ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1944-يىلى 4-ئايدا ئاقسۇ شەھەر جەنۇبىي چوڭ كوچا شەرقى تەرەپ 26-نومۇرلۇق قورۇدا قۇرۇلغان. ئەسلى نامى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئاقسۇ سانائەت مەكتىپى، ئەينى ۋاقىتتا ئىككى يىللىق ئوقۇتۇش تۈزۈمى قوللىنىلغان. 1956-يىلى 10-ئايدا مەكتەپنى ھۆكۈمەت بىۋاستە باشقۇرۇپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئاقسۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىپ، ئۈچ يىللىق ئوقۇش تۈزۈمىنى قوللانغان. 1952-يىلدىن باشلاپ قىز ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان. 1954-يىلى مائارىپ نازارىتى بىر تۇتاش بېسىپ تارقاتقان «مىللىي sfsf
ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىلانى ۋە ئوقۇتۇش پروگراممىسى» نى قوللانغان. 1956-يىلى 9-ئايدا تۇنجى قېتىم تولۇق ئوتتۇرىنى تەسىس قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ قالغان. 1966-يىلى باشلانغان مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەكتەپنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان. 1972-يىلى مەكتەپ نامى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مىللىي خەنزۇ 1-ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1980-يىلى 9-ئايدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ بېكىتىلگەن.مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 25148 كۋادرات مېتىر، ئۇنىڭدىن باشقا 266400 كۋادرات مېتىرلىق باغۋەنچىلىك مەيدانى بار. 1999-يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى سانى 96 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 42، ئوقۇغۇچى سانى 2418 نەپەر.
1983-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئورمانچىلىق نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن «تەجرىبە ئوقۇتۇشتىكى ئىلغار ئورۇن» دەپ باھالانغان. 1987-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە مىللىي ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن «خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدىكى ئىلغار ئورۇن» دەپ باھالانغان. 1992-يىلى مەملىكەتلىك مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن مىللىي مائارىپتىكى ئىلغار ئورۇن، 1993-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن «تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن باشقۇرۇشتىكى ئىلغار ئورۇن» دەپ باھالانغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.