ئەز قوغۇن

ئەز قوغۇن

ئەز قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ چەرچەن ناھىيەسىىدە ئۆستۈرۈلىدۇ ، بۇ خىل سورت ساقلاشقا چىدامسىز ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ناچار . 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەز قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ چەرچەن ناھىيەسىىدە ئۆستۈرۈلىدۇ ، بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈشى ئاجىز بولۇپ ، ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 291 سانتىمېتىر ، توملۇقى 1.6 سانتىمېتىر ، شاخلىنىشى ئاجىز ،  پۈتكۈل يىتىلىش ۋاقتى 87 -92 كۈن ئەتراپىدا ، پىشقاندىكى يەككە ئېغىرلىقى 2.5 كىلوگرام بولىدۇ ، بۇ خىل سورت ساقلاشقا چىدامسىز ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ناچار . 

چېچىكى 

بىرىنچى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسىي پىلەكنىڭ ئالتىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئانىلىق گۈل چېچىكى ئاساسىي پىلەكنىڭ يەتتىنچى بوغۇمىدىن چىققان يان پىلەكنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدا ئۆسىدۇ . ئانىلىق گۈلى ئېچىلىپ 40 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ ،  گۈلى قوش جىنىسلىق . 

مېۋىسى 

ئەز قوغۇننىڭ شەكلى ئېللىپىس شەكىللىك ، دىئامېتىر 14.9 * 27.5 سانتىمېتىر ، مېۋىسى پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلىدۇ ، شاپاق تەگ رەڭگى سېرىق ، ئۈستىدە 10 تال يېشىل رەڭلىك تىلىم ئىزى شەكىللەندۇرگەن ، شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 0.52 سانتىمېتىر ، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 3 سانتىمېتىر ، رەڭگى كاۋا چېچىكى رەڭ ، شىرنىلىك ، تالاسى كۆپ ، تەمى ئوتتۇراھال تاتلىق ، قەنىت مىقدارى %12 - 6.6 ئەتراپىدا .

ئۇرۇقى 

ئۇرۇقى ئاق سېرىق رەڭدە ، ئېللىپىس شەكىللىك ، ئۇزۇنلۇقى 1.35 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 1.53 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 63 گرام كېلىدۇ . [0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#