جەنۋە شەھىرى

جەنۋە  شۋېتسارىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان خەلقئارالىق شەھەر.

نامى جەنۋە
دۆلىتى شۋېتسارىيە
تەۋە رايون شۋېتسارىيە
خەنزۇچە نامى 日内瓦
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
چەتئەلچە نامى Geneva

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جەنۋە شەھىرىشۋېتسارىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان خەلقئارالىق شەھەر. جەنۋە شەھىرى جەنۋە كۆلىنىڭ غەربى جەنۇبىي قىرغىقىغا، دوناي دەرياسىنىڭ كۆلدىن ئېقىپ چىقىش ئاغزىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، تەبىئىي مەنزىرىسى بەك گۈزەل، ھاۋاسى يېقىملىق بولۇپ، «ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ غايىلىك جايى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇجايغا ھەر يىلى چەت ئەللەردىن ساياھەتكە كېلىدىغانلار ئىككى مىليوندىن ئاشىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 323 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، شۋېتسارىيە بويىچە سيورىخ، بازىل شەھەرلىرىدىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ. جەنۋە شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشى بەك رەتلىك ھەم چىرايلىق بولۇپ، تاغ شەھىرىگە بىر خىل يېڭى ھۆسن كىرگۈزۈپ تۇرىدۇ. جەنۋە قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى. مىلادىدىن بۇرۇنقى بىرىنچى ئەسىردە ئاساس سېلىنغان، 1815-يىلى شۋېيتسارىيە بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان. 1945-يىلى شەھەرنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ ھازىرقى ئاساس بارلىققا كەلگەن. جەنۋە شۋېيتسارىيە بويىچىلا ئەمەس، دۇنيا بويىچىمۇ ئاتاقلىق پۇل مۇئامىلە، مەدەنيەت ۋە سانائەت مەركىزى. شەھەردە نۇرغۇنلىغان ھەرخىل تىپتىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ئاتاقلىق ئەدەبىي سەنئەت ئورۇنلىرى، نۇرغۇنلىغان زامانىۋى مېھمانخانىلار، مۇزېيخانىلار، چېركاۋلار بار. بۇ جايدا قۇرۇلغان تەرجىمانلارنى تەربىيىلەش شۆيۈەنىدە 26 خىل تىلدا دەرس ئۆتۈلىدۇ، بۇ مەكتەپ خەلقئارا تەشكىلاتلار، خەلقئارا يىغىنلار ئۈچۈن تەرجىمان تەربىيلەيدۇ. جەنۋە مۇھىم خەلقئارالىق شەھەر. بۇ جايدا ب. د. ت نىڭ مۇھىم خەلقئارا يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ شەھەردە يەنە خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى، ب. د. ت نىڭ ياۋروپا ئىش باشقۇرۇش ئورنى، ياۋروپا ئاتوم ئېنېرگىيە مەركىزى، خەلقئارا تېلېگراف بىرلەشمىسى، خەلقئارا مېترولوگىيە تەشكىلاتى قاتارلىق 100 دىن ئوشۇق تەشكىلات بار. 

جەنۋەجەنۋە شەھىرىنىڭ ئەنئەنىۋى سانائەت تارمىقى سائەتچىلىك ۋە ئۈنچە-مەرۋايىت سەنائىتىدىن ئىبارەت. جەنۋەدە 1587-يىلدىن باشلاپ سائەت ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىغان. ھازىر ئىشلەپچىقارغان سائەتنىڭ% 95 تى چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا نازۇك ئەسۋابلار، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، پەرداز بۇيۇملىرى، نەشرىياتچىلىق، خىمىيە، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. شەھەر رايونىدا ئۈزۈمچىلىك ۋە ھاراق ئىشلەش مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/38238.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#