لىئون

لىئون فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، رونا دەرياسى بىلەن سوئىن دەرياسىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان مۇھىم سانائەت شەھىرى. ئاھالىسى 457 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، فرانسىيە بويىچە پارىژ، مارسېل شەھەرلىرىدىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ.

نامى لىئون
دۆلىتى فرانسىيە
چەتئەلچە نامى Lyon
خەنزۇچە نامى 里昂
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
جۇغراپىيەلىك ئورنى فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لىئون شەھىرىلىئون فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، رونا دەرياسى بىلەن سوئىن دەرياسىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان مۇھىم سانائەت شەھىرى. ئاھالىسى 457 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، فرانسىيە بويىچە پارىژ، مارسېل شەھەرلىرىدىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ. لىئون يەر ئوتتۇرا دېڭىز رايونلىرىدىن شىمالىي ياۋروپاغا بارىدىغان مۇھىم قاتناش يولى ئۈستىگە جايلاشقان، ئۇنىڭ ستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ، لىئون مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 43-يىلى سېلىنغان، 15-ئەسىردىن باشلاپ فرانسىيىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، قاتناش مەركىزى بولۇپ، ئۆزىنىڭ يىپەك توقۇمىچىلىق سانائىتى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان.

لىئون شەھىرى ھازىر لىئون شەھىرى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق سانائىتىدىن سىرت، خىمىيىۋى تالا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ماشىنىسازلىق، ئېلېكترون، ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىل، ھېسابلاش ماشىنىسى قاتارلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن فرانسىيە بويىچە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. لىئون فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇھىم سۇ، قۇرۇقلۇق قاتناش تۈگۈنى، بۇ جايدىن يەتتە تارماق تۆمۈر يول دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى پارىژغا، شەرقىي جەنۇبتىكى گرېنىۋېل شەھىرىگە، جگنۇبتىكى تۇلون، مارسېل پورتلىرىغا، غەربتىكى نانت، بوردو، تۇلوزا قاتارلىق شەھەرلەرگە تۇتىشىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#