ئۇماچ قوناق ئۇنىنى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىپ ئېتىلىدىغان تاماق.

ئۇيغۇرچە نامى ئۇماچ
خەنزۇچە نامى 面糊

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كېرەكلىك ماتېرىياللارقوناق ئۇنى 175 گرام، پىياز بىر باش، گۆش 175 گرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، ئېرىتمىگەن قوي يېغى 70 گرام، زەنجىۋىل مۇۋاپىق، چامغۇر 140 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پىننە ئازراق.

ئۇماچ1. گۆش ۋە قوي يېغىنى جىگدىدەك چوڭلۇقتا، پىيازنى قىيپاش قىلىپ، چامغۇرنى چاقماق قەنتتەك قىلىپ توغرىلىدۇ.

2. قازاننى قىزىتىپ، توغرالغان ياغنى سېلىپ ئېرىتىپ، گۆشنى سېلىپ قورۇپ، پىيازنى سېلىپ سارغايتىپ، سوققان زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، تۇز سېلىپ قورۇپ، 175 گرام ئۇندا قويۇلغۇدەك سۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ، چامغۇرنى سېلىپ قاينىتىپ شورپا تەييارلىنىدۇ.

3. ئۇننى قاچىغا سېلىپ سوغۇق سۇ قۇيۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ خام ئۇماچ قىلىپ، قازاندا تەييارلانغان شورپىغا قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ 

پىشۇرۇلىدۇ. ئاش پىشقاندىن كېيىن پىننە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قاچىلارغا ئۇسۇلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#