ئەنجۈر دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئەنجۈر (خام دورا )
  2. ئەنجۈر (ئۆسۈملۈك)
خام دورا
ئەنجۈر

ئەنجۈر ئۈجمە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ، ئەنجۈرگە ئۇرۇقداش بولۇپ، كۆپ شاخلىنىدۇ، ھۆل ۋە يوپۇرماقلىرى سۇندۇرۇلسا، ئاق سۈت چىقىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، قېلىنراق، شەكلى يۇمىلاقراق، تۈۋى يۈرەكسىمان بولۇپ، ئادەتتە بەشكە يېرىلىدۇ. گۈللىرى تەتۈر تۇخۇمسىمان ياكى شار شەكىللىك، مېۋىسى خام چېغىدا يېشىل رەڭدە بولۇپ، پىشقاندا سارغۇچ قوڭۇر ياكى سۆسۈن قوڭۇر رەڭگە كىرىدۇ. مېۋىسى، شېخى، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى ئەنجۈر
پارسچە نامى Ficus carica Linn.
تەمى تاتلىق
تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 无花果
شەكلى تەتۈر تۇخۇم شەكلىدە
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبى
دورىلىق قىسمى مېۋىسى، شېخى، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەنجۈر ئۈجمە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ، ئەنجۈرگە ئۇرۇقداش بولۇپ، ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىردىن ئاشىدۇ، كۆپ شاخلىنىدۇ، ھۆل ۋە يوپۇرماقلىرى سۇندۇرۇلسا، ئاق سۈت چىقىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، قېلىنراق، شەكلى يۇمىلاقراق، تۈۋى يۈرەكسىمان بولۇپ، ئادەتتە بەشكە يېرىلىدۇ. گۈللىرى تەتۈر تۇخۇمسىمان ياكى شار شەكىللىك گۈل تېگىگە يوشۇرۇنۇپ، يوشۇرۇن باشلىق گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. گۈل رېتى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، گۈل تېگى تەدرىجىي چوڭىيىپ تەتۈر تۇخۇم شەكلىدىكى گۆشلۈك يالغان مېۋىگە ئايلىنىدۇ. مېۋىسى خام چېغىدا يېشىل رەڭدە بولۇپ، پىشقاندا سارغۇچ قوڭۇر ياكى سۆسۈن قوڭۇر رەڭگە كىرىدۇ. مېۋىسى، شېخى، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، شېخى، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى ئۈزۈۋېلىپ، قايناق سۇغا بېسىپ ئالغاندىن كېيىن، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ شېخى، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ جەنۇبىدا ئۆسىدۇ.

ھۆل ئىسسىق.

بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش، رېماتىزىمنى ياخشىلاش، قان توختىتىش، سۈتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

12 گرام ئەنجۈرنى 20 گرام قۇرۇق ئۈزۈم، سەككىز گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قۇرۇق يۆتەل ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەنجۈر ۋە تۇخۇمەكگۈلىنىڭ ھەربىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بوۋاسىر قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەنجۈر يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى ھوردىتىپ بەرسە، بوۋاسىر قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام ئەنجۈر يىلتىزىنى توخۇ تۇخۇمى بىلەن بىرگە پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، پەي، سۆڭەك ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەنجۈرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىشتىھاسىزلىق ۋە ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەنجۈر قېقىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قايناق سۇدا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، سۈت ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ. 5.1 كىلوگرام ئەنجۈرنى ئىككى كىلوگرام سۇدا، 550 گرام نوقۇتنى ئىككى كىلوگرام سۇدا ئايرىم - ئايرىم سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، سۈيى سوۋۇغاندىن كېيىن ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈچ گرام قەلەمپۇرنى داكىغا ئوراپ، ئايرىم سۇدا قاينىتىپ، سۈيىگە ھەسەل سېلىپ قىيام قىلىپ، بۇ قىيامنى نوقۇت-ئەنجۈر ئارىلاشمىسىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، يۈرەك ئاجىزلىق، مەنىي ئازلىق، باھ ئاجىزلىق ۋە بەل ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#