قوشئاۋات يېزىسى

قوشئاۋات يېزىسى

قوشئاۋات يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 17 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، 312 ئۆلكە يولى شۇ يېزا ئىچىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتنىشى قولاي، ھازىر ئۇنىڭ قارىمىقىدا 41 مەمۇرىي كەنت بار، 9200 ئائىلىلىك، 41407 نوپۇس بار. ئۆزىگە قاراشلىق ئومۇمىي كۆلىمى 389 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 110 مىڭ مو. 

ئۇيغۇرچە نامى قوشئاۋات يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 389 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 和夏阿瓦提乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيەسى
نوپۇسى 41407 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قوشئاۋات يېزىسىقوشئاۋات يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 17 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، 312 ئۆلكە يولى شۇ يېزا ئىچىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتنىشى قولاي، ھازىر ئۇنىڭ قارىمىقىدا 41 مەمۇرىي كەنت بار، 9200 ئائىلىلىك، 41407 نوپۇس بار. ئۆزىگە قاراشلىق ئومۇمىي كۆلىمى 389 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 110 مىڭ مو. بىر يىلدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2923 سائەت، تېمپېراتۇرىنىڭ سوتكىلىق پەرقى ℃13-℃16، قىروسىز مەزگىلى 220 كۈن، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 54.0 مىللىمېتىر. كۈن نۇرى يېتەرلىك بولغاچقا، كېۋەز، قوغۇن، باغۋەنچىلىك بولسا بۇ يېزىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي زىرائىتى بۇلۇپ، «پەيزىۋات قوغۇنى ماكانى» دېگەن نامى بار. 

قوشئاۋات يېزىسى2007-يىلى قوشئاۋات يېزىسى «11-بەش يىللىق» تەرەققىيات پىلانىنى ئومۇمىي كۈرەش نىشانى قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش تەلىپى بويىچە، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، پۈتۈن يېزىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، بۇ يېزىنىڭ خىزمەتلىرىنى تەرەققىيات پىكىر يولى، خىزمەت تەدبىرلىرىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە يېڭى مەنزىرە بارلىققا كەلگەن. ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. «ئاشلىق، پاختا، ھايۋان، باغۋەنچىلىك، ئەمگەك-مۇلازىمەت ئىقتىسادى» نى بەش چوڭ تۈۋرۈك كەسىپ قىلىپ تېز راۋاجلاندۇردى. يېزا بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 15221 يۈەن، 2005-يىلدىكىدىن %11.4 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كىرىمى 13816 مىڭ يۈەن بولغان. 

[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#