سۇڭ ئەيرۇڭ

سۇڭ ئەيرۇڭ

سۇڭ ئەيرۇڭ، ئايال، خەنزۇ، 1959-يىلى 9-ئايدا خېنەن فۇگۇدا تۇغۇلغان، ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان، ھازىر چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سۇڭ ئەيرۇڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى خېنەن فۇگۇ
كەسپى ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى
ئوقۇش تارىخى ئاسپرانت
خەنزۇچە ئاتىلىشى 宋爱荣
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1959-يىلى 9-ئاي
پۈتتۈرگەن مەكتىپى مەركىزى پارتىيە مەكتىپى
پارتىيىگە كىرگەن ۋاقتى 1981-يىلى 1-ئايد

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇڭ ئەيرۇڭسۇڭ ئەيرۇڭ، ئايال، خەنزۇ، 1959-يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان، خېنەن فۇگۇدىن، 1981-يىلى 1-ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1977-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ سىياسىي كەسپىنى پۈتتۈرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، مەسئۇل ئىقتىسادچى. ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان، ھازىر چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى.

1977-يىلى 9-ئايدىن 1978-يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ناھىيىسى قىزىلبايراق گۇڭشېسىدا زىيالىي ياش بولغان.

1978-يىلى 3-ئايدىن 1981-يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى مەكتىپىنىڭ ئانئورگانىك خىمىيە سانائىتى كەسپىدە ئوقۇغان.

1981-يىلى 3-ئايدىن 1984-يىلى 6-ئايغىچە شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى مەكتىپى پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ تەشكىلات كادىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى مەكتىپى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

1981-يىلى 9-ئايدىن 1983-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى مەكتىپىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئالىي تېخنىكوم سىنىپىدا ئوقۇغان.

1984-يىلى 6-ئايدىن 1986-يىلى 9-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خىمىيە سانائىتى ئىدارىسى كومىتېتىنىڭ كادىرى بولغان.

1986-يىلى 9-ئايدىن 1992-يىلى 4-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خىمىيە سانائىتى ئىدارىسى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇجىسى بولغان.

1992-يىلى 4-ئايدىن 1994-يىلى 5-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خلور-ئىشقار زاۋۇتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولغان.

1993-يىلى 9-ئايدىن 1994-يىلى 1-ئايغىچە داليەن تەبىئىي پەن-سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ شىنجاڭ سىنىپى كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان.

1994-يىلى 5-ئايدىن 1996-يىلى 1-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

1996-يىلى 1-ئايدىن 1999-يىلى 9-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

1994-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپى تولۇق كۇرس سىنىپىدا ئوقۇغان.

1996-يىلى 4-ئايدىن 1998-يىلى 3-ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتورىيىسىسانائەت ئىقتىسادى فاكۇلتېتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپى ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇغان.

1997-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق تۈزۈمدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان.

1999-يىلى 9-ئايدىن 2005-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان 1997-يىلى 9-ئايدىن 2000-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ سىياسىي كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.

2005-يىلى 1-ئايدىن 2006-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

2006-يىلى 10-ئايدىن 2008-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

2008-يىلى 1-ئايدىن 2011-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

2011-يىلى 10-ئايدىن 2015-يىلى 4-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

2011-يىلى 10-ئايدىن ھازىرغىچە چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.

پارتىيە 16-، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى.

2015-يىلى 4-ئايدا، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ تور بېكىتىدە «مىنىستىرلىك رەھبەرلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى»نىڭ يىڭلانغىنىدا،«سۇڭ ئەيرۇڭ قوشۇمچە چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى» دەپ كۆرسىتىلگەن.[0]

چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى
چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى
چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#