مازار كۆل قارا قويى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مازار كۆل قارا قويى شىنجاڭنىڭ ئەلا، نەسىللىك سورتىغا تەۋە بولۇپ، قۇزىلاش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ٪200.15. مازار كۆل قارا قويىنىڭ يۇڭى قۇيۇق، بۈدۈر بولۇپ، تېرىسى تەلپەك ياساشنىڭ ياخشى خام ماتېرىيالى.
مازاكۆل قارا قۇيى ئاساسلىقى چىرا يېزىسى تۆۋەنجاي كەنتى قاتارلىق يەتتە كەنىتتە بېقىلىدۇ. ئاساسلىقى قۇمۇش ۋە دېھقانچىلىقتىن يىغىۋېلىنغان ئوت- چۆپ بىلەن بېقىلىدۇ. ئىمونىت كۈچى كۈچلۈك بۇلۇش ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى. مازاكۆل قارا قۇيىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، ئىسسىققا، قورغاقچىلىققا چىداملىق، كۆپىيىش ئىقتىدارى يۇقۇرى، (بىر يىلدا ئىككى ياكى ئىككى يىلدا ئۈچ تۆل ئالغىلى بۇلىدۇ) بەدىنى پۇختا ۋە چوڭ- كىچىكلىكى نۇرمال. كۆپ قىسىم چىرا قارا قۇيىنىڭ قۇزىسىنىڭ تىرىسى سېتىلىدۇ. 10- 15 كۈنلۈك بولغان قۇزىلار ئۆلتۈرۈلۈپ، تېرىسى سۇيۇلۇپ ئېلىۋېلىنغاندىن كېيىن ئۈچ كىلوگرامدىن 5 كىلوگرامغىچە گۆش چىقىدۇ. قۇزا گۆشى يۇمران، پىششىقلاندىن كېيىنكى تەمى يىيىشلىك، خۇشپۇراق بولۇپ، پۈتۈن قوي كاۋىپى سېلىشتىكى ئالدىن تاللاش. سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ تېتىپ بېقىشىغا ئەرزىيدىغان ئېسىل يېمەكلىكى. بۇ قوي ناھىيەمىزگە بىر قەدەر ياخشى بولغان ئىقتىسادىي ئۆنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۆنۈم ئېلىپ كەلمەكتە.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.