ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش تۈزىمى

ئۈچ ھوقۇق
ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش تۈزۈمى بولسا دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈش، مەمۇرىيەت ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىنى ئايرىۋېتىش ھەمدە ئۈچ ئورگان يوقارقى ھوقۇقلارنى مۇستەقىل يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت.ئايرىش تۈزىمىنى ئەڭ دەسلەپتە ئەنگىلىيەلىك لوك تەشەببۇس قىلغان.


ئۇيغۇرچە ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش تۈزىمى
ئىنگىلىسچە separation of powers
خەنزۇچە 三权分立
تۈرى سىياسى تۈزۈلمە ئۇقۇمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۈزۈم ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش تۈزۈمى بولسا دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈش، مەمۇرىيەت ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىنى ئايرىۋېتىش ھەمدە ئۈچ ئورگان يوقارقى ھوقۇقلارنى مۇستەقىل يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت.

ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش تۈزىمىنى ئەڭ دەسلەپتە ئەنگىلىيەلىك لوك تەشەببۇس قىلغان، فىرانسىيەلىك مۇتەپەككۇر، قانۇنشۇناس مونتېسكىيۇۋ مۇكەممەل ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، دەسلەپتە ئەنگىلىيە پادىشاھلىق تۈزۈمىگە قارشى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنى پادىشاھنىڭ بارلىق ھوقۇقنى كونترول قىلىشىنى چەكلەش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ھازىر بۇ تۇزۇم دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە قوللىنىۋاتىدۇ.

ئۈچ ھوقۇق  بولسا دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈش، مەمۇرىيەت ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىنى

قانۇن تۈزۈش

ھوقۇقى دېگىنىمىز قانۇن تۈزۈش ئورگىنى قانۇنلارنى تۈزۈش، ئۆزگەرتىش ۋە بىكار قىلىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە پارلامېنت ياكى دۆلەت مەجلىسى قانۇن تۈزۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگان ھېسابلىنىدۇ.دۆلىتىمىزدە بولسا مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن تۈزۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگان ھېسابلىنىدۇ.

مەمۇرى

ھوقۇق بولسا قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت ئىشلىرىنى تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش شۇنداقلا ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ھۆكىمەت ئورگىنى مەمۇرى ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان ئورگان ھېسابلىنىدۇ.

ئەدلىيە

ھوقۇقى بولسا دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ئورگىنى قانۇنى بەلگىلىمە ۋە تەرتىپ بويىچە، تەكشۈرۈش ۋە سوتلاش شەكلى ئارقىلىق قانۇننىڭ توغرا تەدبىقلىنىشى ۋە قانۇننىڭ نوپۇزىغا كاپالەتلىك قىلىش ھوقۇقنى كۆرسىتىدۇ.  كۆپىنچە دۆلەتلەردە سوت ئورگانلىرى ئەدلىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگان ھېسابلىنىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرى سوتمەھكمىمىسى ۋە تەپتىش مەھكىمىسىدۇر.  

ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش تۈزىمىنى ئەڭ دەسلەپتە ئەنگىلىيەلىك لوك تەشەببۇس قىلغان، فىرانسىيەلىك مۇتەپەككۇر، قانۇنشۇناس مونتېسكىيۇۋ مۇكەممەل ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، دەسلەپتە ئەنگىلىيە پادىشاھلىق تۈزۈمىگە قارشى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنى پادىشاھنىڭ بارلىق ھوقۇقنى كونترول قىلىشىنى چەكلەش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ھازىر بۇ تۇزۇم دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە قوللىنىۋاتىدۇ.

ئايرىش فىئودال پادىشاھلىق تۈزۈمىگە بارلىق ھوقۇقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋېلىپ مۇستەبىتلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، يوقارقى ئورگانلارنىڭ ئورنى باراۋەر بولىدۇ، ھەمدە بىر بىرىنى چەكلەيدۇ، نازارەت قىلىدۇ. مەسىلەن قانۇننى پارلامېنت تۈزىدۇ، دۆلەت باشلىقىنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، ياكى دۆلەت باشلىقى(مەمۇرى باشلىق) ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلسا كۈچكە ئىگە بولىدۇ، مەمۇرى باشلىقنىڭ پەرمان بويرۇقلىرى، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش ئىشلىرى پارلامېنىتنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتىدۇ، ئەدلىيە ئورگىنى(ئالى سوت) مەمۇرى باشلىقنى سوتلىيالايدۇ،

مەمۇرى ئورگاننىڭ ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرىنى دۆلەت باشلىقى نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ، پارلامېنت قارار قىلىدۇ، دۆلەت باشلىقى تەيىنلەيدۇ،

پارلامېنت ئەدلىيە ئورگىنىنى ئەيىپلەيدۇ ۋەھاكازالار. يەنى ئۆز ئارا ھوقۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ۋە چەكلەپ مۇستەبىتلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئېنتايىن ئۈنۈملۈك بولغان تۈزۈم دېيىشكە بولىدۇ، ئەمما يوقارقى ئورۇنلار ئارىسىدا «ھەر قايسى ئۆزىنىڭ ئېشىكىنى يورغىلىتىپ»،بىر – بىرىنىڭ خىزمىتىگە دەخلى قىلىپ، ئىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان، باشلىقلارنىڭ، بولۇپمۇ مەمۇرى باشلىقلارنىڭ پىچىقى كەسمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ دائىم ئۇچىراپ تۇرىدۇ.

  ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش تۈزىمى جۇڭگۇغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش تۈزىمىنى جۇڭگونىڭ تارىخى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بەش ھوقۇقنى ئايرىش نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان،يەنى دۆلەت ھوقۇقى قانۇن تۇرغۇزۇش، مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، ئىمتىھان ۋە تەپتىش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە مۇكەممەل بولىدۇ دەپ قارىغان. ھەمدە گومىنداڭ مىللى ھۆكىمەت مەزگىلىدە بەش ھوقۇقنى ئايرىش تۈزۈمى بويىچە دۆلەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگانلىرىتەشكىللەنگەن ئىدى.

       يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلىمىز رەھبەرلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش تۈزۈمى ۋە بەش ھوقۇقنى ئايرىش تۈزۈمىنىڭ دۆلىتىمىزگە ماس كەلمەيدۇ دەپ قاراشتى ھەمدە دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش ۋە قانۇن تۈزۈش بىلەن مەمۇرىيەت ھوقۇقىنى بىرلەشتۈرۈش تۈزىمىنى يولغا قويدى.

 ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش تۈزىمى ئامېركىچە پرېزىدىتنلىق شەكلى، ئەنگىلىيەچە ئىچكى كابېنتلىق شەكلى بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىش كۆرىۋاتىدۇ، بۇ تۈزۈممۇ ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ ھوقۇقىنى تەكشەش ۋە پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئۆزىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.[1][0]

      

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش تۈزىمى توغرىسىدا 

http://bbs.bagdax.cn/thread-21187-1-1.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#