تاتارىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى

تاتارىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى

رۇس فېدېراتسىيىسىنىڭ بىر مەمۇرىي رايونى بولۇپ، ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى بىلەن كاما دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىم بويلىرىغا جايلاشقان. مەركىزى قازان شەھىرى.

نامى تاتارىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
يەر مەيدانى 68 مىڭ كۋادرات كىلومېتر
مەمۇرىي رايون تۈرى فېدېراتسىيە ئاساسىي گەۋدىسى (بىرىنچى دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون )
دىئالېكتى رۇس تىلى ، تاتار تىلى
خەنزۇچە نامى 鞑靼自治共和国
نوپۇسى 3 مىليون 513 مىڭدىن ئوشۇق(1985)
چەتئەلچە نامى Республика Татарстан،Tatarstan Respublikası

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاتارىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىرۇس فېدېراتسىيىسىنىڭ بىر مەمۇرىي رايونى بولۇپ، ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى بىلەن كاما دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىم بويلىرىغا جايلاشقان. مەيدانى 68 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلدۇ. ئاھالىسى 3 مىليون 513 مىڭدىن ئوشۇق(1985) بولۇپ، يېرىمىنى تاتارلار تەشكىل قىلىدۇ. قالغىنىنى رۇس، چوۋاش، موردوۋا قاتارلىق مىللەتلەر ئىگىلەيدۇ. مەركىزى قازان شەھىرى. تاتارىستان 1920-يىلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. يېرىنىڭ %90 نى تۈزلەڭلىك ئورۇنلار ئىگىلەيدۇ، شەرقىي جەنۇب قىسمىدا يەر ۋەزىيىتى ئانچە ئېگىز بولمىغان ئېدىرلىق رايونلار بار. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «ئىككىنچى باكو» نېفىتلىكى دەپ ئاتالغان رايوننىڭ بىر قىسمى تاتارىستانغا جايلاشقان. بۇ جايلاردا نېفىتتىن باشقا، مايلىق سلانتىس، تورف، گىپىس، فوسفورلۇق كان بايلىقلىرى بار.

 ئىقلىمى سۇبتروپىك بەلباغ ماتېرىكا خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 360-510 مىللىمېترغا يېتىدۇ.

تاتارىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى تاتارىستاننىڭ سانائىتى، سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، سانائىتىدە نېفىت سانائىتى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىللەيدۇ. نېفىت تۇرۇبا ئارقىلىق موسكۋا، كورگ ھەم شەرقىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە تارقىلىدۇ. قازان شەھىرىنى مەركەز قىلغان تۆمۈر يول، تاش يوللار دۆلەتنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ۋولگا دەرياسىدا قاتناپ تۇرىدىغان پاراخوتلار قازان پورتىدا توختاپ ئۆتىدۇ. پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىدە نېفىت خىمىيە، نېفىت ماشىنىلىرىنى ئىشلەش، تېرە-يۇڭ قاتارلىق سانائەتلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.

 يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، قارا بۇغداي، ياڭيۇ، قىزىلچا قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ جايدا ھەرخىل ياۋايى ھايۋانلارنى بېقىش تەرەققىي قىلغان. 

مۇھىم شەھەرلىرى ئالمېمېۋىسكى، بۇگۇلما، تۆۋەندىكى كامالكى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    50%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    50%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#