نومۇرا ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئورنى

نومۇرا ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئورنى
نومۇرا ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئورنى بۇ ياپونىيىدىكى مەشھۇر تەتقىقات ئاپپاراتى بولۇپ، نومۇرا ئاكسىيە شىركىتى تەكشۈرۈش بۆلۈمى ئاساسىدا قۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى نومۇرا ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئورنى
باش ئورنى ياپونىيە
خەنزۇچە نامى 野村综合研究所
قۇرۇلغان ۋاقتى 1965-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نومۇرا ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئورنىنومۇرا ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئورنى بۇ ياپونىيىدىكى مەشھۇر تەتقىقات ئاپپاراتى بولۇپ، نومۇرا ئاكسىيە شىركىتى تەكشۈرۈش بۆلۈمى ئاساسىدا قۇرۇلغان، 1965-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. تەتقىقات ئورنىدا تەتقىقاتنى ئاساس قىلغان كاماكۇرا باش شتابى ۋە تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلغان توكيو باش شتابى بولۇپ، ئۇلارنىڭ «قوش باشلىق لاچىن» دېگەن نامى بار. نيۇيورك، لوندون، شياڭگاڭ، برازىلىيە قاتارلىق جايلاردا تارماق ئاپپاراتلىرى بار.

نومۇرا ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئورنىنومۇرا ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقات تېمىلىرى ئىنتايىن كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، چوڭلىرى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە، ئېنېرگىيە تەدبىرلىرىگىچە، كىچىكلىرى تاللا بازار، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىت، تاكسى ئاپتوموبىلى قاتارلىقلارغىچە بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە توكيو باش شتابىنىڭ ئاساسىي خىزمىتى ئاكسىيە كەسپىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چۆرىدەپ، ياپونىيە ۋە دۇنيادىكى ئاساسىي دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، سانائەت پائالىيەتلىرى، پاي چېكى بازىرى، ئاكسىيە بازىرى ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشنى ئوبيېكت قىلىدۇ.

نومۇرا ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئورنىكاماكۇرا باش شتابىنىڭ قارىمىقىدا ئىقتىساد تەتقىقات بۆلۈمى، ئىگىلىك باشقۇرۇشنى پىلانلاش تەتقىقات بۆلۈمى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە تەتقىقات بۆلۈمى، خەلقئارا تەتقىقات بۆلۈمى، جانلىقلار ئىلمى تەتقىقات بۆلۈمى قاتارلىق بەش شۆبە بۆلۈم بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

نومۇرا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئۆزىنىڭ كۇتۇپخانىسى بار، «مالىيە ساھەسىگە نەزەر»، «نومۇرا ھەپتىلىك گېزىتى»، «ئىقتىساد پەسىللىك گېزىتى»، «ئىقتىساد ئوبزورى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللارنى نەشر قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/355925.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#