مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى

مېڭە قان تومۇرى كېسەللىكى

مېڭە قان تومۇرى كېسەللىكى دېگىنىمىز قان تومۇر مەنبەلىك ھەر خىل كېسەللىك سەۋەبى كەلتۈرۈپ چىقىدىغان مېڭە كېسەللىكلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، بۇ كېسەللىك كلىنىكىلىق نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە دائىم ئۇچرايدىغان كېسەللىك.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېڭە قان تومۇرى كېسەللىكى دېگىنىمىز قان تومۇر مەنبەلىك ھەر خىل كېسەللىك سەۋەبى كەلتۈرۈپ چىقىدىغان مېڭە كېسەللىكلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، بۇ كېسەللىك كلىنىكىلىق نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە دائىم ئۇچرايدىغان كېسەللىك، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈش، مېيىپلەندۈرۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، راك كېسەللىكى، يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكى بىلەن بىر قاتاردا ھازىر ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئۈچ چوڭ قاتىلنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

كلىنىكىدا مېڭە قان تومۇرى كېسەللىكلىرى كۆپىنچە ئۆتكۈر خاتاراكتىرلىق ۋە سوزۇلما خاراكتىرلىك دېگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. 

ئۆتكۈر مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى

ئۆتكۈر مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى بىر گۇرۇپپا ئۇشتۇمتۇت يۈز بېرىدىغان مېڭە قان ئايلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراش خاراكتىرىدىكى كېسەلىك بولۇپ، دائىرىلىك نېرۋا فۇنكىسىيەسىنى يۇقىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەتتا بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاڭ توسالغۇغا ئۇچراش ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ مېڭە قان تومۇرى تاسادىپىيلىقى ياكى سەكتە (شامال دارىش) دەپ ئاتىلىدۇ. ئاساسلىق پاتولوگىيىلىك جەريانى مېڭىدە تىقىلما ھاسىل بولۇش، مېڭىگە قان چۈشۈش ۋە ئۆمۈچۈك تورىسىمان پەردە ئاستى بوشلۇقىغا قان چۈشۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلار يەككە ياكى ئارىلاش كۆرۈلىدۇ. تەكرار قوزغىلىدۇ. 

سوزۇلما مېڭە قان تومۇرى كېسەللىكى

سوزۇلما مېڭە قان تومۇرى كېسەللىكى مېڭىگە ئاستا خاراكتېرلىق قان يېتىشمەسلىكتىن مېڭىنىڭ ماددا ئالمىشىشى توسالغۇغا ئۇچراش ۋە فۇكىسىيەسى ئاجىزلاشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامىتى يۇشۇرۇن، تەرەققىي قىلىشى ئاستا بولىدۇ. مەسىلەن، مېڭە ئاتېرىيەسىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشى، قان تومۇر مەنبەلىك گومۇشلۇق قاتارلىقلار.

كلىنىكىدا بىرىنچى چوڭ تۈردىكى كېسەللىك سەۋەبى تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، مېڭە قان تومۇرى كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پۈتۈن بەدەن خاراكتىرلىق كېسەللىكنىڭ قىسمەن ئىپادىلىنىشى بولۇپ، بىر پۈتۈنلۈك نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش لازىم. 

1. يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى ۋە باشقا سىستېمىلار ياكى ئەزالارنىڭ كېسەللىكتىن زەخىملىنىشىنىڭ مېڭە قان تومۇرى ۋە قان ئايلىنىش فۇنكسىيەسىگە زىينى يىتىشىدىن، مەسىلەن، ئاتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشى، يۇقىرى قان بېسىمى مەنبەلىك ئاتېرىيە ئۆزگىرىپ كېتىش، دىئابېت، يۈرەك مەنبەلىك كەپلەشمە ۋە ياللۇغنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشى، قان كېسەللىكى قاتارلىقلارنىڭ مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ تارىيىشى، ئىتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ياكى ئەگەشتۈرۈپ پەيدا قىلىشىدىن مېڭىگە قان يىتىشمەسلىك ياكى قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ زەخملەندۈرۈشىدىن يېرىلىپ قاناش.

2. باش ئىچىدىكى قان تومۇرنىڭ غەيرىي يىتىلىشى، زەخىملىنىشى، ئۆسمە پەيدا بولۇش قاتارلىقلار، جۈملىدىن تۇغما باش ئىچى ئارتېرىيە ئۆسمىسى، مېڭە ئارتېرىيەسىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىشى، قان تومۇر مەنبەلىك ئۆسمە ياكى باش ئىچىدىكى باشقا ئۆسمە قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىش.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#