چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇر-ئەتراپنى كۆزىتىش، خەۋەر(بەلگە) بېرىش ئۈچۈن توپا ۋە تاشلاردىن ياسالغان بىر خىل ئېگىز قۇرۇلمىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە «تىم» ، «تۇرا» ، «قارغۇي» بۇرۇنلاردا ، «پوتەي» (يېقىنقى زاماندا) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

تارىختا فېئودال ھاكىمىيەتلەر ھەربىي ئېھتىياج، سودا، دېپلوماتىيە ۋە پوچتا ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇشۇنداق خەۋەرلىشىش ۋاستىرىلىرىدىن پايدىلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەينى دەۋرلەردە مۇشۇنىڭغا ئاساسەن مۇساپە ھېسابلانغان. 

خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە «تۇر(تىم) لارنىڭ ئارىلىقى ئادەتتە 30 يول بولسا بولىدۇ، لېكىن 30 يول بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۆز ئارا كۆرۈنۈپ تورىدىغان بولۇشى لازىم» دەپ بەلگىلەنگە. موڭغۇللار دەۋرىدە تۇرلاردا مەخسۇس «ئۆتەڭ بېگى» ، «باشقۇرغۇچى» دېگەن ئەمەلدارلار تەيىنلەنگەن. ھەر بىر تۇرنىڭ ئارىلىقى 10 چاقىرىمدىن 25 چاقىرىمغىچە بولۇش بەلگىلەنگەن( «جۇڭگونىڭ غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش تارىخى» ) . چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە شىنجاڭ رايونىدا يەر شەكلىگە قاراپ تەخمىنەن بىر چاقىرىمدىن تۆت چاقىرىمغىچە بولغان ئارىلىقتا بىردىن تۇر ياسالغان. قەشقەردىن ئاقسۇغىچە بولغان 453 چاقىرىم يولغا 166 تۇر ياسالغان. 

قەدىمكى دەۋرلەردە تۇرلاردا ئوت يېقىش ياكى ئىس قويۇش ئارقىلىق خەۋەر بېرىلگەن بولسا، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە زەمبىرەك ئېتىش ئارقىلىق خەۋەر بېرىلىدىغان بولغان. شۇنىڭ بىلەن «پوتەي» (زەمبىرەك سۇپىسى) دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. ئەينى چاغدىكى بەلگىلىمە بويىچە زەمبىرەكتىن بىر پاي ئوق ئېتىلسا 100 دۈشمەن، ئىككى پاي ئوق ئېتىلسا 500 دۈشمەن، ئۈچ پاي ئوق ئېتىلسا 1000 دۈشمەن، تۆت پاي ئوق ئېتىلسا 5000 دۈشمەن، بەش پاي ئوق ئېتىلسا 10000 دۈشمەن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرەتتى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#