە دىسكا نورمىسى، ھۆججەت مەخپىيلەشتۈرۈش قاتارلىق بىخەتەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان دىسكا باشقۇرۇش سىستېمىسى. NTFS ھۆججەت باشقۇرۇش سىستېمىسىدا يەككە ھۆججەتنىڭ سىغىمى4GB دىن چوڭ بولۇشىغا يول قويۇلىدۇ.
Windows NT يادروسى ئىشلىتىلگەن مەشغۇلات سىستېمىلىرىدىن Windows 2000/XP نىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەرNTFS ھۆججەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئىشلىتىشكە قاراپ يۈزلەندى.
FAT16 ، FAT32 ،NTFS ھۆججەت سىستېمىسىنى قوللايدىغان مەشغۇلات سىستېمىلىرى تۆۋەندىكىچە:
FAT16 نى قوللايدىغان سىستېمىلار:
Windows 95/98/me/nt/2000/xp،Unix ،Linux ، Dos
FAT32 نى قوللايدىغان سىستېمىلار:
Windows 95/98/me/2000/xp/vista
NTFS نى قوللايدىغان سىستېمىلار:
Windows nt/2000/xp/vista
FAT نى NTFS قا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى:
Windows 2000/XP دا FAT نى NTFS قا ئايلاندۇرۇش بۇيرۇقى تەمىنلەنگەن بولۇپ، بۇ بۇيرۇقنىڭ ئىسمى Convert.exe دۇر. بۇ بىرDOS بۇيرۇقى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق FAT رايونىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتمىغان ئەھۋالدا NTFS قا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
ئالدى Windows 2000/XP نىڭ DOS بۇيرۇقى كۆزنىكىگە كىرىپ، كۆرسەتمە بەلگە كەينىگە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يېزىپ ئىجرا قىلساق بولىدۇ.
D:\>convert D: /FS:NTFS
بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق FAT16/32 سىستېمىسىنىڭ خالىغان بىرى بولغان D: دىسكا رايونىنى NTFS ھۆججەت سىستېمىدىكى رايونغا ئايلاندۇرالايمىز. ( D: دىسكا رايونىنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىز قايسى رايوننى ئايلاندۇرماقچى بولساق شۇ رايون نامىنى يازساق بولىدۇ ) كومپيۇتېرنى قايتا بىر قېتىم قوزغاتقاندىن كېيىن ئايلاندۇرۇش كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
بۇندىن باشقا مەخسۇس قاتتىق دىسكىنى رايونلارغا ئايرىش قوراللىرى (مەسىلەن،Partition Magic) ئارقىلىقمۇ دىسكا ھۆججەت باشقۇرۇش سىستېمىلىرى ئارىسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.