تۇتقاقلىق يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش

تۇتقاقلىق يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش

ھەرخىل يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە باشقا ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن يۈرەكنىڭ ئۆتكۈزۈش سىستېمىسىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، كلىنىكىدا يۈرەك ھەرىكىتى تۇتقاقلىق خاراكتېرلىك تۇيۇقسىز تېزلىشىش ۋە تۇيۇقسىز توختاش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

كېسەللىك سەۋەبى پاسسىپ روھىي كەيپىياتلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
تەۋە بۆلۈم يۈرەك ئىچكى بۆلۈمى
ئۇيغۇرچە نامى تۇتقاقلىق يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش
خەنزۇچە نامى 癫痫
كېسەللىك ئورنى يۈرەك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھەرخىل يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە باشقا ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن يۈرەكنىڭ ئۆتكۈزۈش سىستېمىسىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، كلىنىكىدا يۈرەك ھەرىكىتى تۇتقاقلىق خاراكتېرلىك تۇيۇقسىز تېزلىشىش ۋە تۇيۇقسىز توختاش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

تۇتقاقلىق يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش-قېرىنچە ئۈستى خاراكتېرلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش، قېرىنچە خاراكتېرلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

1. بىر قىسىم كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى، رېماتىزم خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى، كلاپان كېسەللىكلىرى، تۇغما يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى، قالقانسىمانبەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش، سوزۇلما ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى، تۆۋەن كالىيلىق قان كېسىلى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2. بەزى فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋاللاردىمۇ يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش كېلىپ چىقىدۇ.

مەسىلەن: روھىي جىددىيلىك، زىيادە چارچاش، ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش ۋە قېنىق قەھۋە ئىچىش قاتارلىقلار.

3. باشقىلار:

ئىككى قاپقاقلىق كلاپان ئوپېراتسىيىسى، يۈرەكنى بىۋاسىتە كۆرۈش ئوپېراتسىيىسى ۋە يۈرەككە نەيچە كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈش قاتارلىقلار سەۋەبىدىنمۇ يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش كېلىپ چىقىدۇ.

يۈرەك ھەرىكىتى تۇتقاقلىق خاراكتېرىدە قوزغىلىپ تېزلىشىدۇ. تۇيۇقسىز توختايدۇ. يۈرەك قوزغىلىش ۋاقتى بىرقانچە سېكۇنت، بىرقانچە مىنۇت، بەزىدە بىرقانچە سائەت بولىدۇ. يۈرەك سېلىپ، باش قېيىپ، ئېسىلىدۇ، نەپەس سىقىلىپ ھاسىرايدۇ، تەرلەيدۇ، كۆپ سىيىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىپ، قۇسىدۇ، پۇت-قوللار قولىشىدۇ، ئەگەر تۇتۇش ۋاقتى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتسە قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ، شوك ۋە يۈرەك زەئىپلىكىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

قىرىنچە ئۈستى خاراكتېرلىك تۇتقاقلىق يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىشتە يۈرەك سوقۇشى ھەر مىنۇتتا  220~160  قېتىم بولۇپ، يۈرەك رىتىمى تەرتىپلىك بولىدۇ. چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ۋە ھەرىكەت سەۋەبىدىن ئۆزگەرمەيدۇ، تومۇرى ئىنچىكە تېز سالىدۇ، يۈرەك شاۋقۇنى ئاجىزلايدۇ، ھەتتا يوقىلىدۇ. قىرىنچە خاراكتېرلىك تۇتقاقلىق يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىشتە يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا  180~140  قېتىم بولۇپ، يۈرەك رىتىمى ئوخشاش بولمايدۇ، يۈرەك تاۋۇشى ئاجىزلىشىدۇ.

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

يۈرەك تۇيۇقسىز قوزغىلىش، تۇيۇقسىز توختاش، يۈرەك قېتىمى ئادەتتە مىنۇتىغا 160 قېتىمدىن كۆپ بولۇش، يۈرەك رىتىمى تەرتىپلىك، بەزىدە تەرتىپسىز بولۇش، قوزغىلىش ۋاقتى بىر نەچچە مىنۇتتىن بىر نەچچە كۈنگىچە داۋاملىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

يۈرەك ئېلېكتروكاردىئوگراممىدا تەكشۈرگەندە:

1) قېرىنچە ئۈستى خاراكتېرلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىشتە يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا  220~160 قېتىم بولۇپ، رىتىمى تەرتىپلىك بولىدۇR .-Rئارىلىقى مۇتلەق تەرىتپلىك بولىدۇ. QRS دولقۇن توپىنىڭ شەكلى نورمال يۈرەك رىتىمىدىكى QRS نىڭ دولقۇن توپى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. QRS ئارىلىقى ۋاقتى 0.1 سېكۇنتتىن تۆۋەن بولىدۇ. P دولقۇنىنىڭ شەكلى نورمال يۈرەك ئېلېكتروكاردىئوگراممىدىكى P دولقۇنىغا ئوخشىمايدۇ ياكى T دولقۇن بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەنلىكتىن ئاسان پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ. QRS دولقۇنىنىڭ داۋاملىشىش 

ۋاقتى ئادەتتە0.10  سېكۇنتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

2) يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلەشكەندە ST ئارىلىقى كىچىكلەپ T دولقۇنى تەكشى ھەم تەتۈر چۈشىدۇ. 

3) قېرىنچە خاراكتېرلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىشتە:

يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا 180-140  قېتىم بولىدۇ. رىتىمى يەڭگىل دەرىجىدە تەرتىپسىز بولىدۇ. R-R ئارىلىقتىكى پەرق 0.02 ~ 0.03 سېكۇنت بولىدۇ. QRS دولقۇن توپىنىڭ شەكلى غەيرىي شەكىلدە بولۇپ، QRS نىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى 0.12  سېكۇنتتىن چوڭ بولىدۇ. ئەمما P دولقۇن بىلەن QRS دولقۇن توپى ئارىلىقىدا ئاندا-ساندا قېرىنچە قوشۇلۇش دولقۇنى پەيدا بولىدۇ. 

قېرىنچا ئۈستى خاراكتېرلىك يۈرەك ھەرىكتى زىيادە تېزلىشىش، قېرىنچا خاراكتېرلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش ۋە سىنۇسلۇق يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىشنى ئۆزئارا پەرقلەندۈرۈش.

سىنۇس خاراكتېرلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلەشقېرىنچە ئۈستى خاراكتېرلىك تۇتقاقلىق يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلەشقېرىنچە خاراكتېرلىك تۇتقاقلىق يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلەش كېسەل تارىخىيۈرەك كېسىلى بولۇشىمۇ، بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. كۆپىنچە تەكرار قوزغاش تارىخى بولىدۇ.دائىم ئاناتومىك كېسىلى بولمىغانلاردا ئۇچرايدۇ، كۆپىنچە تەكرار قوزغاش تارىخى بولىدۇكۆپىنچە ئاناتومىك كېسىلى بارلاردا ئۇچرايدۇ، كۆپىدە تەكرار قزوغاش تارىخى بولمايدۇ.

يۈرەك قېرىنچە قېتىسىمىنۇت/قېتىم 150 مىنۇت/قېتىم 220~160 مىنۇت/قېتىم  180~140

قوزغاش ۋە توختاشبارا-بارا تېزلىشىپ، تەدرىجىي توختايدۇتۇيۇقسىز تېزلىشىپ، تۇيۇقسىز توختايدۇتۇيۇقسىز تېزلىشىپ، تۇيۇقسىز توختايدۇ

يۈرەك رېتىمىرەتلىك، يېنىك دەرىجىدە رەتسىزمۇتلەق رەتلىكيېنىك دەرىجىدە رەتسىز، ھەر مىنۇتتىكى پەرق 10~3 قېتىم

1-بۆرەك تاۋۇشىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىردەك بىردەك كۈچلۈك ئاجىزلىقى ئۆزگىرىدۇ.

يۈرەك تاۋۇشىنىڭ ئاجىزلىقى يوق يوق كۆپىنچە بولىدۇ.

بويۇن ئارتېرىيە كاۋىكىنى باسقاندا يۈرەك سوقۇشى ۋاقىتلىق تەدرىجىي ئاستىلايدۇ قوزغىلىش تۇيۇقسىز توختايدۇ ياكى ئۆزگەرمەيدۇ ئۆزگەرمەيدۇ.

P دولقۇنىسىنۇس خاراكتېرلىك، شەكلى نورمال روشەن بولىدۇسىنۇس خاراكتېرلىك بىلەن ئوخشىمايدۇ، P دولقۇنى بىلەن QRS دولقۇن توپى ئوتتۇرىسىدا مۇقىم باغلىنىش بولىدۇئوڭاي پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. QRS دولقۇن توپى بىلەن مناسىۋىتى يوق. P دولقۇن چاستوتى يۈرەك قېرىنچە چاستوتىدىن ئاستاST-T  يۆنىلىشى QRS دولقۇن توپىنىڭ ئاساسى دولقۇن يۆنىلىشى بىلەن ئوخشاشQRS دولقۇن توپى ئاساسىي دولقۇن يۆنىلىشى بىلەن ئوخشاش QRS دولقۇن توپى ئاساسىي دولقۇن يۆنىلىشى بىلەن تەتۈر

قېرىنچە ئېرىشىش خاراكتېرلىك قوشۇمچە دولقۇن يوق يوق بار.

تۇتقاقلىق يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش كۆپىنچە ھەر خىل كېسەللىكلەر سەۋەبتىن كېلىپ چىققاچقا داۋالاشتا قايسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەللىكنىڭ داۋالاش پرىنسىپى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى ئۇيغۇر تېبابىتى جىددىي قۇتقۇزۇش دەرسلىكىدە تەپسىلىي سۆزلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=769

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=769

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#