خەن ۋۇدى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
خەن ۋۇدىغەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ 7-پادىشاھى، ئۇلۇغ سىياسىيون، ستراتېگىيىچى، شائىر خەن ۋۇدى «ليۇچيې» مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 156-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلۇپ مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 87-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 69 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن، خەن ۋۇدى 15 يېشىدا تەختكە ئولتۇرغان، 54 يىل تەختتە ئولتۇرغان. تەختتە ئولتۇرغان ۋاقتى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.[1]
بۇ 54 يىلدا خەن ۋۇدى نۇرغۇن يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان چوڭ ئىشلارنى قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى ھونلارنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. «ھەممە ئېقىملارنى چەتكە قېقىپ، كۇڭزى تەلىماتىغىلا چوقۇنۇش» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، كۇڭزىچىلارنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ ئىش ھەتتا بۈگۈنگە كەلگەندىمۇ دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە، بىز يەنە ئۇنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان. مەسىلەن، بىز ئېيتىۋاتقان ئاتا-ئانىمىزغا ۋاپادار بولۇش، رەھىمدىللىك-كۇڭزىچىلارنىڭ قىممەت قارىشىدۇر.
لېكىن، خەن ۋۇدى يىل بويى ئۇرۇش قوزغاپ، پۇقرالارنى بەك قىيناپ كەتكەن. ئاخىرقى يىللىرىغا كەلگەندە، خەن سۇلالىسىنىڭ خانى خەن ۋۇدى ئۆز خاتالىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن «تۆۋە قىـلىش يـارلىقى»نى ئېلان قىلىپ، ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.