iPhone 5s
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
iPhone 5s بولسا ئامېرىكا ئالما شىركىتى 2013-يىلى9-ئايدا چىقارغان يانفون. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 12 دۆلەت ۋە رايون iPhone 5s نى تارقاتقان، دەسلەپكى سېتىلىش مىقدارى 9 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.
بىر تەرەپ قىلغۇچ: قوش يادرولۇق ئالما A7 بىر تەرەپ قىلغۇچ؛
يانفوننىڭ تىپى: ئەقلىي يانفون، 4G يانفون، سۈرەتكە تارتالايدىغان يانفون؛
ھەجىمى ۋە ئېغىرلىقى: 123.8×58.6×7.6mm، 112g؛
ئاساسىي ئېكران پارامېتىرى: IPS ئېكرانى؛ 1136*640؛ 4 ئېنگلىزچىسى؛
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ: ئالما A7/M7ياردەمچى بىر تەرەپ قىلغۇچ 1331MHz؛
ئالاقە خاتىرىسى: ئىسىم كارتوچكىسى شەكلىدە ساقلاش، قوبۇل قىلىنغان+ئۇرۇلغان+قوبۇل قىلىنمىغان تېلېفون؛
قوڭغۇراق ئاۋازى: MP3/MID قاتارلىق شەكىللەرنى قوللايدۇ؛
ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئويۇنلار: چۈشۈرۈشنى قوللايدۇ؛
خىزمەت ئىقتىدارى: TXT ،Quick Office ،Adobe PDF ،zip كونترولى؛
قوللايدىغان تۈرلىرى: ئۈن ئېلىش؛ ئاۋازلىق نومۇر بېسىش؛ خاس قوڭغۇراق ئاۋازى؛ خاس رەسىم؛ مۇھىت شەكلى؛ ئاۋازنى قويۇپ بېرىپ پاراڭلىشىش؛ ھەركەتچان رەسىملىك ئېكران ئاسىراش؛ كۈتۈش رەسىمى؛
رەسىم تارتىش ئىقتىدارى
iPhone 5sرەسىم تارتىش ئىقتىدارى: ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛
ئاساسىي كامېرا: 8 مىليون پىكسېللىق CMOS سېزىم تارقاتقۇچ؛
قوشۇمچە كامېرا: 1 مىليون 200 مىڭ پىكسېللىق سېزىم تارقاتقۇچ؛
رەسىمنى پەرق ئېتىش نىسبىتى: ئەڭ چوڭ بولغاندا 3264×2448 پىكسېللىق؛
ۋېدىئولۇق سۈرەتكە ئېلىش: 1080p(سېكۇنت\پارچە1920×1080,30) ۋىدىئونى خاتىرلەيدۇ.
سۈزۈكلۈك دەرىجىسى: 8 مىليون پىكسېل؛
سانلىق مەلۇمات پروگراممىلىرى
كۆك چىش ئۇلىنىشى: كۆك چىش 4.0 نى قوللايدۇ؛
سانلىق مەلۇمات كەسپى: GPRS،EDGE، HSDPA؛
Java كېڭەيتىش، WAP تورغا چىقىش،WWW كۆز يۈگۈرتكۈچلەرنىڭ ھەممىسىنى قوللايدۇ.
سانلىق مەلۇمات لىنىيىسى ئۇلىنىشى: Lightning؛
كېڭەيتىش كارتىسى: سىغىمىنى كېڭەيتىشنى قوللىمايدۇ؛
WiFi(WLAN): WIFI نى قوللايدۇ، IEEE 802.11 a/n/b/g؛
GPS ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى: ئىچىگە GPS ئورۇنلاشتۇرۇلغان، GLONASSنى قوللايدۇ؛
سىرتقى كۆرىنىشى
ئالما iPhone 5s ئالدىنقى ئەۋلاد iPhone 5 نىڭ كلاسسىك لاھىيىسىنى ساقلاپ قالدى. بىراق پەرق ھاسىل قىلىش ئۈچۈن Home كۇنۇپكا قىسمىدىكى كىچىك تۆت چاسا چىقىرىۋېتىلىپ، پۈتۈن گەۋدىسى ئىنتايىن سىلىق قىلىندى، ماتىرىيالىغىمۇ پۇختا كۆك ياقۇت ئىشلىتىلدى. Home كۇنۇپكا قىسمىنىڭ سىرتىدا بىر يۇمىلاق سېزىمچان نۇر ھالقىسى بولۇپ، بارماق سىزىقىنى پەرقلەندۈرۈش كۆرسەتمىسىنى بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ. iPhone 5s يەنە قېنىق كۈلرەڭ، كۈمۈش رەڭ، ئالتۇن رەڭلىك نۇسخىسى چىقىرىلدى.
باتارېيەسىنىڭ داۋاملىق ئىشلىشى
iPhone 5s-A7 بىر تەرەپ قىلغۇچ + M7ھەرىكەتچان يادەمچى بىر تەرەپ قىلغۇچنى قوللانغاچقا، iPhone 5s بىر قىسىم ئەھۋاللاردا iPhone 5 كە قارىغاندا توك تېجەشچان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە iPhone 5s كە 1570mAh لىق باتارېيە سەپلەنگەن، كۈتۈپ تۇرۇش ۋاقتى 225 سائەتتىن 250 سائەتكە ئۇزارتىلغان.
تېز سۈرئەتتە رەسىمگە تارتىش
iPhone 5s نىڭ كامېراسى ۋە كامېرا App نىڭ بىر قىسىم يېڭىلىق تەرەپلىرى بولۇپ، ئېكران قۇلۇپلاشنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى بۇلۇڭىدا بىر كامېرا سۈرىتى بەلگىسى بار بولۇپ، كامېرا App ئېچىلىدۇ. ئەگەر جىددىي سۈرەتكە تارتىش كېرەك بولسا، يانفوننىڭ سول تەرىپىدىكى ئاۋاز كۇنۇپكىسىمۇ تېز سۈرئەتتە رەسىمگە تارتىش كۇنۇپكىسىنىڭ رولىنى ئۆتەيدۇ، شۇڭلاشقا سۈرەتكە تارتقاندا زاتۋور كونۇپكىسى ياكى ئاۋاز كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرغاندا سىكۇنتىغا ئارقا-ئارقىدىن 10 پارچە رەسىمگە تارتقىلى بولىدۇ.
ئالما خەرىتە يول باشلىغۇچىنى ئىشلىتىش
ئالما خەرىتە ئەپلىرىنىڭ دەرىجىسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، كۈن ئولتۇرغان چاغدا پۈتۈنلەي يېڭى بولغان كېچىلىك مۇھىت شەكلى ئاپتوماتىك ئېچىلىدۇ، 3D رەسىملىك كۆرسەتكۈچ ئىشلىتىلىپ نەزەر شەكلىگە ئالمىشىدۇ، ھەمدە ئىككى بارماقنى ئىشلىتىپ رەسىمنى ئايلاندۇرۇپ كۆرگىلى بولىدۇ. كونكرېت بىر ئورۇنغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، يەر نامى يېنىدىكى تېز سۈرئەتلىك مۇساپە كونۇپكىسى ئارقىلىق باشقا جاينىڭ يول باشلىغۇچىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. جۇغراپىيىلىك ئورنىAirDrop ،Mail ،Messages ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىمۇ ھەمبەھىرلەنگىلى بولىدۇ.
ئاستا سۈرەتتىكى ۋېدىئوننى سۈرەتكە ئېلىش
iPhone 5s»ئاستا ھەرىكەت» لىك ۋېدىئونى سۈرەتكە ئېلىش سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىدىكى چوڭ بىر ئىلگىرلەش، Camera App كە كىرگەندىن كېيىن، ئوڭ تەرەپكە ئىككى قېتىم سېيرىلدۇرۇپلا «ئاستا ھەرىكەت» لىك سۈرەتكە ئېلىش ئەندىزىسىگە كىرگىلى بولىدۇ. سول تەرەپ ئاستىدىكى ۋىدىئو قىسقارتىلغان رەسىمىنى بېسىپ، «كامېرا لېنتىسى» نىڭ ئاستىدىكى ۋاقىتنى خالىغانچە تاللاش رامكىسىدىن ئاستا ھەرىكەتنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىشلەتكۈچى سۈرەتكە ئالغان نەرسە دراماتىك ئۈنۈمنى ھاسىل قىلالايدۇ، ئەگەر دېڭىز ياقىسىدا بۇژغۇنلارنىڭ سوقۇلۇشى ياكى سۇ تۆكۈلگەن چاغدىكى ھەرىكىتى بولسا ئۈنىمى ناھايىتى ئوچۇق بولىدۇ.
Siri
Siri ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغان، Home كونۇپكىسىنى ئۇزۇن بېسىپ يۈرمەيلا Siri غا كىرگىلى بولىدۇ. Siri نىڭ تەلەپپۇزىدا ئابونتلارنىڭ تاللىشى ئۈچۈن 3 دۆلەتنىڭ ئىنگلىزچە تەلەپپۇزى بېرىلگەن. ئابونتلار Siri غا WiFi نى ئېچىۋېتىش ياكى ئېتىۋېتىشنى ئېيتىپ قويسىمۇ بولىدۇ، ياكى FaceBook تىكى بىرەر ئۇچۇرنى يېڭىلاشقا بۇيرىسىمۇ بولىدۇ.
2013-يىلدىكى يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئىگە ئون چوڭ مەھسۇلاتنىڭ بىرى
iPhone 5s ئامېرىكىنىڭ داڭلىق پەن-تېخنىكا مېدىئاسى «سودا سىرى» 2013-يىلى «يىللىق يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئىگە ئون چوڭ مەھسۇلات» نى خۇلاسە خاراكتىرىدە رەتلەپ چىقتى، iPhone 5s مۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ،iPhone 5s نى تارىختىكى تۈنجى قېتىملىق بارماق ئىزى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان ئەقلىي تېلېفون دېيىشكە بولىدۇ. ئالمىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بارماق ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ نامى Touch ID بولۇپ، بارماق ئىزى ئىندۇكسىيە بۆلىكى پۈتۈنلەي Home كۇنۇپكىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئابونىت بىرەر مەشغۇلات ئېلىپ بارماقچى بولسا بارمىقىنى Home كۇنۇپكىسىنىڭ ئۈستىگە قويسىلا بولىدۇ، سەزگۈرلىكى يۇقىرى.
A7 بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭ مەشغۇلاتى تېز
ئانەند (Anand) نىڭ دېيىشىچە: iPhone 5s ۋە A7 بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىقتىدارى iPhone 5 كە ئىشلەتكەن A6 ئۈزىكىنىڭكىدىن ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ھەسسە تېز ئىكەن. قوش يادرولۇق A7 نۆۋەتتە سىناق قىلىنغان بولۇپ، Sun Spyder دىكى ئەڭ تېز سىستېما دەرىجىلىك ئۈزەك، ھەتتا Snapdragon 800 ۋە ARM نىڭ Cortex A15 دىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.
iPhone 5s ئەپنىڭ گۇمران بولۇش نىسبىتى يۇقىرى
iPhone 5c ياكى iPhone 5 يانفونى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى نۇسخىدىكى iPhone 5s ئەپنىڭ گۇمران بولۇش نىسبىتى خېلىلا يۇقىرى. Crittercism نىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىچە، ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى يانفون دەسلەپكى قەدەمدە بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى، نۇرغۇنلىغان ئەپلەر كەينى-كەينىدىن يېڭى تىپتىكى iPhone غا ماس كېلىدىغان نۇسخىلارنى چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە %ئىككى پىرسەنت ئەپنىڭ iPhone 5 دە گۇمران بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. ئوخشاش ئەھۋالدا، iPhone 5c ياكى iPhone 5 دىكى گۇمران بولۇش نىسبىتى بىر پىرسەنت. بۇنى بەلكىم 64 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئەسلى نۇسخىدىكى بىر قىسىم ئەپلەرنىڭ ماسلاشماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىشى مۇمكىن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.