كارخانا باش ئىجرائىيە ھەيئىتى

كارخانا باش ئىجرائىيە ھەيئىتى

Ceo دېگىنىمىز، كارخانىنىڭ كۈندىلىك ئىگىلىك باشقۇرۇشىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان شەخس بولۇپ، ئادەتتە كارخانا باش دېرىكتورى ياكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىجرائىيە مۇدىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كارخانا باش ئىجرائىيە ھەيئىتى دېگەن بۇ ئاتالغۇ 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى ئامېرىكا كارخانا باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى يېڭىلاش ئىسلاھاتىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، ئۇ ئىجابىي مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ھۆرمەت ئاتالغۇسى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى كارخانا باش ئىجرائىيە ھەيئىتى
چەتئەلچە نامى Chief Executive Officer
خەنزۇچە نامى 总裁
قىسقارتىلغان نامى Ceo

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 باش ئىجرائىيە ھەيئىتى بىلەن باش دېرىكتور ھەممىسى كارخانىنىڭ بىرىنچى قوللىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە باش ئىجرائىيە ھەيئىتى ھەم مەمۇرىي جەھەتتىكى بىرىنچى قول، ھەم پايچىكى ھوقۇقىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مۇدىرىيەت ئەزاسى سالاھىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەمما شىركەت باش دېرىكتورىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى بولۇشى ناتايىن. شۇڭا مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، باش ئىجرائىيە ھەيئىتى بىر پۈتۈن كارخانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ھەمدە كارخانا ئىگىلىكىگە مەسئۇل بولىدۇ، باش ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ نوپوزى باش دېرىكتورنىڭكىگە قارىغاندا مۇتلەق ھەم كەسكىن بولغاچقا، مۇھىم ئىشلاردا قارار چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە، شۇڭا ئۇ باش دېرىكتورغا ئوخشاش شىركەتنىڭ باشقا تەپسىلىي ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلاشمايدۇ. باش ئىجرائىيە ھەيئىتىنى ئاددىيراق قىلىپ شىركەتنىڭ باش لىدىرى بىلەن باش دېرىكتورىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ. ئادەتتە باش ئىجرائىيە ھەيئىتى قول ئاستىدىكى خادىملار باش دېرىكتور، مۇئاۋىن باش دېرىكتور، ھەر قايسى بۆلۈم باشلىقلىرى، باش بوغالتىر ۋە باش ئىنژىنىرلاردىن ئىبارەت. 

 باش ئىجرائىيە ھەيئىتى شىركەتنىڭ مۇدىرىيىتىگە ئەزا بولۇش بىلەن بىرگە يەنە شىركەت مۇدىرىيىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئۇ يەنە شىركەتنىڭ ياكى تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىگىلىك باشقۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويۇشتىكى ئەڭ ئاخىرقى ھالقىلىق قارار چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە. كىچىك كارخانىلاردا باش ئىجرائىيە ھەيئىتى مۇدىرىيەت رەئىسى ۋە باش لىدىرلىق ۋەزىپىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆتەپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، ئەمما چوڭ كۆلەمدىكى كارخانىلاردا بىر ئادەمنىڭ كارخانىدا غايەت زور رول ئېلىپ قالماسلىقى، ھەددىدىن زىيادە چوڭ ھوقۇقنى ئىگىلەپ قالماسلىقى شۇنداقلا شىركەت ھەمدە شىركەت ئىگىسى ئوتتۇرىسىدا مەنپەئەت ئىختىلاپى كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن  شىركەت باش ئىجرائىيە ھەيئىتى ۋە باش لىدىر شۇنداقلا مۇدىرىيەت رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ھامان ئوخشىمىغان كىشىلەر ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#