تۇرپان رادىئو تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى

تۇرپان ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزىي دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۇرپان رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1982-يىلى 7-ئايدىكى تەستىقىغا ئاساسەن مۇستەقىل قۇرۇلغان تۇرپان ۋىلايىتىدىكى رادىئو تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى.

ئۇيغۇرچە نامى تۇرپان رادىئو تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە نامى 吐鲁番广播电视大学
داڭلىق مەكتەپداشلار بېيجىڭ چاۋياڭ پېداگوگىكا مەكتىپى، شىنجاڭ سانجى پېداگوگىكا مەكتىپى، خۇنەن 3-پېداگوگىكا مەكتىپى
ئادرېسى تۇرپان ۋىلايىتى
بۇرۇنقى نامى تۇرپان ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1982-يىلى 7-ئاي
مەكتەپ تۈرى پېداگوگىكا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇرپان ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزىي دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۇرپان رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1982-يىلى 7-ئايدىكى تەستىقىغا ئاساسەن مۇستەقىل قۇرۇلغان تۇرپان ۋىلايىتىدىكى رادىئو تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى. پېداەوگىكا مەكتىپى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزىي بولسا تۇرپان ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپى بولۇپ، 1976-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم كۆچكەن. 1998-يىلى 4-ئايدا ئۈچ مەكتەپ ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ، تۇرپان شەھىرى بوستانلىق غەربى يولى 8-نومۇردا تەسىس قىلىنغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 93240 كۋادرات مېتىر. قۇرۇلۇش كۆلىمى 28700 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئوقۇش بىناسى، كۇتۇپخانا، سەنئەت بىناسى، پەن-تېخنىكا بىناسى، تەجرىبە بىناسى قاتارلىق ئەسلىھەلىرى تولۇق، يەر يۈزى سۈنئىي ھەمراھ قوبۇل قىلىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە يېپىق يوللۇق تېلېۋىزىيە سىستېمىسى قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بلىلار فوندى جمئىيىتى ياردەم بېرىدىغان مەكتەپلەرنڭ بىرى. 

مەكتەپ مەدەنىي مائارىپ، قانۇن، بوغالتىرلىق، خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى، سودا-سانائەت باشقۇرۇش، سودا ستاتىستىكىسى،ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، ماشىنىسازلىق، كومپيۇتېر، مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئەت، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ، تەجرىبە ئوقۇتۇش،باشلانغۇچ مەكتەپ تەبىئىي پەن دەرسلىكى، بالىلار پېداگوگىكىسى قاتارلىق 27 كەسىپ تەسىس قىلغان. ئۇيغۇر، خەنزۇ تىللىرىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ.

1996-يىلدىن بۇيان بېيجىڭ چاۋياڭ پېداگوگىكا مەكتىپى، شىنجاڭ سانجى پېداگوگىكا مەكتىپى، خۇنەن 3-پېداگوگىكا مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەر بىلەن دوستلۇق ئورناتقان. ئاپتونوم رايون بويىچە سەھىيەدىكى قىزىل بايراقدار ئورۇن بولۇپ باھالانغان.

ئوقۇغۇچى 1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 140 دىن ئارتۇق(ئالىي لېكتور 20، لېكتور 76) ، مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان يېتىشتۈرگەن تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى سانى 780.

پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىسى5000دىن ئارتۇق. تەربىيىلەنگەن ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرى 600 دىن كۆپرەك. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى 4000 دىن كۆپرەك.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەيدۇ تورى قامۇسى 

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#