كۆك ئامۇت دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. كۆك ئامۇت (خام دورا)
  2. كۆك ئامۇت ()
خام دورا

كۆك ئامۇت

كۆك ئامۇت

كۆك ئامۇت ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى، ئالۇچىغا ئۇرۇقداش يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخنىڭ بىر خىل سورتى بولۇپ، غولى ئېگىز ۋە ئەگرىرەك ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى سوزۇنچاق، مېۋىسىنىڭ ساپاق تەرىپى ۋە تۇمشۇق تەرىپى سوزۇنچاق، ئوتتۇرىسى قورساقلىق كېلىدۇ. مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى كۆك ئامۇت
پارسچە نامى Pyrus pyrifolia
شەكلى سوزۇنچاق
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبى
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 沙梨
ئىنگلىزچە pyrus pyrifolia(Burm.f.)Nakai
تەمى چۈچۈمەلرەك
ۋاقتى توققۇزىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆك ئامۇتكۆك ئامۇت ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى، ئالۇچىغا ئۇرۇقداش يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخنىڭ بىر خىل سورتى بولۇپ، غولى ئېگىز ۋە ئەگرىرەك ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى سوزۇنچاق، مېۋىسىنىڭ ساپاق تەرىپى ۋە تۇمشۇق تەرىپى سوزۇنچاق، ئوتتۇرىسى قورساقلىق كېلىدۇ. پوستى قېلىن، ئەسلى رەڭگى سارغۇچ يېشىل ياكى ئاچ يېشىل بولىدۇ، ساقلىغاندىن كېيىن سارغىيىدۇ، گۆشى يۇمشاق، سۇلۇق، تەمى چۈچۈمەلرەك، شىرنىلىك كېلىدۇ. توققۇزىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ پىشىدۇ. مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈزدە مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ جەنۇبىدا كۆپ ئۆسىدۇ.

بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، قورساقنى ئاچۇرۇش، قان ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، كېرەكسىز گازلارنىڭ مېڭىگە ئۆرلىشىنى توسۇش، ساپ قان پەيدا قىلىش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، تەپنى ۋە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.

كۆك ئامۇتنى ھۆل ياكى قۇرۇق ئىستېمال قىلسا، سېسىق گازلارنىڭ مېڭىگە ئۆرلىشىنى توسۇپ، ئىچىنى قاتۇرۇپ، قاننى توختىتىدۇ. كۆك ئامۇتنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، جاراھەت پۈتتۈرىدۇ. كۆك ئامۇتنى يالپاقلاپ، يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، كۆيۈك يارىلىرىنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىپ، ئېچىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كۆك ئامۇتنىڭ يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىچنى قاتۇرىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#