سېرىقلىق چۈشۈش

سېرىقلىق چۈشۈش

سېرىقلىق چۈشۈش فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن ۋە كېسەللىك جەھەتتىن دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ، ئادەتتە ئېيىغا توشۇپ تۇغۇلغانلار ياكى بالدۇر تۇغۇلغان %80 تىن يۇقىرى بالىلار تۇغۇلۇپ ئىككى-ئۈچ كۈندىن كېيىن تېرىدە ئاستا-ئاستا سېرىقلىق پەيدا بولىدۇ. تۆت-بەش كۈندە سېرىقلىق كۈچىيىدۇ، كېيىن ئاستا-ئاستا سۇسلىشىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى سېرىقلىق چۈشۈش
خەنزۇچە نامى 黄疸
تەۋە بۆلۈم ھەزىم قىلىش كېسەللىرى ئىچكى بۆلۈمى
ئاساسلىق ئالامىتى تېرىدە سېرىقلىق پەيدا بۇلۇش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار
كېسەللىك ئورنى تېرە ئۈستى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سېرىقلىق چۈشۈشنۇرغۇنلىغان ئانىلار بالىلىرىغا سېرىقلىق چۈشكەنلىكى ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىدۇ، بىراق ياشانغانلار بالىلارنى سېرىقلىق چۈشۈش نورمال ئىش، دوختۇرخانىغا بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ. سېرىقلىق چۈشۈش فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن ۋە كېسەللىك جەھەتتىن دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ، ئادەتتە ئېيىغا توشۇپ تۇغۇلغانلار ياكى بالدۇر تۇغۇلغان %80 تىن يۇقىرى بالىلار تۇغۇلۇپ ئىككى-ئۈچ كۈندىن كېيىن تېرىدە ئاستا-ئاستا سېرىقلىق پەيدا بولىدۇ. تۆت-بەش كۈندە سېرىقلىق كۈچىيىدۇ، كېيىن ئاستا-ئاستا سۇسلىشىدۇ. سۈتنى ئېمىش ياخشى بولسا، چوڭ تەرەت سېرىق رەڭدە كېلىدۇ، قان سۇيۇقلۇقىدىكى بىلروبىن بىر ئاز ئۆرلەيدۇ. جىگەر ئىقتىدارى نورمال بولىدۇ، نۇرغۇنلىغان كېسەللىكنىڭ يىلتىزىنى تەكشۈرگەندە چوڭ مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.  

بۇ بىر نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە، داۋالىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق كېسەللىك جەھەتتىن سېرىقلىق چۈشكەندە، قان سۇيۇقلۇقىدىكى بىلرۇبىن يۇقىرى ئۆرلەپ، سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن، سۇسلاش ۋاقتىمۇ ئۇزۇن بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، چوڭ تەرەت كۈل رەڭ رەڭدە كېلىدۇ ۋە ياكى جىگەر ئىقتىدارى نورمال بولمايدۇ. كېسەللىكنىڭ ئەسلى مەنبەسى مۇسبەت بولىدۇ، گاھىدا ئانىنىڭ قان تىپى بىلەن بالىنىڭ قان تىپى ماس كەلمەسلىك ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك جەھەتتىن سېرىقلىق چۈشۈشنى داۋالاش كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى تۇغۇلغان نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ سېرىقلىق چۈشۈشى سۈت سەۋەبىدىن بولىدۇ، بۇ ئانا سۈتى سەۋەبلىك سېرىقلىق چۈشۈش دېيىلىدۇ. بۇ جەھەتتىكى سېرىقلىق چۈشۈش يېڭى تۇغۇلغان بالىلارغا سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ %8.3 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلارنىڭ %25 ~ %30 ىنى ئىگىلەيدۇ.[0]

فىزىئولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈشتەخمىنەن ئاي-كۈنى توشۇپ تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ %60 دە، ئاي-كۈنى توشمىغانلارنىڭ بوۋاقلارنىڭ %80 ىدە فىزىئولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈش يۈز بېرىدۇ. فىزىئولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈش ئادەتتە تۇغۇلۇپ 2 ~ 5 كۈندە كۆرۈلۈپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى سۇس سېرىق رەڭدە، سۈت ئېمىشى نورمال، روھىي ھالىتى ياخشى، يىغا ئاۋازى، ئۇيقۇسى، ئېغىرلىقىنىڭ ئارتىشى نورمال بولىدۇ. ئاي-كۈنى توشقان بوۋاقلاردا 14 كۈن ئىچىدە يېنىپ كېتىدۇ. بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلاردا سەل كەينىگە سۈرۈلۈپ، تۇغۇلۇپ ئۈچ ~ تۆت ھەپتىدە يېنىشى مۇمكىن. 

پاتولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈشئېيىغا تولۇق توشۇپ تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدە سېرىقلىق چۈشۈشى بارغانسېرى ئازلايدۇ، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بىر ئاي ئىچىدە سېرىقلىق چۈشۈشى سۇسلايدۇ. بۇ خىل سېرىقلىق چۈشۈش فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن سېرىقلىق چۈشۈش دېيىلىدۇ.

پاتولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈش ئادەتتە سېرىقلىق چۈشۈش تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە پەيدا بولىدۇ. سېرىقلىق چۈشۈشىڭ دەرىجىسى ئېغىرراق، يەنى پۈتۈن بەدەننىڭ تېرىسى كۆرۈنەرلىك سېرىق رەڭدە بويىلىپ ئالتۇن رەڭ ياكى ئاپلېسىن رەڭدە، كۆز ئېقى سېرىق رەڭدە بولىدۇ. سۈيدۈكنىڭ رەڭگى كۆرۈنەرلىك ساغىرىدۇ. بەزى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چوڭ تەرىتى ئاق رەڭدە ئىپادىلىنىدۇ، سېرىقلىقنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن (ئاي-كۈنى توشقان بوۋاقنىڭ ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق تۆت ھەپتىدىن ئارتۇق). سېرىقلىق چۈشۈش يېنىكلىگەن ياكى يانغاندىن كېيىن قايتىدىن ئېغىرلايدۇ ياكى پەيدا بولىدۇ. يۇقىرىقى ئىپادىلەرنىڭ ھەر قانداق بىرى كۆرۈلسە، بۇ پاتولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈشكە تەۋە بولۇپ، تېزلىك بىلەن دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈش كېرەك.

ئانا سۈتى خاراكتېرلىك سېرىقلىق چۈشۈشئانا سۈتى خاراكتېرلىك سېرىقلىق چۈشۈش كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىدىغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا يۈز بېرىدۇ. يۈز بېرىش نىسبىتى %2 ~ %0.5 كۆپىنچىسى تۇغۇلۇپ تۆت كۈندىن يەتتە كۈنگىچە سېرىقلىق چۈشۈش كۆرۈلىدۇ. ئىككى ھەپتىدىن ئۈچ ھەپتىگىچە يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ. 

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى سېرىق بولغاندىن سىرت ئېمىشى نورمال، روھىي ھالىتى ياخشى، ئۇيقۇسى نورمال بولۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئانا سۈتى خاراكتېرلىك سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ تېخى ئېنىق ھۆكۈمى يوق. ھازىرچە ئانا سۈتىدىكى β-گلۇكورونىك كىسلاتا گلوكوزىر ئاكتىپلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بىلىرۇبىن ئۈچەي يولىدا قايتا سۈمۈرۈلۈشى كۈچىيىشتىن كېلىپ چىققان دەپ قارالماقتا. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى توختىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. داۋاملىق ئېمىتىۋەرسە بىر ئايدىن تۆت ئايغىچە سېرىقلىق ئاستا-ئاستا يوقايدۇ. ئەگەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ سېرىقلىقى ئېنىق بولسا، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ، سۈنئىي بېقىشقا ئۆزگەرتىش، سېرىقلىق يوقىغاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا بولىدۇ. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئەگەر ئانا سۈتى توختىتىلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن سېرىقلىق يەنىلا كۆرۈنەرلىك ئازايمىسا، چوقۇم ئاكتىپ ھالدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#