يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ھەرخىل ياللۇغلىنىشلىق سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدە يۈرەكنىڭ ئىككى ئىچكى ياللۇغلىنىش ياكى يۈرەك كىلاپانلىرى كېڭىيىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: قىزىتىش، باش ئاغرىش، ھوشسىزلىنىش، يۈرەك ئېغىش، يۈرەك ئۇدۇلى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
تەركىبى: گۈلى گاۋزىبان ئۈچ گىرام، ئوسۇڭ ئۇرۇقى 30 گىرام، تاباشىر ئۈچ گىرام، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 30 گىرام، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 20 گىرام، ھەسەل بىر كىلوگرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، چەككىلەنگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغىتەركىبى: قىل يوپۇرماقلىق ئەمەن 20 گىرام، زىرىق 30 گىرام، يۇلغۇن مېۋىسى 30 گىرام، قارا شېكەر 50 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى قاينىتىپ سۈزۈپ، ئۈستىگە قارا شېكەرنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.