قاراقاش دەرياسى

قاراقاش دەرياسى _ قارا قۇرۇم تاغلىرىدىن باشلىنىپ 808 كىلومېتىر ئاققاندىن كېيىن يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ، خوتەن دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى قاراقاش دەرياسى
يەنە بىر نامى 墨玉河
باشلىنىش مەنبەسى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالى يانتۇلۇق تېغى
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
خەنزۇچە نامى 喀拉喀什河
چەتئەلچە نامى Qaraqash River
ئۇمۇمىي ئۇزۇنلۇقى 808 كىلومېتىر
قاراشلىق رايون شىنجاڭ خوتەن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاراقاش دەرياسىقاراقاش دەرياسى _ قارا قۇرۇم تاغلىرىدىن باشلىنىپ 808 كىلومېتىر ئاققاندىن كېيىن يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ، خوتەن دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ. باش ئېقىنى تاغلار، ئوتتۇرا ئېقىنى تاغ، دۆڭلۈكلەر، تۈۋەن ئېقىنى تۈزلەڭلىكلەر ئارىسىدىن ئاقىدۇ. تاغلار ئارىسىدىكى ئېقىننىڭ ئوزۇنلىقى 569 كېلومېتىر بولۇپ، باش مەنبەدىن ئۇلۇغ ئاتا سۇ ئىنشائاتىتۈگۈنى قۇرۇلىشىغىچەبولغان ئارلىق باش ئېقىن ھېساپلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە شەيدۇللانىڭ يۇقىردىكى 359 كىلومېتىر ئارلىقتىكى دەريا قىرغىقىنىڭ يانتۇلۇقى 20 گىرادۇستىن 60 گىرادۇسقىچە كېلىدۇ. بۇ ئارلىقتا تىك چوققىلار ئاز، تاغلارنىڭ ئۈستى ئاساسەن تەكشىلىك، يىل بۇيى قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. شەيدۇللانىڭ ئوڭ تەرىپىدە كەڭلىكى بىر كىلومېتىردىن 28 كىلومېتىرغىچە، ئۇزۇنلىقى 130 كىلومېتىر كىلىدىغان مۇزلۇق بار. شەيدۇللادىن ئۇلۇغ ئاتا سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىغىچە بولغان 230 كىلومېتىر ئارلىقتا تىك چوققىلىق ھەيۋەتلىك تاغلار جىق ئۇچرايدۇ. بۇ ئارلىقتا 20 دىن كۆپرەك تارماق ئېقىن بار. چوڭ قىيا تاشلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. دەريا جىلغىسىنىڭ تار يېرى 20 مېتىر، كەڭ يېرى 100 مېتىر كىلىدۇ. 

قاراقاش دەرياسىئۇلۇغئاتىدىن قاراقاش دەرياسى كۆۋرۈكىگىچە بولغان ئارلىق 91 كىلومېتىرلىق ئارلىق ئوتتۇرا ئېقىن ئۇرۇشى بولۇپ، ئىككى تەرىپى تاغ ۋە دۆڭلۈكلەردىن باشقا، قاراقاش ۋە خوتەن ناھىيەلىرىنىڭ تۇتاش كەتكەن باغۇ - بوستانلىقلىرىدۇر. باش ئېقىننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن 6500 مېتىرغىچە، ئەڭ ئېگىز چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 7013 مېتىر كىلدۇ. ئوتتۇرا ئېقىننىڭ ئېگىزلىكى 1300 مېتىردىن 3000 مېتىرغىچە، تۈۋەن ئېقىنىنىڭ ئېگىزلىكى 1100 مېتىردىن 1200 مېتىرغىچە كىلىدۇ. قارارقاش دەرياسىنىڭ كۈنلۈك ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقتارى 69.8 كۇپ مېتىر بولۇپ، دەرياغا كەلگەن سۇنىڭ پەسىللەردىكى پەرقى ناھايىتى چوڭ. ئەتىيازدا كەلگەن سۇ يىللىق ئۇمۇمىي مىقدارىنىڭ 9.8% نى، يازدا كەلگەن سۇ 73.1% نى، كۈزدە كەلگەن سۇ 13.6%نى، قىشتا كەلگەن سۇ 3.5%نى تەشكىل قىلىدۇ. 

ئۇزاق دەريالاردىن بويان قاراقاش دەرياسىدىن قارا قاشتېشى، سەيۋىرەڭ قاشتېشى، زۇمرەت قاشتېشى، قىزىل قاشتېشى، سېرىق قاش تېشى تېپىلىپ كەلمەكتە. قاراقاش دەرياسى ساھىلىدىكى تۇزاقچى، ئوچات، كۇسۇي، بوستانتوغراق، ئۇلۇغئاتا قاتارلىق جايلاردىن كىپەك ئالتۇن جىق تېپىلىدۇ. قاراقاش دەرياسىدىن 1945-يىلى بىر ئالماس تېپىلغان. بۇ ئالماس ھازىرغىچە، مۇسكۇۋا موزىيىدا ساقلانماقتا. 1984-يىلدىن 1989-يىلىغىچە توزاچىدا كېپەك ئالتۇن ئىزدىگەن كىشىلەرگە يەتتە ئالماس ئۇچرىغان. بىراق ئالماس قېزىلىدىغان كان ئورنى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغان. 

قاراقاش دەرياسىنىڭ سۇ ئېنىرگىيە بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، دەريانىڭ باش ۋە ئوتتۇرا ئېقىنىدا، دۆلەتنىڭ نوقتىلىق قۇرۇلۇشى _ كەلكۈندىن مۇداپىيەلىنىش، سۇ ساقلاش، توك چىقىرىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇلۇغئاتا سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نوقتىلىق قۇرۇلۇشى بولغان پەيزاۋات سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق چوڭ - كىچىك بەش سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى بار. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#