ئاندرېۋ ۋىلىس

ئاندرېۋ ۋىلىس

ئاندرېۋ ۋىلىس 1953-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەنگلىيىنىڭ كامبرىج (Cambridge) دە تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئاندرېۋ ۋىلىس
باشقا نامى 安德鲁·外尔斯
يۇرتى كامبرىج
كەسپى ماتېماتىكا ئالىمى
چەتئەلچە نامى Andrew Wiles
خەنزۇچە ئاتىلىشى 安德鲁·怀尔斯
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1953-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېرتون ئىنستىتۇتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاندرېۋ ۋىلىسئاندرېۋ ۋىلىس 1953-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەنگلىيىنىڭ كامبرىج (Cambridge) دە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئىلاھىيەتشۇناس ھەم دىن كەسپىدىن ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى (Oxford University) دا دەرس بېرەتتى. ئاندرېۋ ۋىلىسنىڭ بۇ ۋاقتىدا ماتېماتىكىدا قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقى توغۇرلۇق ھېچقانداق خاتىرە مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئۇ 10 يېشىدىلا فەرمات ئاخىرقى تېئورېمىسىغا قىزىققان ئىكەن. ئۇ ئۆزى تۇرۇۋاتقان يەردىكى بىر كىتابخانىدا فەرمات ئاخىرقى تېئورېمىسى بىلەن بىرىنچى قېتىم ئۇچراشقان. ئاندرېۋ ۋىلىس مۇنداق ئەسلەيدۇ: «بۇ مەسىلە كۆرۈنۈشتە بەكمۇ ئاددىي بولسىمۇ بىراق داڭلىق ماتېماتىكا ئالىملىرى بۇ مەسىلىنى يېشەلمىگەن. بۇ يەردىكى مەسىلە 10 ياشلىق بىر بالىنىڭ ئۇنى چۈشەنگەنلىكى، مەن مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بۇ مەسىلىنى قەتئىي قويۇپ بەرمەسلىكنى ئويلىدىم». ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ كۆپلىگەن ياشلىق ۋاقتىم مۇشۇ مەسىلىنى ئىسپاتلاش بىلەن ئۆتتى. ئۇ 1974 يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتتا باكالاۋرلىق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن، كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چلارە مەكتىپىگە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن كىرىدۇ. Clare مەكتىپىدە ئۇ ئېلىپىسلىق ئەگرى سىزىقلارنى ئۆگىنىدۇ. ئۇ 1977-يىلى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا، 1980-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. 1982-يىلى ئامېرىكىغا كېلىپ نەۋ جەرسەيدىكى پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى بولغان. 

ئاندرېۋ ۋىلىسئەگەر «n» بولسا 2 دىن چوڭ بولغان تەبىئىي سان (n=3، 4، 5،…) بولغاندا، y^n + x^n =z^n نى قانائەتلەندۈرىدىغان پۈتۈن سانلار يېشىمى x, y, z لار مەۋجۇت ئەمەس. ئەگەر n=2 بولسا يەنى x^2 +y^2 = z^2 بولسا بۇ پىفاگور (Pythagoras) تېئورېمىسى بولدى. بۇ چاغدا تەڭلىمە پۈتۈن سانلار يېشىمىگە ئىگە بولىدۇ. مەسىلە ھەل بولۇشنىڭ ئېھتىماللىقى 1980-يىلىدىن باشلاپ ئاندرېۋ ۋىلىسدا بۇ قىيىن مەسىلىنى يېڭى ئۇسۇل بىلەن يېشىشنىڭ ئېھتىمالى پەيدا بولۇشقا باشلىنىدۇ. بۇنداق بولىشى گېرمانلىق ماتېماتىكا ئالىم Gerhar Frey ئېلىپىسلىق ئەگرى سىزىقلارنىڭ (تۇخۇمنى پەرەز قىلىڭ) فەرمات تەڭلىمىسىگە قوللىنىش پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئېلىپىسلىق ئەگرى سىزىقلارنى تەڭلىمىگە باغلاش پەرىزىنى 1954-يىلى ياپونلۇق 2 ماتېماتىكا ئالىمى تانىياما ھەم شىمۇرا ئوتتۇرىغا قويغان. 1986-يىلى ئامېرىكىلىق ماتېماتىك Kenneth A. Ribert  بولسا Gerhar Frey  پەرىزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاندرېۋ ۋىلىس، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ Ribet پەرىزىگە يېقىنلىشىدۇ. ئۇ مۇنداق ئويلايدۇ: ئەگەر تانىياما-شىمۇرا پەرىزىنى ئىسپاتلاپ چىقسام مەنتىقە جەھەتتىن فەرمات ئاخىرقى تېئورېمىسىنى ئىسپاتلاپ چىقالىشىم مۇمكىن.

ئاندرېۋ ۋىلىسئاندرېۋ ۋىلىس بولسا Ribert پەرىزىنىڭ Ribert تەرىپىدىن ئىسپاتلانغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن تانىياما-شىمۇرا بىلەن فەرماتنىڭ ئۆزئارا باغلىنىش بارلىقىغا كۈچلۈك ئىشىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن مۇشۇنى ئۇققاندىن كېيىن، مېنىڭ ھاياتىم ئۆزگەردى. بۇ دېگىنىم تانىيام-شىمۇرا پەرىزىنى ئىسپاتلىساقلا فەرمات ئاخىرقى تېئورېمىسىنى ئىسپاتلاپ چىقالايمىز. ئاندرېۋ ۋىلىس، ئۆزىنىڭ پۈتۈن زېھنىنى بۇ تېئورېمىنى ئىسپاتلاشقا قارىتىپ باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. يەنى 1986-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇ بۇ تېئورېمىنى ئىسپاتلاشنى قارار قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئايالى Nada بىلەن يېقىن دوستلىرىدىن باشقا ئادەمگە تىنمايدۇ. ئۇنىڭ باشقىلاردىن ئايرىلىپ بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلىشىنىڭ يەنى بىر سەۋەبى رىقابەتلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش. ئۇ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرسا باشقىلاردىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ باشقا پەرەزلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تەتقىقاتنىڭ بىر يۆنىلىشتە مېڭىشىغا ئېغىر تەسىرى بولۇشى مۇمكىن.

ئاندرېۋ ۋىلىس 7 يىلنى مۇشۇ فەرمات تېئورېمىسىنى ئىسپاتلاشقا قارىتىدۇ. بۇ 7 يىلدا ئۇ دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىنى بالىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەندىن باشقا ۋاقتىدا مۇشۇ مەسىلىنى يېشىش بىلەن بولىدۇ. ئۇ ماڭسا ئولتۇرسا مۇشۇ مەسىلىنى ئويلايدۇ. ئۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن بۇ مەسىلىنى ئويلاپ ياتىدۇ. ئۇ مۇشۇنداق تىرىشىش، تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە 1993-يىلى بۇ تېئورېمىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. بۇ نەتىجىسىنى ئايالىدىن باشقا ئادەمگە ئۇقتۇرمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسپاتىنى 200 بەتلىك قەغەزگە يىغىنچاقلاپ، 1993-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى بۇ تېئورېمىنىڭ ئىسپاتىنى كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نيۇتون ئىنىستىتۇتىدا ئېلان قىلىدۇ. ئىسپاتنىڭ كۆپ قىسىمى تانىياما-شىمۇرا پەرىزىنىڭ توغرىلىغىنى ئىسپاتلاش ئىگەلەيدۇ. فەرمات تېئورېمىسىنىڭ ئىسپاتى ئېلان قىلىنىپ ئاز ئۆتۈپ، كامبرىجدىكى ماتېماتىك Richard Taylor تەرىپىدىن ئىسپاتنىڭ ئىچىدىكى خاتالىق كۆرسىتىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئاندرېۋ ۋىلىس تېئورېمىنىڭ ئىسپاتىغا قايتا كىرىشىدۇ. ئۇ 18 ئايلىق قاتتىق تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە ئاخىرى بۇ تېئورېمىنى مۇكەممەل ئىسپاتلاپ چىقىپ 300 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ داڭلىق ماتېماتىكا مەسىلىسىگە خاتىمە بېرىدۇ. فەرمات تېئورېمىسىنىڭ مۇكەممەل ئىسپاتى پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاندرېۋ ۋىلىسنىڭ نەتىجىلىرىنى دۇنيادىكى داڭلىق مەتبۇئاتلار ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىسپاتىنى دۇنيادىكى ماتېماتىكلار ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇ ھازىر Princeton ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى. ئاندرېۋ ۋىلىسنىڭ بۇ نەتىجىلىرىگە خەلقئارا ماتېماتىكا Péni مەركىزى ھەم خەلقئارا ماتېماتىكا بىرلەشمىسى ئالاھىدە مۇكاپات سوۋغا قىلىدۇ. 1998-يىلى، ئۇ يەنە "King Faisal International Prize" مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ قىممىتى 200،000 ئامېرىكا دوللار.

[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#