چاپلىما راۋاب
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چاپلىما راۋاب، ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50–يىللىرى سابىق ئۈرۈمچى مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار زاۋۇتى تەرىپىدىن قەشقەر راۋابىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ياسالغان قەشقەر راۋابىنىڭ يېڭى نۇسخى.
چاپلىما راۋاب، ئۈجمە ۋە ئۆرۈك ياغىچىدىن ياسالغان، بۇ خىل راۋابنىڭ بېشى دۇتارغا ئوخشاش ياغاچ تالالىرىدىن يېرىم شار شەكلىدە چاپلىنىپ ياسالغان، يۈزىگە يىلان تېرىسى كېرىلىپ، دەستىگە پۈتۈنلەي مېتالدىن پەدە قويۇلغان. باش ( ئاساسلىق ) پەدىلەر ئارىلىقى ئەنئەنىۋى راۋابلاردەك بوش قالدۇرۇلماستىن، 12 تەكشى ئاھاڭلار تىزىلمىسى قائىدىسى بويىچە باشتىن – ئاياغ تولۇق پەدە بېكىتىلگەن.
بۇ خىل راۋابنىڭ سىرتقى ياغاچ يۈزىگە سۆڭەك ۋە گۈللۈك نەقىشلەر قويۇلۇپ ياسالغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.