ئادېل

ئادېل 1988-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى لوندون دا تۇغۇلغان. ئەنگلىيە لىك مودا ناخشىچى، دۇنيا ناخشا خانىشى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئادېل
باشقا نامى Adele
يۇرتى لوندون
يۇلتۇز تۈركۈمى سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى
كەسپى ناخشىچى، تېكىست ۋە مۇزىكا ئىجاد قىلغۇچى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿黛尔
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1988-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 175 سانتىمېتىر
پۈتتۈرگەن مەكتىپى لوندون سەنئەت ۋە تېخنىكا مەكتىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئادېلئادېل ئەنگلىيەلىك مودا ناخشىچى، ئادېل 1988-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەنگلىيە دە تۇغۇلغان. كىچىكىدىنلا جاز مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىكەن. 14 يېشىدىن باشلاپ ئاھاڭ ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن. 18 يېشىدا لوندون دا سەنئەت فاكۇلتىتېنى پۈتتۈرگەن، مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنلا نۇرغۇنلىغان مۇزىكانتلار بىلەن بىللە سەييارە ئويۇن قويۇشلارغا قاتناشقان.

ئادېلئادېلنىڭ «19» ناملىق تۇنجى ناخشا پلاستىنكىسى مېركۇرىي مۇزىكا مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. ھەمدە ئەنگىلىيە مۇزىكا شەرەپ تاختىسىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

بۇ پىلاستىنكىنىڭ ئەنگلىيەدىكى سېتىلىشى ئىككى مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. «21» ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى سېتىلىش مىقدارى 18 مىليونلۇق رېكوردنى ياراتقان. دۇنيا مىقياسىدا جەمئىي 26 مىليون پارچە ناخشا پلاستىنكىسى سېتىلغان. 2012-يىلى، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا گۈزىلى نامزاتىدا 14-ئورۇندا تۇرغان.

2012-يىلى ئادېلغا نىسبەتەن دۇنيا ناخشا مۇنبىرىدە مۆجىزە ياراتقان يىل بولغان. ئادېلنىڭ ناخشا ئاۋازى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئالقىشقا ئېرىشكەن.

گرەممېي مۇكاپاتىدىن ئەنگىلىيە مۇزىكا مۇكاپاتىغىچە، ئادېل مۇكاپاتنى تازا ئالغان.

«يىللىق ئەڭ ياخشى پىلاستىنكا»، «ئەڭ مودا ناخشىچى»، «يىللىق ئەڭ ياخشى ناخشا»، «يىللىق ئەڭ ياخشى ئىجادىيەتچى» قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك ئالتۇن قىممىتىدىنمۇ ئارتۇق چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ، مۆجىزە ياراتقان.

«دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى»دا، 2012-يىلدىكى دۇنيادىكى ئەڭ تەسىرگە ئىگە زاتلار شەرەپ تاختىسىدا ئادېلنىڭ ئالتۇن تىزىملىككە نامى چىقىرىلغان، ئىقتىساد جەھەتتە ئۇنى زور مەنپەئەتلەندى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

«21» ناملىق ناخشا پلاستىنكىسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بەش مىليون پارچە بولۇپ، قىممىتى 14 مىليون فوندستېرلىڭ، ئۆزىنىڭ ئابروي قىممىتى 20 مىليون فوندستېرلىڭغا ئۆرلىگەن.

ئۇنىڭدا مول سېھرىي كۈچ بار. چۈنكى ئۇنىڭ يېقىملىق توم ئاۋازى كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالالايدۇ. كىشىنىڭ قەلب تارىسىنى چېكەلىگەن ناخشا تېكستلىرى، ناخشىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققاندا تىترەپ چىققان ئالاھىدە ناخشا ئاۋازى ئارقىلىق تىمتاسلىقنى، سوغوقلىقنى بۇزۇپ كىشى قەلبىنى ۋىللىدە ئىللىتىدۇ.

ئۇ قەلب ئاۋازى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى مۇھەببەتتە كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئۇچرىغان ياشلارنى تەسىرلەندۈرگەن. ئۇنىڭ ئاۋازى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ئاۋاز بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ ھازىرغىچە غەيرىي ئۇسلۇبتىكى كىيىنىش، چاچ-پاسۇنلىرى، ئۆزى ھەققىدىكى مىش-مىش پاراڭلىرى بولۇنۇپ باقمىغان. 

ئادېلنىڭ ناخشىسى ئەنگىلىيە BBC يېڭى ئاۋازىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئورنىدا تۇرغان. ئادېل ھازىرغا قەدەر ئاپىسى بىلەن بىللە لوندوندا تۇرىۋاتىدۇ، ئۇ پەقەتلا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ناخشىلارنى ئېيتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىڭدىن ئارتۇق ئالاھىدە ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمۇ يوق.

 ئادېلنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن Chasing Pavement»،«Rolling in the Deep» ،«Someone Like You» ،«Skyfall» «Hello قاتارلىقلار بار.

«مۇھەببەتتىكى ئىنتىلىش»

ئادېل«مۇھەببەتتىكى ئىنتىلىش» ئادېلنىڭ ھەقىقىي داڭق چىقارغان ناخشىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ناخشىدا ئۇنىڭ ئىلگىرى ئالتە ئاي مۇھەببەتلەشكەن ئوغۇل دوستىنىڭ ئادېلنى مۇھەببەتتە ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن. بىر كۈنى ئەتىگەن سائەت ئالتىدە، ئادېل ئوغۇل دوستى ئويناۋاتقان قاۋاقخانىغا بېرىپ بىر تەستەك سېلىپ چىقىپ كېتىدۇ، كوچىدا يالغۇز كېتىۋېتىپ:«مەن نېمە ئۈچۈن نەتىجىسى يوق ئىشنى قوغلىشىمەن» دەپ ئويلىغان، شۇنىڭ بىلەن «مۇھەببەتتىكى ئىنتىلىش» دېگەن ناخشا بارلىققا كەلگەن.

بۇ ناخشىسىدىن ئادېلنىڭ ئازاپ-ھەسرىتىنى ھېس قىلىۋالغىلى بولىدۇ. 2009-يىللىق گرەممېي مۇكاپاتىدا، «مۇھەببەتتىكى ئىنتىلىش» ناخشىسى ئارقىلىق ئەڭ يېڭى ئوبراز مۇكاپاتىغا ۋە ئەڭ مودا ناخشىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشىش بىلەن بىللە يىللىق ئەڭ ياخشى ناخشا پلاستىنكا ۋە يىللىق ئەڭ ياخشى ناخشىچى مۇكاپاتىنىڭ نامزاتىغا كۆرسۈتۈلگەن.

«مۇھەببەتتىكى ئازاب»

ئادېل بۈگۈنگە قەدەر ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ھەم دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە زور نەتىجىلىك ئىجادىيەتلەرنى ياراتقان. ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ناخشىچى دېسەكمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ. «مۇھەببەتتىكى ئازاب» ناخشىسى ئامېرىكىدا كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان، بازىرى ئەڭ ئىتتىك ناخشىغا ئايلانغان ھەمدە يەتتە ھەپتە ناخشا رېتىدە ئۈزلۈكسىز چېمپىيون بولغان.

«سەندەك بىرسىنى چوقۇم تاپالايمەن»

ئادېلئادېلنىڭ «سەندەك بىرسىنى چوقۇم تاپالايمەن» دېگەن ناخشىسى كىشى يۈرىكىنى ئەڭ ئېزىدىغان ناخشا ھېسابلىنىدۇ. ھەر قېتىم بۇ ناخشىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا ئادەمنىڭ يىغلىغۇسى كېلىدۇ.

نەق مەيداندا پىئانىنونىڭ تەڭكىشى، بۇ ناخشىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە: «ھېچقىسى يوق، مەن ھامان بىر كۈنى سەندەك بىرىنى تاپالايمەن، مەن پەقەت سېنىڭ مېنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭنىلا ئۈمىد قىلىمەن، ساڭا بەخت تىلەشتىن باشقا ھېچقانداق تەلىپىم يوق، مۇھەببەت بەزىدە مەڭگۈلۈك، بەزىدە شۇقەدەر كىشىنى ئازابلايدۇ دېگەن گېپىڭنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن» دېيىلگەن.

بۇنداق ناخشا تېكىستى كىشى قەلبىنىڭ ئەڭ نازۇك جايلىرىغا ھەقىقەتەنمۇ زەربە بەرگۈسى. «سەندەك بىرسىنى چوقۇم تاپالايمەن» دېگەن ناخشا ئامېرىكا تارىخىدا پەقەتلا پىئانىنو تەڭكەش قىلىنىپ ئېيتىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن تۇنجى ناخشا ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بېرى پۈتۈن ئامېرىكىدا چېپىيونلۇققا ئېرىشكەن لىرىك ناخشىدۇر. ئادېلنىڭ «سەندەك بىرسىنى چوقۇم تاپالايمەن» ناخشىسى ئامېرىكىدىكى ناخشا رېتىدە جەمئىي بەش ھەپتە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. ئادېل تارىختا تۆتىنچى بولۇپ بىر يىل ئىچىدە ئىككى ناخشىسى ئەڭ ئاز دېگەندە بەش ھەپتىلىك چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئايال ناخشىچى.

ئادېلئادېل 10 گراممېي مۇكاپاتى، بىر ئالتۇن توپ مۇكاپاتى، بىر ئوسكار مۇكاپاتى، تۆت ئامېرىكا مۇزىكا مۇكاپاتى، سەككىز ئەنگىلىيە مۇزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 54-نۆۋەتلىك ئەڭ مودا پىلاستىنكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.  

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 54-نۆۋەتلىك يىللىق ئەڭ ياخشى ناخشا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 54-نۆۋەتلىك يىللىق ئەڭ ياخشى ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 54-نۆۋەتلىك يىللىق ئەڭ ياخشى پىلاستىنكا  مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 54-نۆۋەتلىك ئەڭ قىسقا ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2013-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 55-نۆۋەتلىك ئەڭ مودا ناخشىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2014-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 56-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى كىنو-تېلېۋىزىيە ناخشا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2016-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 36-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئايال ناخشىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2016-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 36-نۆۋەتلىك يىللىق پىلاستىنكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. [2]

ئادېلئادېل 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى ئەنگىلىيە مۇزىكا مۇكاپاتىدا، ئادېل سەھنىگە چىقىشتىن بۇرۇن، رىياسەتچى:«سېنىڭ چوقۇم مۇنداق بىر كەچۈرمىشىڭ بار، سەن بۇ ناخشىدا ھاياتىڭدىكى مەلۇم بىر باسقۇچتىكى ھېسسىياتىڭنى ھېس قىلالايسەن، ئادېل دەل مۇشۇنداق ناخشىچى، ئۆتمۈشتىكى ئازاپلىق كۈنلىرىڭنى قايتىدىن ساڭا ئەسلىتىدۇ» دېگەن.

دەل مۇشۇ پەيتتە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرى، غۇۋا سەھنە چىراقلىرى، پىئانىنونىڭ تەڭكىشى بىلەن ئادېل ھېسسىياتقا تولغان ئاۋازى بىلەن ناخشىسىنى باشلىغان. سەھنىدە ھېچقانداق يانداش سەنئەتكارلار يوق، پەقەت ۋە پەقەتلا ئادېلنىڭ ۋە پىئانىنونىڭ سۈزۈك ئاۋازىلا بار.

ناخشا ئاخىرلىشاي دېگەندە تاماشىبىنلار ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن ئالقىشلارنى ياڭرىتىپ كېتىدۇ، ئادېل ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان ھالدا كۆزىدىن ياش ئاققۇزدىدۇ. بۇ مەنزىرە ئۇ ھەر قېتىم سەھنىگە چىققاندا پەيدا بولىدۇ.[0]

«Chasing Pavement»،«Rolling in the Deep» ،«Someone Like You» ،«Skyfall» ،«Hello»

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#