يايلاق

يايلاق يەر شارى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ بىر خىلى. تىروپىك بەلباغ يايلىقى، مۆتىدىل بەلباغ يايلاق قاتارلىق كۆپ خىل تۈرى بار، ئۇ يەر شارىدىكى تارقىلىشى ئەڭ كەڭ بولغان يېپىنچا ئۆسۈملۈك تىپى. ئوتلاق شەكىللىنىش سەۋەبى بولسا تۇپراق قاتلىمى نېپىز ۋە ھۆل-يېغىن ئاز بۇلۇپ، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك تەسىرگە ئۇچرىغان كىچىك، ئەمما كەڭ بولمايدىغان ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ.



ئۇيغۇرچە نامى يايلاق
چەتئەلچە نامى grassland
ئۇمۇمىي كۆلىمى 400 مىليون گېكتار
خەنزۇچە نامى 草原
باشقا نامى ئوتلاق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يايلاقجۇڭگونىڭ يايلىقى Steppe (مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنى بېكىتىش كومىتېتى)، (ئىنگلىزچە: Steppe)؛ stipa نامىدىن كەلگەن. (لاتىنچە: سىلو، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئۆسۈملۈك، سىلو جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى يايلاق تۈركۈم ھاسىل قىلغۇچى تۈر، ئۈستۈنلۈككە ئىگە تۈر).

جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئوتلاق بايلىقى ئەڭ مول دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئوتلاق كۆلىمى ئاز كەم 400 مىليون گېكتار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %40 نى ئىگەللەيدۇ، ھازىر با بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. ئەگەر جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبىغىچە بىر قىيپاش سىزىق، يەنى شەرقىي شىمالدىكى ۋەنداشەن تېغىدىن باشلاپ، سەددىچىن سېپىلىدىن ئۆتۈپ، لۈلياڭ تاغلىقنى بويلاپ، يەنئەن ئارقىلىق غەربىي جەنۇبقا بېرىپ چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە قەدەر. جۇڭگونىڭ ئىككى چوڭ جۇغراپىيىلىك رايونى بار: شەرقىي جەنۇب قىسمى ئېدىرلىق تۈزلەڭلىكىكە جايلاشقان، دېڭىز-ئوكيان بىر قەدەر يېقىن، ھاۋا كىلىماتى ئىللىق، نەم، كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق رايونى؛ غەربىي شىمال قىسمى كۆپ ئېگىز تىك تاغ، دېڭىز-ئوكيان، ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق، قۇم ئارىلاش بوران بىر قەدەر كۆپ بولغان ئاساسىي ئوتلاق رايونى.

شەكىللىنىشى ۋە چىكىنىشى 

يايلاق شەكىللىنىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تۇپراق قاتلىمى نېپىز، ھۆل-يېغىن ئاز، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك تەسىرگە ئۇچرايدىغان كىچىك، ئەمما كەڭ بولمايدىغان ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ. 

ئۇزۇن مۇددەت ھەددىدىن زىيادە بوز يەر ئېچىش ۋە ھەددىدىن زىيادە مال بېقىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، جۇڭگونىڭ يايلاقلىرىنىڭ قۇملىشىپ كېتىشى، چېكىنىش ھادىسىسى بىر قەدەر ئېغىر. ئوتلاق بايلىقى مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداش — كىشىلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما.

ئېگىز ھەم سوغۇق رايون يايلاق تىپى

يايلاق تىپىئېگىز ھەم سوغۇق رايون يايلاق تىپى __ سوغۇق ھەم قۇرغاق بولغان ئېگىز تاغ، كەنجى ئېگىز تاغ رايونىدا يېتىلگەن بىر خىل ئالاھىدە يايلاق تىپى. كوئىنلون تېغى، پامىر ئېگىزلىكى، تەڭرىتاغ ۋە ئالتاي تاغلىرىغا تارقالغان. ئومۇمىي كۆلىمى 4 مىليون 331 مىڭ 900 گېكتار، پايدىلىنىشقا بولىدىغان كۆلىمى 3 مىليون 860 مىڭ 900 گېكتار بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا پۈتۈن شىنجاڭ ئوتلاق كۆلىمى ۋە پايدىلىنىشقا بولىدىغان كۆلەمنىڭ %7.6 ۋە %8 ىنى ئىگىلەيدۇ. تارقالغان رايونلاردا كىلىمات قۇرغاق ۋە سوغۇق بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا سېلىسىيە 0 گىرادۇستىن تۆۋەن، ھۆل-يېغىن مىقدارى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئازىيىپ بارىدۇ. تۇپرىقى ئېگىز ھەم سوغۇق رايون ئوتلاق تۇپرىقىنى ئاساس قىلىدۇ. كوئىنلون تېغىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئويمانلىق رايونىدا كۆپىنچە قۇم-شېغىللىق ۋە قۇملۇق تۇپراقنى ئاساس قىلىدۇ. ئۆسۈملۈك يېپىنچىسىنڭ قۇرۇلمىسى سوغۇق ھەم قۇرغاق مۇھىتقا ماسلىشىدىغان غۇژمەك ئۆسىدىغان باشاقلىق ئوتلارنى ئاساس قىلىدۇ. ئۈستۈنلۈككە ئىگە سورتى ئاساسلىقى سۆسۈن چېچەك تىپچاق، تەمە، قاتتىق يوپۇرماقلىق قوغاژاي قاتارلىقلار كۇئىنلون، پامىر ئېگىزلىكىدە تاغنىڭ ئېگىزلىشىگە، سوغۇق ۋە قۇرغاقلىق دەرىجىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ قۇرغاقلىققا، سوغۇققا بەرداشلىق ئەمەن تۈرىدىكى يېرىم چاتقال ۋە ياتما يېرىم چاتقاللار كۆپىيىپ، چۆللۈك ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئوت تۈركۈمىنىڭ قۇرۇلمىسى مول ئەمەس، چارۋا باقىدىغان ئوت-چۆپلەر تەخمىنەن 40 تۈردىن تۆۋەن بولۇپ، ئۆسۈشى شالاڭ، ئوت-چۆپ قاتلىمى پاكار، ئوت-چۆپ چىقىش مىقدارى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئوت-چۆپ قاتلىمىنىڭ ئېگىزلىكى 10 ~ 20 سانتىمېتىر، قاپلىنىش دەرىجىسى %20 ~ %40، ھەر گېكتارنىڭ ئوت-چۆپ مىقدارى 450 ~ 1200 كىلوگرام.

مۆتىدىل چۆللۈك يايلاق تىپى

يايلاقمۆتىدىل چۆللۈك يايلاق تىپىنىڭ تارقىلىشى بىر قەدەر كەڭ، ئومۇمىي كۆلىمى 6 مىليون 298 مىڭ 600 گېكتار، پايدىلىنىشقا بولىدىغان كۆلىمى 5 مىليون 809 مىڭ 700 گېكتار بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا پۈتۈن شىنجاڭ ئوتلاق كۆلىمىنىڭ %11 ۋە %12.1 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق كىلىمات شارائىتىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئوتلاقچىملىقى ئىچىدە ئەڭ قۇرغاق تىپ ھېسابلىنىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 150 ~ 300 مىللىمېتىر. تۇپرىقى سېرىق تۇپراق، قۇم-شېغىللىق سۇس كاشتان تۇپراق ۋە كاشتان تۇپراق. شىمالىي شىنجاڭدا تاغ ئالدى تۈزلەڭلىكلىرى ۋە ئوتتۇرا تۆۋەن تاغ بەلبېغىغا تارقالغان، جەنۇبىي شىنجاڭدا بولسا، ئوتتۇراھال تاغ بەلبېغى ۋە كەنجى ئېگىز تاغ بەلۋېغىغىچە سوزۇلغان. ئۆسۈملۈك يېپىنچىسىنىڭ قۇرۇلمىسى قۇرغاق مۇھىتقا ماسلىشىدىغان كۆپ يىللىق ئۇششاق باشاقلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئاساس قىلىدۇ. كۆپ مىقداردىكى چۆللۈك ئەمەن تىپىدىكى يېرىم چاتقاللار، شورلۇق يېرىم چاتقاللارۋە قۇرغاق مۇھىتتا ماسلىشىدىغان چاتقاللار ئارىلىشىپ ئۆسكەن. ئارىلىشىش دەرىجىسى %30 ~ %50 كە يېتىدۇ. چۆللۈك ئوتلىقىنىڭ تۈرلىرىنىڭ موللۇقى، قاپلىنىش دەرىجىسىۋە ئوت-چۆپ مىقدارىئومۇمىيۈزلۈك باشقا ئوتلاقلاردىن تۆۋەن تۇرىدۇ. ئوت قاتلىمىنىڭ ئېگىزلىكى ئادەتتە 10 ~ 30 سانتىمېتىر بولۇپ، قاپلىنىشى %15 ~ %40، ھەر گېكتارنىڭ ئوت-چۆپ مىقدارى 855 ~ 1200 كىلوگرام.

مۆتىدىل چىملىق يايلاق تىپى

يايلاقمۆتىدىل چىملىق يايلاق تىپىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1 مىليون 166 مىڭ گېكتار، پايدىلىنىشقا بولىدىغان كۆلەم 1 مىليون 86 مىڭ 200 گېكتار بولۇپ، ئايرىم–ئايرىم ھالدا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوتلاق كۆلىمى ۋە پايدىلىنىشقا بولىدىغان كۆلەمنىڭ %2 ۋە %2.3 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئاساسەن تەڭرىتاغ سۇ بۆلگۈچ داۋانىنىڭ شىمالىدىكى تاغلارنىڭ ئوتتۇرھال تاغ بەلۋېغىغا، يەنى تاغلىق يىڭنە يوپۇرماق ئورمانلىق بەلۋېغىنىڭ تۆۋەنكى قىرغىقىغا جايلاشقان ياكى تاغلىق چىملىقنىڭ كۈنگەي باغرى بىلەن تاغلىق قۇرغاق ئوتلاقنىڭ تەسكەي باغرىنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ، كەڭلىكى تەخمىنەن 100–200 مېتىر كېلىدىغان، ئۇلاشمىغان بەلۋاغ شەكلىدە جايلاشقان. چىملىق ئوتلىقى جايلاشقان رايونلارنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىللىق نەم بولۇپ، يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى 350–450 مىللىمېتىر، تۇپرىقى تاغلىق قوڭۇر كاشتان تۇپراق، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاساسلىقى ئوتتۇرھال قۇرغاق مۇھىتقا ماسلىشالايدىغان ۋە قۇرغاق مۇھىتقا كەڭ دائىرىدە ماسلىشالايدىغان كۆپ يىللىق باشاقلىق ئۆسۈملۈكلەر. ئوتلاقتىكى ئۈستۈنلۈككە ئىگە تۈرلەر، ئاساسلىقى تىپچاق، يايلاق قوغچىيى، سىلو، ئىنچىكە يوپۇرماق قوڭۇر باش، شىنجاڭ قوڭۇر بېشى، تېۋىلغا، ئازغان، شىنجاڭ ئارچىسى ۋە مەرۋەرەك قاتارلىقلار. تاغلىق چىملىق ئوتلىقىدا ئوت-چۆپ تۈرى مول، بىرقەدەر قويۇق ئۆسىدىغان بولۇپ، ئوت–چۆپ ئېگىزلىكى ئادەتتە 30–40 سانتىمېتىر، قاپلاش دەرىجىسى %60–%70 بولۇپ، ھەر گېكتارنىڭ ئوت-چۆپ مىقدارى 3500–4560 كىلوگرامغا يېتىدۇ.[3]

جۇڭگونىڭ يايلىقى ئادەتتە بەش چوڭ رايون قىلىپ ئايرىلغان. شەرقىي شىمالدىكى يايلاق رايونى، موڭغۇل يايلاق رايونى، شىنجاڭ يايلاق رايونى، چىڭخەي-شىزاڭ يايلاق رايونى، رايونلاردىكى يايلاق تاغ باغىرلىرى رايونى. 

شەرقىي شىمالدىكى يايلاق رايونى

شەرقىي شىمالدىكى يايلاق رايونى جىلىن، لياۋنىڭ 3 ئۆلكىنىڭ غەربىي ۋە ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي شىمالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەر مەيدانى پۈتۈن مەملىكەت يايلاق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %2.

موڭغۇل يايلاق رايونى

يايلاقموڭغۇل يايلاق رايونى ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ ئىككى ئۆلكىسى، ئاپتونوم رايونلارنىڭ كۆپ قىسمى ۋە نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ پۈتۈن قىسمى، خېبېينىڭ شىمالى، شىمالىي شەنشىنىڭ يايلاق رايونلىرى  قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر مەيدانى پۈتۈن مەملىكەت يايلاق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %30 نى ئىگەللەيدۇ. بۇ رايوندىكى كۆپ قىسمى ئېگىزلىكلەردە. مەسىلەن: ئىچكى موڭغۇل ئېگىزلىكى، سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك. بۇ رايوننىڭ كىلىماتى تىپىك مۇسسون ئىقلىمى بۇلۇپ، قىشلىقى سوغۇق ۋە قۇرغاق، ياز پەسلىدە ئىللىق، نەم، يامغۇر كۆپ ياغىدۇ، كىلىماتى ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئوت-چۆپ تۈرلىرى مول، سۈپەتلىك ئوت-چۆپ 200 خىلدىن ئاشىدۇ. مەسىلەن: ئوت، ئېلىمۇس ئوتى، ئارپا پاخىنى، ئارپىغان، سىلو، چىلگە باشاق، ياۋا بېدە، سوغۇق ئەمەن قاتارلىقلار. چارۋىلاردىن ئاساسلىقى كالا، ئات، قوي، ئۆچكە ۋە تۆگە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئىچكى موڭغۇل يايلىقى ئۆز رايونىدىكى ئاساسىي گەۋدە بۇلۇپ، خۈلۈنبۇير يايلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شىلىنغول يايلىقىنىڭ ئۇلانچاپ ئوتلاق ۋە ئوردوس يايلىقىدىكى قاتارلىقلار بار.

شىنجاڭ يايلاق رايونى

يايلاقشىنجاڭ يايلاق رايونى شىمالدا ئالتاي تاغلىرى ۋە جۇڭغارىيە پاسىل تاغلىرى، جەنۇبتا كۇئېنلۇن تېغى ۋە ئالتۇن تاغ ئوتتۇرىسىدا، يەر مەيدانى پۈتۈن مەملىكەت يايلاق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %22 نى ئىگەللەيدۇ. رايون ئارىلىقى ئوكيانلاردىن ئىنتايىن يىراق بولۇپ، ئەتراپىدىكى ئېگىز تاغلاردىن ھالقىپ، دېڭىز-ئوكيان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىشى تەس، شۇڭا قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ. ئوت- چۆپ تۈرلىرىدىن تىپچاق، ئارپىغان، تارغاقچۆپ، قوغاجاي، سىلىق ياۋا سۇلۇ، ئۈچقۇلاق قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق چارۋىلىرىدىن شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى، «ئۈچ شىمالىي رايون» ئەلتېرە قويى ۋە غۇلجا ئېتى قاتارلىقلار بار.

چىڭخەي-شىزاڭ يايلاق رايونى

چىڭخەي-شىزاڭ يايلاق رايونى جۇڭگونىڭ غەربىي جەنوب قىسمىغا، شىمالدا كۇئىنلۇن تېغى ۋە چىلەنشەن تېغى، جەنۇبتا ھىمالايا تېغى، غەربتە پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بۇلۇپ، چىڭخەي-شىزاڭ ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمى، سىچۇەن، يۈننەن ئۆلكىلىرىنىڭ غەربى شىمالى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر مەيدانى پۈتۈن مەملىكەت يايلاق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %32 نى ئىگەللەيدۇ، دۇنيادىكى بىردىنبىر ئېگىزلىك ئوتلاق رايونى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ مۇھىم چارۋىچىلىق بازىلىرىنىڭ بىرى، قوتاز، تىبەت قويى، سېرىق كالا قاتارلىق ھايۋانلار كۆپ چىقىدۇ. 

رايونلاردىكى يايلاق تاغ باغىرلىرى رايونى

يايلاقرايونلاردىكى يايلاق تاغ باغىرلىرى رايونى: جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ كەتكەن ئوت–ئېدىرلارنى ئۆزلەشتۈرۈش ھەم ئۇلاردىن نۇرغۇن پارچە يايلاق شەكىللەندۈرۈش، بۇ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ رايونلاردىكى ئوتلاق تاغ باغىرلىرى رايونى بۇلۇپ، ئوت-چۆپ ۋە بېقىلىۋاتقان قوي-كالا قاتارلىق چارۋىلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ.

ئوت-چۆپ تېرىش 

يايلاقجۇڭگونىڭ يايلاق چارۋىچىلىق مەيدانلىرى ھەر يىلى 10-ئايدىن كېيىنكى يىلى 4-ئايغىچە قۇرۇق ئوت مەزگىلى، شۇنداقلا يايلاقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى ۋە مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن بولغان تەبىئىي يايلاق قۇرۇق ئوت مەزگىلى بولىدۇ. تەجرىبىلەردىن ئاساسلىنىشچە ئەلا سورتلۇق ئوت-چۆپ تېرىشنى كەڭ كۆلەمدە ماس كېلىدۇ، شىمالدا يەنە سۆسۈن گۈللۈك بېدە، ئېلىمۇس ئوتى، سىبىرىيە غىشىسى، جۇڭگو بىداياقى، قىلتىرىقسىز ئارپىخان، قىزىل بۇيا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت؛ جەنۇبتا قىزىل ئۈچقۇلاق، ئاق ئۇچقۇلاق، نىھراز ئوتى، كۆپ يىللىق مەستەك، تارغاقئوت قاتارلىقلار بار. 

سۇغىرىش

جۇڭگو يايلىقىنىڭ كۆپ قىسمى قۇرغاق رايون، ئوت-چۆپ سۇسىزلىقتىن قۇرۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سۇغىرىش ۋە ياخشىلاش ـــ ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. 1976-يىلدىن 1978-يىلغىچە، شىنجاڭ تەڭرىتاغ شىمالىي ئېتىكى تاغ چاپمىلىق مۇۋاپىق سۇغىرىش كېيىن، ئوت-چۆپ قاتلىمىنىڭ ئېگىزلىكى 15-17 سانتىمېتىردىن  كۆپىيىپ 60 ~ 80 سانتىمېتىر بولغان، قاپلاش دەرىجىسى %50 تىن ٪100 كە يەتكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۇغىرىلغاندىن كېيىن ئۆسۈملۈك تۈرلىرىدىن پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئوت-چۆپلەر ٪10.9 تەرىپىدىن ٪65.2 كە كۆپىيىپ، ياۋا ئوت-چۆپلەر كۆرۈنەرلىك ئازايغان. 

ئوتلاق سۇغىرىشتا كۆپىنچىسى ئۆز مەيلىچە باستۇرۇپ سۇغىرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، شارائىتى يار بېرىدىغان جايلار بىر قەدەر ئىنچىكە چۆنەكلەپ تاختىلاپ سۇغىرىش  ئېلىپ بېرىش كېرەك. پۈركۈپ سۇغىرىش بولسا تېخىمۇ ئىلغار بولغان سۇغۇرۇش تېخنىكىسى بۇلۇپ، ئوت-چۆپ مەھسۇلاتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشكە ھەمدە سۇ بايلىقىنى تېجەشكە بولىدۇ. 

 چاشقان، ھاشارەتلەر ئاپىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش 

يايلاقجۇڭگو يايلىقىدا 170 خىلدىكى خىلمۇخىل غاجلىغۇچى ھايۋانلار ياشايدۇ، چاشقاننىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىرىدىن 80 نەچچە خىلى بار. مەسىلەن: ئېتىز چاشقىنى، قارىغۇ چاشقان، سېرىق چاشقان، قۇملۇق چاشقىنى، سۇغۇر قاتارلىقلار بار. بۇ زىيانلىق چاشقاننىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، يۇقىرى بولغاندا ئوت-چۆپلەرنى قېزىپ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى نابۇت قىلىدۇ. ئوتتۇرا دەرىجىدىكى چاشقانلاردىن ئادەتتە يايلاقنىڭ ھەر گېكتار زىيانلىق چاشقان 100 ~ 300 گىچە بولدۇ؛ چاشقان ئاپىتى ئىنتايىن ئېغىر يايلاق رايۇنلىرىدا ھەر گېكتار يەرگە زىيانلىق چاشقان 1000 ~ 2 گىچە بۇلۇپ، بۇنىڭ بىلەن ھەممە يەر چاشقان تۆشۈكى، يايلاقلارنى ئۆتمىتۆشۈك قىلۋىتىپ، ئوت-چۆپلەرنىڭ يىلتىزىنى تۇپراقتىن ئايرىلىپ يايلاقتىن  پايدىلىنىش قىممىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. جۇڭگونىڭ شىمالىي ۋە غەربىي قىسىمدىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى يايلاق چاشقان ئاپىتى ئېغىر بولۇپ، ھەر يىلى چاشقان ئاپىتى يۈز بەرگەن كۆلەم ھەممىسى hm 107×2 دىن يۇقىرى. 

جۇڭگو يايلاقتىكى زىيانداش ھاشارەتلەر ئىچىدە ھەر خىل چېكەتكە، يايلاق زەھەرلىك پەرۋانىسى، يايلاق كېپىنىكى، يايلاق يوپۇرماق قىنى يوپۇرماق قوڭغۇزى قاتارلىق ئاساسلىق زىيانداش ھاشارات ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە چېكەتكە ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدۇ. شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق رايونلاردىكى يايلاقتا تارقىلىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ. يايلاق تۈكلۈك قۇرتى كۆپىنچىسى چىڭخەي، گەننەن، سىچۈەن غەربىي شىمال، چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىدە ھاشارات ئاپىتى يۈز بەرگەن، %50 ~ %80 ئوت-چۆپ زىيانداش ھاشاراتلار تەرىپىدىن يىيىلگەن، ھاشارات زىيىنى ئېغىر بولغاندا، يەر يۈزىدىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ ھەممىسىنى يەپ بولىدۇ. جۇڭگونىڭ يايلاقلىرىدا ھاشارەت ئاپىتى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ ، ھەر يىلى تەخمىنەن 5 × 106 hm يايلاقلاردا زىيانداش ھاشارەت ئاپىتى يۈز بېرىدۇ. 

سۈنئىي ئۇسۇلدا ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرى

جۇڭگونىڭ يايلاقلىرىدا چاشقان ۋە ھاشارات يوقىتىش خىزمىتىنى زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن. مەملىكەت بويىچە يايلاق چاشقان ۋە ھاشارات يوقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۆلىمى ھەر يىلى تەخمىنەن 3 مىليون 500 مىڭ گېكتار، چاشقان ۋە ھاشارەت ئاپىتى يۈز بەرگەن كۆلەمنىڭ %30~%20 يوقىتىلغان، بۇنىڭ بىلەن يايلاق چېكەتكىسى ئاپىتى تىزگىنلەنگەن، يايلاق چاشقان ئاپىتى يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنى پەسەيگەن. يەنە بىر تەرەپتىن خىمىيەلىك ئالدىنى ئېلىش-يوقىتىش ئېلىپ كەلگەن مۇھىت بۇلغىنىش ئازايتىش ئۈچۈن بىىولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىش-يوقىتىش كۆلىمى ھەر يىلى ھەممىسى %10~%5 لىك سۈرئەت بىلەن ئاشقان. 1995-يىلى مەملىكەت بويىچە يايلاق جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۆلىمى ئومۇمىي كۆلىمى %40 يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. [2] 



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#