رەقەملىك تېلېۋىزىيە

رەقەملىك تېلېۋىزىيە

  رەقەملىك تېلېۋىزىيە رەقەملىك سىگنال بىر تەرەپ قىلغۇچ، كەڭ دائىرىلىك توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ياساش، كومپيۇتېر قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، رەڭسىز ۋە رەڭلىك تېلېۋىزىيەدىن كېيىنلا بارلىققا كەلگەن، سۈزۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئۈچىنچى ئەۋلاد تېلېۋىزوردۇر. رەقەملىك تېلېۋىزىيە ئەمەلىيەتتە ئائىلىلەردىكى قوبۇللاش ئاپپاراتىنىلا كۆرسەتمەستىن، بەلكى تارقىتىش، يەتكۈزۈشتىن تارتىپ قوبۇل قىلىشقىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇيغۇرچە رەقەملىك تېلېۋىزىيە
ئىنگىلىسچە Digital TV
ئارتۇقچىلىقى سۈرەتنىڭ ئىنقلىقى ياخشى
خەنزۇچە 数码电视
تۈرى پەن-تىخنىكا مەھسۇلاتلىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 رەقەملىك تېلېۋىزىيە رەقەملىك سىگنال بىر تەرەپ قىلغۇچ، كەڭ دائىرىلىك توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ياساش، كومپيۇتېر قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، رەڭسىز ۋە رەڭلىك تېلېۋىزىيەدىن كېيىنلا بارلىققا كەلگەن، سۈزۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئۈچىنچى ئەۋلاد تېلېۋىزوردۇر. رەقەملىك تېلېۋىزىيە ئەمەلىيەتتە ئائىلىلەردىكى قوبۇللاش ئاپپاراتىنىلا كۆرسەتمەستىن، بەلكى تارقىتىش، يەتكۈزۈشتىن تارتىپ قوبۇل قىلىشقىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


     تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن يوللانغان سۈرەت ۋە ئاۋاز سىگنالى رەقەمنى پىستېرلاش ۋە رەقەملىك تەڭشەش قاتارلىق ھالقىلاردىن ئۆتىدۇ، شەكىللەنگەن رەقەملىك تېلېۋىزىيە سىگنالى ئادەتتە ھاۋادا سىمسىز ياكى كابېل سىمىدىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىل ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ. رەقەملىك تېلېۋىزىيەدىكى قوبۇللىغۇچ قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، رەقەملىك يېشىش ۋە رەقەملىك كۆرۈنمە ئاۋاز چاستوتىلىق كود يېشىپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى سۈرەت ۋە ئاۋاز ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

     تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى سۈرەتكە ئېلىش، تەھرىرلەش، تارقىتىش، يەتكۈزۈش، قوبۇللاپ كۆرسىتىشكىچە بولغان جەريانلار ئادەتتە رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، شۇڭا، سىگناللارنىڭ پۈتكۈل جەريانىدىكى توسالغۇغا ئۇچراش ۋە خوراش ئەھۋالى ئادەتتىكى تېلېۋىزىيە سىگنالىغا قارىغاندا كۆپ تۆۋەن بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قوبۇل قىلىنغان تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسىمۇ ئادەتتە نەق مەيدانىدىكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

     رەقەملىك تېلېۋىزىيە تېلېۋىزىيە تېخنىكىسىدىكى بىر قېتىملىق بۆسۈشتۇر. رەقەملىك تېلېۋىزىيە كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، گىرەلەشمە شەكىلدىكى قوش يۆنىلىشلىك ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، تېلېۋىزىيەنى نومۇر كۆرسىتىش، تورغا چىقىش، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى يوللاش قاتارلىق نۇرغۇن يېڭىچە ئىقتىدارلارغا ئىگە قىلدى، شۇنىڭدەك توردا مال سىتېۋىلىش ۋە تور بانكا مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى يولغا قويۇپ، نۆۋەتتىكى ئۇچۇرلاشقان، زامانىۋى ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

بەشتاش تورى:رەقەملىك تىلىۋىزىيە 

http://www.baxtax.biz/tarixweorpadet/maaripwemaaripchi/6261.html

0.

بەيدۇ قامۇسى:数码电视 

http://baike.baidu.com/view/551517.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#