يالپۇز
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش ، سۈيدۈك ھەيدەش ، ئاغرىق توختىتىش، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
خاس تەسىرىمېۋە سۇلىرى ، سىركەنجىۋىل ، كەتىرا
ئاغرىق پەسەيىتكۈچ دورىلار.
1. يالپۇزنى داۋاملىق يەپ بەرسە ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ ، يۇقۇملۇق ئىچى سۈرۈش تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
2. 10 گرام يالپۇزنى سىركە بىلەن ئېزىپ يۈزىگە چاپسا ، يۈزدىكى داغنى ئالىدۇ .
3. 7 گرام يالپۇزنى سىركە بىلەن ئېزىپ سۈركىسە ، مۈشۈك چىشلىگەن ، چايان قاتارلىق ھاشاراتلار چاققان يەرلەرنىڭ ئاغرىقىنى توختىتىدۇ .
4. 10 گرام يالپۇزنىڭ يوپۇرمىقىنى سىقىپ سۈيىنى تېمىتسا ، بۇرۇن ، قۇلاق ۋە باشقا ئەزاغا چۈشكەن قۇرتنى يوقىتىدۇ ھەم قۇلاقنىڭ ئېغىرلىقىنى يوق قىلىدۇ .
5. يەتتە گرام يالپۇز يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىنى ئەرىقى گۇلاب بىلەن قوشۇپ ئىچسە يەلتاشمىغا پايدا قىلىدۇ ياكى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە ، نەپەس قىيىنلىشىش ، غەيرىي تەبىئي بەلغەم ۋە سەۋدا خىلىتىدىن بولغان قىزىتمىلارغا پايدا قىلىدۇ .
6. 10 گرام يالپۇز ئۇسارسىنى ياكى ئۆزىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچسە ، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ ھەم سېرىقئەتنىڭ يىرتىلىشىغىمۇ پايدا قىلدۇ .
7. بەش گرام يالپۇز سۈيىنى ئانار شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچسە كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قوسۇشقا پايدا قىلىدۇ .
8. يالپۇز يوپۇرمىقىنى داكىغا ئوراپ پەرجىگە ھومۇل قىلسا ، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ .
9. 10 گرام يالپۇزنى شاراپ بىلەن پىشۇرۇپ چاپسا ، قارا داغنى ئالىدۇ ، توققۇز كۆز ئاغرىقى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ .
10. يالپۇزنى ئېزىپ خېمىر قىلىپ زەھەرلىك ھاشارات چاققان يەرگە چاپسا ، زەھەرنى تارتىپ ئالىدۇ .
11. يالپۇزنى يۇمشاق ئېزىپ قۇرتلاپ كەتكەن ئورۇنغا قويسا، قۇرتلارنى ئۆلتۈرىدۇ .
12. يالپۇزدىن ئەرەق تارتىپ ئىچىپ بەرسە ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.
جاۋارىش پۇدىنە ، ئەرىقى پۇدىنە .
ئاشقازان ئاجىزلىقى ، ئىشتىھاسىزلىق ، قۇسۇش ، كۆڭۈل ئېلىشىش ، يۇقۇملۇق ئىچى سۈرۈش ، ئىسھال قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىشتىن باشقا ، يەنە يۈزدىكى سەپكۈنلەرنى يوقىتىش ، مۈشۈك ، چايان قاتارلىق ھاشاراتلار چاققان يەرلەرنىڭ ئاغرىقىنى توختىتىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ . ئۇندىن باشقا يەلتاشما ، بۇرۇن ، قۇلاق ۋە باشقا ئەزالاردا پەيدا بولغان قۇرتنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ .
كېلىش مەنبەبسى (ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.