كۇك تاقىم ئاراللىرى

كۇك تاقىم ئاراللىرى

جەنۇبىي تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان تاقىم ئاراللار بولۇپ، ئۇ چوڭ-كىچىك 15 ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللار شىمالىي ئارال، جەنۇبىي ئارال دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ .

نامى كۇك تاقىم ئاراللىرى
يەر مەيدانى 230 كۋادرات كىلومېتىر
چەتئەلچە نامى The Cook Islands
خەنزۇچە نامى 库克群岛
نوپۇسى 19 مىڭ 600 دىن ئاشىدۇ(1982)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۇك تاقىم ئاراللىرىجەنۇبىي تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان تاقىم ئاراللار بولۇپ، ئۇ چوڭ-كىچىك 15 ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللار شىمالىي ئارال، جەنۇبىي ئارال دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، ئومۇمىي يەر مەيدانى 230 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 19 مىڭ 600 دىن ئاشىدۇ(1982) ، ئاھالىنىڭ كۆپىنى يەرلىك ماۋرى خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر، ياۋروپالىقلار بار. پولىنېزىيە تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ، شۇنداقلا ئىنگلىز تىلىنىمۇ قوللىنىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى خرىستىئان دىنىغا، ئاز قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. مەركىزى ئاۋاروئا شەھىرى، كۇك تاقىم ئاراللىرىغا 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا ئەنگلىيە دېڭىزچىسى جېمىس كۇك بارغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئاراللارنىڭ نامىمۇ شۇ دېڭىزچىنىڭ نامىغا كۇك تاقىم ئاراللىرى دەپ نام قويۇلغان.

كۇك تاقىم ئاراللىرىبۇ ئاراللار 1888-يىلدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى يەر بولۇپ، 1901-يىلدىن باشلاپ يېڭى زېلاندىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1965-يىلدىن باشلاپ، ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن. بىراق ھازىر يەنىلا يېڭى زېلاندىيىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتە پوملىئون، بانان، كوكۇس پالمىسى، كوفى، مانىخوت، ئاناناس قاتارلىق تروپىك بەلباغ مېۋىلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئۆچكە، چوشقا، كالا بېقىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. سانائەتتە كىچىك تىپتىكى مېۋە كونسېرۋا زاۋۇتى، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى بىلەن قول سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. مېۋە-چېۋە، كىيىم-كېچەك ئېكسپورت قىلىدۇ. ئاشلىق، يېقىلغۇ، توقۇمىچىلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى، ياغاچ، تاماكا، ئاپتوموبىل قاتارلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدۇ. ئاۋسترالىيە پۇلى بىلەن يەرلىك پۇلنى ئوخشاش ئىشلىتىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#