لىبنىز

لىبنىز 1646-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى گېرمانىيەنىڭ لېيپسىگ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 15 يېشىدا لېيپسىگ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ قانۇن ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن.


ئۇيغۇرچە ئىسمى لىبنىز
باشقا نامى 戈特弗里德·威廉·莱布尼茨
مىللىتى يەھۇدى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1646-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
كەسپى پەيلاسوپ، سىياسىئون
خەنزۇچە ئاتىلىشى 莱布尼茨
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
يۇرتى لېيپزىگ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1716-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى لېيپزىگ ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لىبنىزدېفرىنىسىيال–ئىنتېگرال ئىلمى17-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، نيۇتون بىلەن لىبنىز تەرىپىدىن بىرلا ۋاقىتتا ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىشلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئۇنىڭ بەرپا قىلىنىشى يېقىنقى زامان ماتېماتىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ يول ئېچىپ بەردى. لىبنىز 1646-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى گېرمانىيەنىڭ لېيپسىگ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 15 يېشىدا لېيپسىگ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ قانۇن ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن. شۇ چاغدا ئۇنىڭدا ماتېماتىكا ۋە تەبئىي پەنگە قارىتا كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولغان، لىپنىز 20 يېشىدىلا شۇ چاغدىكى دۇنيادا تارقىلىپ يۈرگەن تۈرلۈك ئىلمىي ئەسەرلەرنى كۆرۈپ چىققان. 1666-يىلى ئۇ تۇنجى ماتېماتىكا ماقالىسى-«توپلام» نى ئېلان قىلغان. «توپلام» يېقىنقى زامان ماتېماتىكىسىنىڭ تارمىغى بولۇپ، ماتېماتىكا-فىزىئولوگىكىسىنىڭ بېشارىتى ئىدى.

لىبنىز 1716-يىل 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋاپات بولغان. 

لىبنىز مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىش بىلەنلا دېپلوماتىك ئەمەلدارلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەن، لېكىن ئۇ ماتېماتىكا ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى تاشلاپ قويمىغان. 1672-يىلى، ئۇ فرانسىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، گوللاندىيەلىك ئالىم ھۇيگېنس بىلەن دوست بولۇپ، ئۇنىڭدىن ناھايىتى زور تەربىيە ئالغان. لىبنىزنىڭ ئىلمىي تەتقىقات دائىرسى كەڭ بولۇپ، ئۇ ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە خىمىينىلا تەتقىق قىلىپ قالماي، بەلكى ماشىنسازلىق ئىلىمى، بىئولوگىيە، تىببى ئىلىم قاتارلىقلار ئۈستىدىمۇ ئۇنىڭ ناھايىتى يۈكسەك ئىجادىي قاراشلىرى بولغان. ئۇ قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش ۋە يىلتىز چىقىرىش ئەمەللىرىنى ئىشلەيدىغان ھېساپلاش ماشىنىسىنى ئىجاد قىلغان چېغىدا تېخى 30 ياشقا كىرمىگەن.

لىبنىز بىلەن نيۇتون «دېفرىنسىيال-ئىنتېگرال» نى كەشىپ قىلىشتىن ئىلگىرى، ئىتالىيەلىك كاۋلىلى چەكسىز كىچىكلىك چۈشەنچىسى بىلەن ئېنتېگراللىق ھېساپلاش ئېلىپ بېرىپ، ئىنتېگرال فورمۇلىلىرىنى تاپقان. فرانسىيىلىك فېرماتمۇ فۇنكىسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ، ئەڭ كىچىك قىممەتلىرىنى تېپىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاخىرى دېفرىنىسىيال-ئېنتېگرالغا يېقىنلاشقان. لىبنىز بىلەن نيۇتون بۇرۇنقىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەپ، قاتتىق تىرىشىپ ۋە بېرىلىپ ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھەر ئىككىلىسى ئىلگىرىكى كىشىلەر چىقالمىغان يۇقۇرى پەللىگە چىققان. دېفرىنسىيال-ئىنتېگرالغا دائىر ئومۇمى ئۇقۇملارنى يەكۈنلەپ چىقىپ، ھېساپلاش قائىدىلىرىنى تاپقان. بولۇپمۇ، بۇ ئىككى خىل ھېساپلاش ئوتتۇرىسىدىكى تەتۈر مۇناسىۋەتنى كەشىپ قىلغان ۋە بۇنىڭ بىلەن مېخانىكا، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا جەھەتتىكى بەزى زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان. لىبنىز غەلبىسېرى ئىلگىرلەپ، ئىلىم-پەن يولىدا داۋاملىق ئىزلەنگەن. ئۇ يەنە دېفرىنسىيال-ئىنتېگرال بەلگىلىرىنى ئىجاد قىلغان. بۈگۈنگىچە قوللىنىلىۋاتقان فۇنكىسىيە، كوئوردىنات دېگەنگە ئوخشاش ماتېماتىكا ئاتالغۇلىرىنىمۇ ھەممىدىن ئاۋال شۇ قوللانغان.

لىبنىز بىلەن نيۇتوننىڭ «دېفرىنىسىيال-ئىنتېگرال» ئىلمى ئايرىم-ئايرىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ ھامان باش روھانى بىركلى باشچىلىغىدىكى بىر توپ ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ غالجىرلارچە قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغان، لېكىن ئىلىم-پەننى قامال قىلىپ بولمايتتى، ھەقىقەتنىمۇ ئۇجۇقتۇرۇپ بولمايتتى، ھەقىقەت يولىدا ئىزلەنگۈچى ئالىملارنىڭ يۈز يىلدىن ئارتۇق قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىسىدا، ئاخىرى 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دېفرىنىسىيال-ئېنتېگرال ئىلمىنىڭ نەزىرىيە ئاساسىي مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلدى. بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، لىبنىز ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، ئىدىيە جەھەتتە كونىلىقنى ساقلىغۇچى قورقۇنچاقلاردىن بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىلمىي ھاياتىمۇ زاۋاللىقا قاراپ يۈزلەنگەن. ئۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىر قانچە دۆلەتتىكى ئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. شۇنداقلا بېرلىن ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقىدەك مۇھىم ۋەزىپىنى ئۆتىگەن، ھەتتا ئىمپىرىيىنىڭ بارونى دېگەن نامغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلىم-پەن جەھەتتىكى تۆھپىسى ئاللىقاچان ئەرزىمەس ھالغا چۈشۈپ قالغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قايسى بىر ئالىم بولمىسۇن، ئەگەر ئۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھەقىقەت ئىزلەش يولىدىكى جاسارىتى ۋە خىسلىتىنى يوقىتىپ قويىدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ تالانتى خۇددى كۈز كۈنلىرىدىكى گۈلگە ئوخشاپ قالىدۇ-دە، ئاستا-ئاستا قۇرۇپ تۈگەيدۇ.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#