جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى

جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى
جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى 19- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا يۈز بەرگەن ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى، يەنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبتىكى ئېكىنزار قۇلدارلىرىنىڭ قوراللىق توپىلىڭىغا قارشى تۇرۇپ، فېدېراتسىيىنىڭ بىرلىكىنى قوغداش يولىدىكى ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

نامى جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى
ۋاقتى 1964-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى __ 1965-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى
خەنزۇچە نامى 南北战争
ئورنى ئامېرىكا، ئامېرىكا جەنۇبىي
نەتىجىسى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى غەلبە قىلىپ، قۇلدارلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىنغان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جەنۇبشىمال ئۇرۇشىجەنۇب-شىمال ئۇرۇشى 19- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا يۈز بەرگەن ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى، يەنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبتىكى ئېكىنزار قۇلدارلىرىنىڭ قوراللىق توپىلىڭىغا قارشى تۇرۇپ، فېدېراتسىيىنىڭ بىرلىكىنى قوغداش يولىدىكى ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا ئېكىنزار ئىگىلىكى ئاساسىدىكى نېگىرلارنى قۇل قىلىش تۈزۈمى راۋاجلاندۇرۇلدى، شىمالىي قىسىمىدا بولسا كاپىتالىستىك ياللاپ ئىشلىتىش تۈزۈمى راۋاجلاندۇرۇلدى. 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە زىت بۇ ئىككى خىل ئىجتىمائىي تۈزۈم ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئۇلغىيىپ مۇرەسسەلەشتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. نېگىرلارنى قۇل قىلىش تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىش ياكى بىكار قىلىش ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى. 1860- يىلى نىگىرلارنى قۇل قىلىش تۈزۈمىگە قارشى تۇرىدىغانلىقى بىلەن تونۇلغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى لىنكولىن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلاندى. جەنۇبتىكى قۇلدارلار نېگىرلارنى قۇل قىلىش تۈزۈمىنى قوغداش ئۈچۈن يامان غەرەزدە توپىلاڭ كۆتۈردى. جەنۇبتىكى قۇللار توپلانغان شتاتلار ئارقا-ئارقىدىن فېدېراتسىيىدىن چىقىپ كەتتى. ھەمدە 1861- يىلى 2- ئايدا جەنۇب ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ، داۋسنى زوڭتۇڭلىققا كۆتۈرۈپ، رىچموندنى پايتەخت قىلىپ ھۆكۈمەت قۇردى. 4- ئاينىڭ 12- كۈنى جەنۇب ئارمىيىسى فېدېراتسىيە ئارمىيىسى تۇرۇشلۇق سامت قورغىنىنى توپقا تۇتتى، 4- ئاينىڭ 15- كۈنى لىنكولىن ھۆكۈمىتى جازا يۈرۈشى قىلىش پەرمانىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ بىلەن جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى پارتلىدى.

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى (شىمال قىسىم ئارمىيەسى)، ئەسكىرى كۈچى 2200000 ئادەم. 

 ئامېرىكا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر (جەنۇبى قىسىم ئارمىيەسى).  ئەسكىرى كۈچى 1064000 ئادەم. 

جەنۇبشىمال ئۇرۇشىئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە لىنكولىن ھۆكۈمىتى نېگىرلارنى قۇل قىلىش تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىش ياكى بېكار قىلىش مەسىلىسىدە ئۆزىنى چەتكە ئالغانلىقى تۈپەيلىدىن فېدېراتسىيە ئارمىيىسى ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا  پەللىمۇ-پەللە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. 1861- يىلى 7- ئاينىڭ 12- كۈنى ۋاشىنگتون بىلەن بولغان ئارىلىقى 40 كىلومېتر كىلىدىغان ماناساس شەھىرىدە بولغان بىرىنچى قېتىملىق ئومۇمىي جەڭدە ئادەم سانى نىسبەتەن ئاز جەنۇپ قوشۇنى فېدېراتسىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى ۋە ۋاشىنگتوننى ئىشغال قىلغىلى ئاز قالدى. 1862- يىلى 1- ئايدا لىنكولىن ھۆكۈمىتى ھۇجۇمغا ئۆتۈش توغرىسىدا پەرمان چىقاردى. ھۇجۇمغا ئاتلانغان فېدېراتسىيە ئارمىيىسىنىڭ 1- يول قوشۇنى مىسسىسىپى دەرياسىنى بويلاپ جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلىدى. يەنە بىر يول قوشۇنى مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ قويۇلۇش ئېغىزىدىكى يېڭى ئورلېئامغا دېڭىزىدىن ھۇجۇم قىلدى. گەرچە بۇ ئىككى يول قوشۇن 5- ئايدا يېڭى ئورلېئاندا غەلىبىلىك ئۇچراشقان بولسىمۇ، 6- ئايدىكى رىچموند جېڭىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، يېڭى ئورلېئان يەنە جەنۇب قوشۇنىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، فېدېراتسىيە ئارمىيىسى ۋاشىنگتونغا چېكىنىپ بېرىپ، مۇداپىئەگە ئۆتتى.

1862- يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى لىنكولىن ھۆكۈمىتى «ئۆي جاي قانۇنى» نى ئېلان قىلدى. 9- ئاينىڭ 22- كۈنى يەنە «قۇللارنى ئازاد قىلىش ختابنامىسى» نى ئېلان قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە تۈپتىن بۇرۇلۇش ھاسىل بولۇپ، فېدېراتسىيە ئارمىيىسى ھەر قايسى جەڭ مەيدانلىرىدا پەيدىنپەي تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتتى. 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە بولغان كوددىسبورگ جېڭىدە جەنۇب ئارمىيىسىنىڭ 36 مىڭ ئادىمى يوقىتىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ جەنۇب ئارمىيىسى ھۇجۇم قىلىشتىن مۇداپىئە كۆرۈشكە ئۆتتى. 7- ئاينىڭ 4- كۈنى فېدېراتسىيە ئارمىيىسى يەنە ۋىكسبورگ ئۇرۇشىدا غەلىبە قازاندى، 1864- يىلى ئەتىيازدا فېدېراتسىيە ئارمىيىسى قايتۇرما ھۇجۇمنى ئەتىيازدا فېدېراتسىيە ئارمىيىسى قايتۇرما ھۇجۇمنى باشلىدى. 9- ئايدا گېنېرال شېرما غەربىي سەپتىكى فېدېراتسىيە قوشۇنىغا قۇماندانلىق قىلىپ ئاتلانتانى ئالدى. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا گېنېرال گۋېررانت قۇمامدانلىقىدىكى شەرقى سەپ فېدېراتسىيە قوشۇنىغا قۇماندانلىق قىلىپ، جەنۇب قوشۇنىنى سۈرۈپ مېڭىپ، رىسمان ئەتراپىغىچە قىستاپ باردى. 1865- يىلى 4- ئاينىڭ 3- كۈنى فېدېراتسىيە قوشۇنى رىسماننى ئالدى. 4- ئايىنىڭ 19- كۈنى جەنۇپ ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال لى 28 مىڭ كىشىلىك قالدۇق قوشۇننى باشلاپ، ئاپوماتوكس شەھىرىدە فېدېراتسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى گۋېررانتقا تەسلىم بولدى.

جەنۇبشىمال ئۇرۇشى
1865- يىلى 4- ئاينىڭ 3- كۈنى فېدېراتسىيە قوشۇنى رىسماننى ئالدى. 4- ئايىنىڭ 19- كۈنى جەنۇپ ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال لى 28 مىڭ كىشىلىك قالدۇق قوشۇننى باشلاپ، ئاپوماتوكس شەھىرىدە فېدېراتسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى گۋېررانتقا تەسلىم بولدى، تۆت يىل داۋاملاشقان جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى شىمالنىڭ تولۇق غەلىبىسى بىلەن ئاياغلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ بىرلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

جەنۇبشىمال ئۇرۇشىئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى (شىمال قىسىم ئارمىيەسى) : ئومۇمىي ئۆلگەن ئادەم سانى 360000 ئادەم، 275200 ئادەم يارلانغان. 

 ئامېرىكا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر (جەنۇبى قىسىم ئارمىيەسى) : ئومۇمىي ئۆلگەن ئادەم سانى 258000 ئادەم، 137000 ئادەم يارلانغان. [1]

جەنۇبشىمال ئۇرۇشىجەنۇب-شىمال ئۇرۇشى ئامېرىكا تارىخىدىكى 2- قېتىملىق بۇژۇئازىيە ئىنقىلابى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىنقىلاپ نەتىجىسىدە شىمالدىكى سانائەت بۇرژۇئازىيىسى پۈتۈن مەملىكەتتە ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى، جەنۇبتىكى نېگىرلارنى قۇل قىلىش تۈزۈمى يوقىتىلىپ، ئامېرىكا كاپىتالىزىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىش يولىدىكى پۇتلىكاشاڭلار سۈپۈرۈپ تاشلاندى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 ئۇرۇش ناملىق كىتاپتىن ئېلىنغان

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#