چوڭ سېرىق نەشپۈت
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چوڭ سېرىق نەشپۈت ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆستۈرىلىدۇ، بۇ سورتنىڭ مېۋە بىخلىرى غول ۋە شاخلارنىڭ غوللىرىغا كۆپىرەك جايلىشىدۇ . مېۋە شاخلىرى قىسقا ، شالاڭراق شەكىللىنىدۇ . بىر گۈل سېستىمىسىدا 1-2 دانە مېۋە چۈشىدۇ ، يوپۇرمىقى كەڭرەك سوزۇنچاق ، قېلىنراق ، گىرۋىكى ھەرە چىشسىمان ، يۈزى مايلىشاڭغۇ ، پارقىراق كۆرىنىدۇ ، كۆچىتى تىكىلىپ 5 - 6 يىلدا مېۋىگە كىرىدۇ . بۇ سورت 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پىشىدۇ . مەھسۇلاتى يۇقىرى ، توشۇش ، ساقلاشقا چىداملىق بولۇپ ، ئىككىنىچى يىلى 4 - ئايغىچە ساقلىغىلى بولىدۇ . ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى ، سوغۇققا ئوتتۇراھال دەرىجىدە چىداملىق .
مېۋىنىڭ شەكلى ۋە تەمى
مېۋىسىنىڭ شەكلى يوغان ، دونايراق ، كۆركەم ، پوستى قېلىنراق ، ئەسلى رەڭگى يېشىلسىمان سېرىق ، ساقلىغانسېرى يىشىل رەڭگە كىرىدۇ . ئېتى چۈرۈك ، يېرىكرەك ، تەمى ئوتتۇراھال ، سۇلۇق سۈپىتى ياخشى .[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.