ئودېسسا

ئودېسسا شەھىرى

ئۇكرائىنانىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى قارا دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان مۇھىم پورت شەھىرى، ئۇ لېنىنگرادتىن قالسا ئىككىنچى چوڭ پورت ھېسابلىنىدۇ.

نامى ئودېسسا
دۆلىتى ئۇكرائىنا
چەتئەلچە نامى Odessa
خەنزۇچە نامى 敖德萨
يەر مەيدانى 236.9 كۋادرات كىلومېتىر
جۇغراپىيىلىك ئورنى ئۇكرائىنادىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئودېسسائۇكرائىنانىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى قارا دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان مۇھىم پورت شەھىرى، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە لېنىنگرادتىن قالسا ئىككىنچى چوڭ پورت ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 126 مىڭدىن ئاشىدۇ(1985) ، ئودېسسا شەھىرى ئودېسسا ئوبلاستىنىڭ مەركىزى بولۇپ، بۇ جايدا 1881-يىلى چارروسسىيىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان. ئودېسسا 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى مۇھىم ھەربىي پورت بولۇپ قۇرۇلغان، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى مۇھىم سودا پورتىغا ئايلانغان، ھازىر ئۇ ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇھىم سانائەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ.

ئودېسسا بۇ جايدا ماشىنىسازلىق(كران، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، نازۇك ستانوك، پاراخوت قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش) خىمىيە، نېفىت-خىمىيە، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلەر تەرەققىي قىلغان.

 ئودېسسا شەھىرىدە نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، رەسەتخانا، مۇزېيخانىلار بار.

 ئودېسسا شەھىرىنىڭ ھاۋاسى يىللىق، مەنزىرىسى گۈزەل بولغانلىقتىن، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ساياھەت رايونلىرىنىڭ بىرى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#