كىلون تېخنىكىسى

كىلون دېگەن سۆز جىنسى چاڭلاشماستىن پەيدا بولغان نەرسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئەسلىسى گىرىكچە"Klon" دېگەن سۆزدىن پەيدا بولغان، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى "بوۋاق بىخى" دېگەن بولىدۇ.كىلون تېخنىكىسى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:تۆرەلمىنى كۆپەيتىش تېخنىكىسى،بەدەندىن ھۈجەيرە ئېلىش ئارقىلىق كۆپەيتىش تېخنىكىسى .

ئۇيغۇرچە نامى كىلون تېخنىكىسى
خەنزۇچە نامى 克隆技术

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كلون ئېنگىلىزچە clone ياكى cloning  دىگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ ،جىنىسسىز كۆپەيتىش ياكى ۋېگتاتىۋلىق كۆپەيتىش(ئوزۇقلۇق ئەزالىرى ئارقىلىق كۆپەيتىش) ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ .

كلون جانلىقلارنى يەككە ھۆجەيرىسى ئارقىلىق جىنىسسىز كۆپەيتىش بولۇپ ،جىنىسسىز كۆپەيگەن بۇ يېڭى تەن بىلەن دەسلەپكى ئانا ھۆجەيرىنىڭ(بىر ئىندىۋىت )ئېرسى ئۇچۇرلىرى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان جانلىقلار توپىنى يىتىشتۈردىغان بىئولوگىيە تېخنىكىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .

كلوننى كۆچۈرۈش ياكى كۇپىيە قىلىش دەپ چۈشۈنىشكىمۇ بولىدۇ .چۈنكى ئەسلى جانلىقتىن ئوخشاش جانلىقنى يىتىشتۈرۈپ چىقىلىدۇ .كىيىنكى ئېندىۋىتنىڭ تاشقى قىياپىتى ۋە ئېرسى ئۇچۇرى ئەسلى مەنبەنىڭكى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولىدۇ .ئەمما كلون ئاددى ھالەتتىكى جىنىسسز كۆپەيتىشتىن پەرىقلىنىدىغان بولۇپ جىنىسسز كۆپەيتىشتە ئەركەك چىشى ئېندىۋىدنىڭ كۆپۈيۈش ھۆجەيرىسى ئۇچراشماي،بىر جانلقىنىڭ تىنىدىن يەنەبىر يېڭى ئەۋلاد يرتىشىپ چىقىدۇ ،ئۇنىڭ شەكللىرىدىن بىخ چىقىرىپ كۆپۈيۈش،بۆلۈنۈپ كۆپۈيۈش ،سىپورا ھاسىل قىلىپ كۆپۈيۈش قاتارلىقلار بار .ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىز ،بىخ ،غول قاتالىقلارنى كۆمۈش،ئۇلاش قاتارلىق كۆپەيتىش ئۇسۇلىمۇ جىنىسسىز كۆپەيتىش دەپ ئاتىلىدۇ.مايمۇن ،ئات ،قوي قاتارلىق ھايۋانلار بولسا تەبئى ھالدا جىنىسسىز كۆپىيەلمەيدۇ .شۇڭا ئۇنى كلون قلشقا يەنى سۈنئى ئۇسۇلدا جىنىسسىز كۆپەيتىشكە توغرا كىلىدۇ (مۇشۇ بولسا كلون ئۇقۇمى) ،مىسال بىلەن چۈشەندۈرسەك ،ھەممەيلەن ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرى ئوقۇغان ۋاقىتتا يالماۋۇزنىڭ بىر تامچە قېنىدىن ئاشۇ يالماۋۇزغا ئوخشاش نەچچە مىڭلىغان يالماۋۇز پەيدا بولغانغا ئوخشايدۇ .پەقەت شۇ جانلىنىڭ تىنىدە DNAتەرتىپى ياكى ئۇچۇرى بولسا ئۇنى كلونلاش ئارقىلىق شۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئوخشاش جانلىق يىتىشتۈرگىلى بولىدۇ .

يەنە بىر جەھەتتىكى بولسا بىر قانچىلىغان ئۇچۇرلارنى بىر ھۆجەيرىگە مۇجەسسملەپ ئۇنىڭدىن كۆپ خىل جانلىقنىڭ ئالاھىدلىكى ئىپادىلگەن يەككە تەننى يىتىشتۈرگىلى بولىدۇ.(مەسلەن سىز ناھايتى ،ئەقىللىق ئۇغۇل بالا بولسىڭىز ،يەنە بىر ناھايتى قاۋۇل مەيلى ئۇغۇل ياكى قىز بولسۇن سىزنىڭ گېنىڭىزنى ئۇنىڭكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھەم ئەققىللىق ھەم قاۋۇل يېڭى ئادەمدىن بىرنى يىتىشتۈرگىلى بولىدۇ دىمەكچى).

بۇ تېخنىكا ئەڭ دەسلەپتە 1952-يىلى باشلانغان بولۇپ ئالىملار بۇ ۋاقىتتا پاقىنىڭ ھۆجەيرىسىنى  كلونلىغان ،1962-يىلى ئەنگىليەلىك ئالم گوردۇن(J.Gurdon)ئافرىقا پاقىسىنىوڭ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمىنى رادئاتسىيەلىك بىر تەرەپ قىلىپ ئۇ ھۆجەيرىنىڭ يادروسىنى بۇزىۋەتكەن ئاندىن باشقا پاقا ئېپتىليە ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسىنى ئېلىپ كىرگۈزگەن .نەتىجىدە 1.5پېرسەنىت ھۆجەيرىلا نورمال تەرەققى قىلالىغان .

بۇ تېخنىكىنى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا ئىشلىتىش 1982-يىلى باشلانغان بولۇپ ،ئەينى ۋاقىتتا چاشقاننىڭ تۆۋەلمە ھۆجەيرىسدىن نورمال چاشقان يىتىشتۈرۈپ چىقىلغان .1984-يىلى قوي،كالا،مايمۇن قاتارلىق ھايۋانلارغا قايتا-قايتا تەجرىبە ئىشلەنگەن بولۇپ بۇ تېخنىكا 1995-يلغىچە پىشىپ يىتىلگەن  .1997-يىلى كلون قوي بارلىققا كەلگەندىن كىيىن ،ئامېرىكا ،جۇڭگۇ تەيۋەن،ئاۋېستىرالىيە قاتارلىق جايلارمۇ قوينى ،چوشقىنى،كالىنى كلونلاپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان .[2]

كىلون تېخنىكىسى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

تۆرەلمىنى كۆپەيتىش تېخنىكىسى

1.تۆرەلمىنى كۆپەيتىش تېخنىكىسى: بۇنىڭدىن مەقسەت تۆرەلمىنى يېرىش يەنى تۆرەلمىلەرنى قوش كىزەك قىلىش تېخنىكىسىدۇر. بۇ يول بىلەن پەيدا بولغان تۆرەلمە ئاتا-ئانىسىنىڭ سۈپەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرىدۇ.

بەدەندىن ھۈجەيرە ئېلىش ئارقىلىق كۆپەيتىش تېخنىكىسى

2. بەدەندىن ھۈجەيرە ئېلىش ئارقىلىق كۆپەيتىش تېخنىكىسى: بۇنىڭدىن مەقسەت تېرىك ئادەملەرنىڭ بەدەنلىرىدىن بەدەن ھۈجەيرىسى ئېلىپ جىنسىسىز كۆپەيتىش تېخنىكىسىدۇر، بۇ يول بىلەن پەيدا بولغان بالا بەدەن ھۈجەيرىسى ئېلىنغان ئادەمنىڭ بارلىق سۈپەتلىرىگە ئۇيغۇن بولىدۇ.

كىلون تېخنىكىسىكىلون تېخنىكىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە موھىم ئەھمىيەتكە ئىگـە :

بىرىنچىدىن، ئەلا سورتلۇق 

ئۆي ھايۋانلىرىنى كۆپەيتىش جەھەتتە كىلون تېخنىكىسى ئادەتتە قوللىنىدىغان ئۇسۇلغا قارىغاندا تەننەرخى 

تۆۋەن ، تاللاپ يىتشتۇرگەن سورتىنىڭ شەكلى تۇراقلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، 

ئىككىنچىدىن ، كىلون تېخنىكىسى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرنى قۇتقۇزۇش ۋە جانلىقلارنىڭ

خىلمۇ خىللىقىنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتتە ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.

كىلون تېخنىكىسىغا قارىتا نۇرغۇنلىغان تالاش- تارتىشلار مەۋجۇت بولۇپ كەلدى . كىلون تېخنىكىسى ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن قوش بىسلىق خەنجەر . ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى قوش بىسلىقلارنى ساقلاپ قىلىش ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۇرلەرنى قۇتقۇزۇش ، كىلونلانغان ھايۋاننىڭ ئوخشاش گېن قورۇلىشىدىن پايدىلىنىپ مىدىستىنا تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلاردا قوللىنىدۇ ، كەمچىللىكى بولسا ، كىلون تېخنىكىسى جانلىقلارنىڭ خىلمۇ -خىللىقىغا رىقابەت ئىلان قىلىدۇ ، كىلون تېخنىكىسى جانلىقلارنىڭ تۈرىنى ئازلىتىپ ، شەخىسنىڭ ياشاش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋىتىدۇ . 

ئەگەر كىلون تېخنىكىسى ئادەمنى كىلونلاشقا ئىشلىتىلسە ، كونتۇرۇل قىلغۇسىز ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ ، بىيولوگىيەلىك جەھەتتىكى مىسلىسىز قالايمىقانچىلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ ، ئەخلاق توقونۇشنى پەيدا قىلىدۇ.[0]

1. تۆرەلمىنى يېرىش ھەرىكىتى

ھەر بىر ھۈجەيرىدىن ئايرىم مۇستەقىل بىر مەخلۇقنىڭ پەيدا بولشى ئۈچۈن، تۆرەلمىنى ھۈجەيرە مەزگىلىدە ئىككى ياكى تۆت ياكى سەككىزگە بۆلۈش مۈمكىن ئىشقا ئايلاندى.ئەگەر بۇ ھۈجەيرىلەردىن ھەر بىرىگە ئانىسىنىڭ رەھمىسى بولسۇن ياكى باشقىلارنىڭ رەھمىسى بولسۇن مۇناسىپ مۇھىت ھازىرلانسا، ئۇ ھۈجەيرە نورمال ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئەسلىسى بىر ھۈجەيرە بولغان بۇ تۆرەلمىلەر تۇغۇلسا ئوخشاش قوشماقلار (يەنى ئىرسىيەت سۈپەتلىرى تامامەن ئوخشاش)دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇ تۆرەلمىلەرنى توڭلۇتۇشمۇ مۈمكىن بولدى، شۇ ئارقىلىق ئۇنى قاچاندا ئىشلەتسە بولىدىغان تەييار ھالەتتە تېرىك ساقلاشمۇ مۈمكىن بولدى. ئەگەر بۇ تۆرەلمىلەرنى يېتۈشتۈرۈش ئىرادە قىلىنسا، رەھمىلەرگە(بالىياتقۇلارغا) قايتۇرۇلىدۇ. بۇ خىل تېخنىكىنى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان، پاقا، قوي ۋە كالىغا تەجرىبە قىلىش مۈمكىنچىلىكى تۇغۇلغان .

2. بىرىنجى ھۈجەيرىنى ئارىيەتكە ئېلىش ھەرىكىتى:

ئىرسىيەت تېخنىكىسى تۆرەلمە ھۈجەيرىلىرىدىن(يەنى بەدەن ھۈجەيرىلىدىن) ئەمچەكلىك ھايۋانلارنى جىنسىسىز كۆپەيتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.ئىسكوتلاندا ژورنىلى 1997- 2- 27-كۈنى ئىلان قىلغان ماقالىسىدە، جىنسى چاڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق ساغلىقتىن يەنە بىر ساغلىقنى تۇغدۇرالىغالىقىنى ئىلان قىلغان، بۇ ساغلىقنى (دوللى) دەپ ئاتاشقان.

تەتقىقاتچىلار بۇ جەرياندا قوللانغان ئۇسۇل، ئۇلار چاڭلاشتۇرۇلمىغان تۇخۇمداننى ئېلىپ، تۇخۇمداننى ئۇرۇغىدىن بىكارلاپ، ئاندىن بىكارلانغان تۇخۇمدان ئورنىغا باشقا ھامىل ساغلىقنىڭ ئەمچىكىدىن ئېلىنغان بەدەن ھۈجەيرىسىنى سالغان ۋە ئېلىكتىر دولقۇنىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ ئۇرۇغنى تۇخۇمداننىڭ ئىچىدە ئارلاشتۇرۇپ، ئۈچىنجى بىر ساغلىقنىڭ رەھمىسىگە قايتۇرغان. شۇڭا ھۈجەيرە بىر قانچە ھۈجەيلەرگە پارچىلىنىشقا باشلىغان، بۇنىڭدىن ساغلام تۆرەلمە پەيدا بولغان، ئۇنىڭ سەۋەبى ھاملىدار ساغلىقتىن ئېلىنغان ئۇرۇغ پارچىلىنىشنى قوبۇل قىلىدىغان چاڭلاشتۇرغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا كېرەك. "دوللى" دېگەن ساغلىقنىڭ سۈپەتلىرى ئەسلى ھۈجەيرە ئىگىسىنىڭ سۈپەتلىرى بىلەن ئۇيغۇن چىققان.

كىلون تېخنىكىسى تۈرلەرنىڭ يوقىلىشىنى توسۇپ قالالامدۇ ؟

كىلون تېخنىكىسىئەنگىلىيەلىك ئالىم كىلون تېخنىكىسىنى قوللىنىپ « كىلون قوي دوللىي » نى بارلىققا كەلتۇرگەندىن باشلاپ ، پۈتۈن دۇنيا ئەھلى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىنكاسلاردا بولدى ھەمدە « كىلون » قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . ئەنگىلىيە رادىيۇ تارقىتىش شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادىكى تۈنجى قېتىم مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا كىلونلانغان پىرىمان ھايۋىنى ھېسابلىنىدۇ . 1999 - يىلى 6 - ئايدا ئامېرىكا ئالىمى پۈتۈن دۇنيادىكى بىرىنچى ئىنسان تۆرەلمىسىنى كىلونلاپ چىقىپ ، 12 كۈن ساقلىيالىدى . جوڭگۇنىڭ ئۆسۈملۈكلەرنى پىروبىركىسىز تېز سۈرئەتتە يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن كۆپەيتىش تېخنىكىسى دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان رايۇنلاردا قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ ھەمدە قوللىنىۋاتىدۇ . نۇ تېخنىكا بىر تال يوپۇرماقنى ئورمانلىققا ئايلاندۇرالايدىغان بولۇپ بۇ تېخنىكا بويىچە نۇرغۇنلىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر تال يوپۇرمىقى ، بىخ ، يىلتىز قاتارلىقلارنى چوڭ ئېتىزغا تېرىغاندا 4 كۈندىن 11 كۈنگىچە بولغان ئارلىقتا يەنە قايتىدىن بىخلىندىغان ئۆسۈملۈككە ئايلىنىپ ، تەرەققىي قىلغان يىلتىز سىسىتېمىسىغا ئايلىنىدۇ ، ھەمدە 30 كۈندىن 60 كۈنگىچە بولغان ئارلىقتا بىر ئەۋلاد كۆپىيەلەيدۇ . موھىتنىڭ ئۆزگۇرۇشى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئاچكۆزلۈك بىلەن ھايۋانلارنى تۇتۇپ يېيىشى ۋە قالايمىقان ئۆلتۇرىشى ، نۇرغۇنلىغان تۈرلەرنىڭ ئازىيىشى ھەتتا يوقىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىۋاتىدۇ ، ھايۋانلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئاسىراش ئۈچۈن يالغۇز كىلون تېخنىكىسىغا تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ . 

ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ۋە پايدىلىق ئۇسۇل : ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ ، ئۇلارنىڭ ياشاش موھىتىنى ئۆزگەرتىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ئورتاق ياشايدىغان ئائىلىمىزنى قوغداشتىن ئىبارەت .[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

2.

بەشتاش تورى:كىلون تىخنىكىسى 

http://www.baxtax.cn/qozam/jemiyet/18521.html

0.
1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ياردەم تورى

http://yardam.com/baike/view/882/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#