دۇلانە

دۇلانە-داڭلىق تاغ مېۋىسى. ئۇنىڭ يەنە تاغ ئىچى مېۋىسى، تاغ دولانىسى، قىزىل تاغ دولانىسى، دورىلىق چىلان، چوڭ پەيسىمان دولانە، ئورمان مېۋىسى قاتارلىق ناملىرىمۇ بار.

ئۇيغۇرچە نامى دولانە
ئىنگلىزچە نامى haw; may tree; maybush
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى، ئازغان كەنجى سىنىپى
ئائىلىسى ئازغان ئائىلىسى، ئالما كەنجى ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 山楂
تارقالغان رايونلار لىياۋ نېڭ، خىنەن، شەندۇڭ، جى لىن، سون تاي، خېبېي قاتارلىق رايۇنلار
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئازغان تۈركۈمى،
ئۇرۇقداشلىرى دولانە ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دولانەدولانە داڭلىق تاغ مېۋىسى، ئەتىرگۈل ئائىلىسىگە تەۋە بولغان دولانە دەرىخى ئۇرۇقدىشىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان غوللۇق دەرەخ، ئېگىزلىكى 6 مېتىر، ئۈچكىلىك مېۋە، پوستى قاتتىق، مېۋە ئېتى نېپىز، تەمى سەل ئاچچىق، قىرتاق.

تۈپى

يوپۇرماق تاشلايدىغان غوللۇق دەرەخ، پوستى يىرىك، تۇتۇق كۈل رەڭ ياكى كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ. تەخمىنەن باش ئايلانمىسىدىن بىر تىكىنى، بەزىدە تىكىنى يوق بولىدۇ، كىچىك شاخلىرى يۇمىلاق تۈۋرۈك شەكىللىك، شۇ يىلى ئۆسكەن شاخلىرى قىزغۇچ قوڭۇر، تۈكى يوق ياكى شالاڭ تېرە تۆشۈكى بار، كونا شاخلىرى كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ، قىشلىق بىخى ئۈچ بۇرجەك تۇخۇم شەكىللىك، ئالدى ئۇچى يۇمۇلاق كېلىدۇ، تۈكسىز، تاقىر، جىگەر رەڭ.

يۇپۇرمىقى

دولانەيوپۇرمىقى كەڭ تۇخۇم شەكلىدە ياكى ئۈچ بۇرجەك تۇخۇم شەكىللىك، رومبىسىمان تۇخۇم شەكىللىك، ئۇزۇنلىقى 10 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 4 ~ 7.5 مىللىمېتىر، ئالدى ئۇچى قىسقا ئۇچلۇق، تۈۋى قىسمى شەكىللىكتىن كەڭرى شىنا شەكىللىك، ئادەتتە ئىككى تەرىپىدە 5 تال پەيسىمان چوڭقۇر يېرىق بار، يېرىقچە تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكىللىك ياكى تاسماسىمان، ئالدى ئۇچى قىسقا ئۇچلۇق، رەتسىز گىرۋىكى ئۆتكۈر شالاڭ تەكرار ھەرە چىشلىق، ئۈستى قارامتۇل يېشىل، پارقىراق، ئاستى تەرپىدە يوپۇرماق تومۇرىنى بويلاپ شالاڭ ئۆسكەن قىسقا يۇمشاق تۈكچىلەر بار ياكى تومۇرلۇق قولتۇق تۈكلۈكى بار، يان تومۇردا توغرا يېرىقچە بار، يوپۇرماق سېپى ئۇزۇن2~6 سانتىمېتىر، تۈكسىز، تاقىر، ھەمراھ يوپۇرماقلىقلىرى سامان غوللۇق، ئورغاق شەكىللىك، گىرۋەكلىرى ھەرە چىشلىق بولىدۇ.

گۈلى

ئۆگزىسىمان گۈل رېتىگە تەۋە، كۆپ گۈللۈك، دىئامېتىرى 4~6 سانتىمېتىر، ئومومى گۈل سېپى ۋە گۈل ساپىقى تەرىپىنى تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، گۈلى كېيىن چۈشۈپ كېتىدۇ، ئازىيىدۇ، گۈل سېپى ئۇزۇن4~7 سانتىمېتىر، ئورىغۇچى پەردە بولىدۇ، يىپسىمان تېمىنە شەكىللىك ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 6~8 سانتىمېتىر، ئالدى تەرىپى تەدىرىجى تارىيىدۇ، گىرۋەكلىرىدە بەزسىمان چىش بولىدۇ، گۈلىنىڭ دىئامىتىرى تەخمىنەن 1.5 سانتىمىتىر، كاسا نەيچىسى قوڭغۇراقسىمان، ئۇزۇنلىقى 4~5 مىللىمېتىر، سىرتتا قويۇق كۆكۈچ يۇمشاق تۈك بار، تۆمۈنىسىمان گۈل چىنىسى يوپۇرماقچىسى ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە ئۆسىدۇ، ئالدى تەرىپى تەدىرىجى تارايغان، تولۇق گىرۋەكلىك، پۈتۈن گىرۋەكلىك، تەخمىنەن بىلەن گۈل كاسا نەيچىسى قاتارلىق ئۇزۇن ، ئىچكى - تاشقى يۇپۇرمىغىنىڭ ئىككىلى يۈزىدە تۈكچىلەر بولمايدۇ، ياكى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈز ئۇچى تۈكلۈك بولىدۇ. گۈل تاج ياپراقچىلىرى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك ياكى يۇمىلاق، ئۇزۇنلىقى 7~8 سانتىمېتىرغىچە، كەڭلىكى 5~6 سانتىمىتىرغىچە، ئاق رەڭ، گۈل بەرگىسى قىسقا، چاڭدانىنى ھال رەڭ، ئانىلىق بوينىنىڭ تۈۋى قىسمى يۇمشاق تۈكلۈك، ئانىلىق تۇمشىقى باشاقسىمان.

مېۋىسى

دولانە مېۋىسى يۇمۇلاق ياكى نەشپۈتسىمان، دىئامېتىرى 1 ~ 1.5 سانتىمېتىر، مىۋىسىدە سۇس رەڭلىك داغ بار، ئىچكى يۈزى ئىككى تەرىپىدىكى سىلىق، ئالدى ئۇچى يۇمىلاق چوڭقۇر ئويمان شەكىللىك. چېچەكلەش مەزگىلى5 ~ 6 ئايلاردا، مېۋىلەش مەزگىلى9 ~ 10 ئايلاردا. 

مېۋىسىنى خام يېگىلى بولىدۇ ياكى مېۋە قېقى قىلغىلى بولىدۇ، مېۋىنى قۇرۇتۇلغان كېيىن، دورا قىلىشقا بولىدۇ، جۇڭگونىڭ ئۆزىگە خاس دورا مېۋە ھەم دەرەخ تۈرى بولۇپ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، قان بېسىمى، يۈرەكنى كۈچەيتىش، ئانتى يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىزلىنىشنى داۋالاش قاتارلىق رولى بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئىشتىھا ئاچىدۇ، ھەزىمنى ياخشىلاپ توسالغۇلارنى ماڭغۇزۇش، قاننى جانلاندۇرۇپ بەلغەمنى بوشىتىش، شىپالىق دورا، كۆكرەك دىئافراگما، تال، چۇقۇق، قان تىنىش، خۇن چىگىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى. دولانە ئىچىدە فلاۋون خىلىدىكى خىمىيەلىك بىرىكمىلەرنى ۋىتېكس ماددىسى بار، راكقا قارشى رولى بىر قەدەر كۈچلۈك دورا،تەركىبىدىكى ماددىلار چەكلەش تېنىدىكى راك ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆسۈشى، كۆپىيىشى ۋە يامراشى  يۆتكىلىشىدە  مۇئەييەن رول ئوينايدۇ.

دولانە خېيلۇڭجياڭ، جى لىن، لىياۋ نېڭ، ئىچكى مۇڭغۇل، خېبېي، خىنەن، شەندۇڭ، سون تاي، شەنشى، جىياڭسۇ، چاۋشيەن بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىبىرىيە قاتارلىق رايۇنلارغىمۇ تارقالغان.

دولانىنىڭ تەمى چۈچۈمەل، قىزىتقاندىن كېيىن، تېخىمۇ ئاچچىق، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن دەرھال چىشنى چوتكىلاش كېرەك، بولمىسا چىش ساغلاملىق پايدىسىز. ھامىلىدار ئاياللار يېيىشتىن پەرىز تۇتۇش كېرەك، دولانە يىگەندە بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تال ۋە ئاشقازان قۇۋۋىتى ئاجىزلىشش، قان شېكىرى تۆۋەن بولۇشقا پايدا قىلىدۇ. دولانا ئاچ قۇرساققا يەپ ، دولانە تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئورگانىك كىسلاتا، تارترات كىسلاتا، كراتېگولىك كىسلاتا، سىترات قاتارلىقلار بار، ئاچ قورساق ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ئاشقازان كىسلاتاسىنى شىددەت بىلەن ئاشۇرىدۇ، ئاشقازان چىڭقىلىپ، پانتوتېنىك كىسلاتا ئاجىرتىپ چىقىرىدۇ، ئەگەر ئاچ قورساق چاغدا ئىستېمال قىلسا ئاچلىق تۇيغۇسى كۈچەيتىدۇ ھەمدە ئەسلىدە بار ئاشقازان ئاغرىقىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ.

ئىمكانقەدەر خام دولانىنى ئاز يېيىش كېرەك، بولۇپمۇ ئاشقازان - ئۈچەي ئىقتىدارى ئاجىزلار تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويۇنچە يىيىش ئەڭ ياخشىسى دولانىنى پىشقاندىن كېيىن ئىستىمال قىلىش كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#