پېلوپوننېس ئۇرۇشى

پېلوپوننېس ئۇرۇشى

پېلوپوننېس ئۇرۇشى قەدىمكى گرېتسىيەدىكى سىپارتا باشچىلىقىدىكى پېلوپوننېس ئىتتىپاقى بىلەن دېڭىزدىكى كۈچلۈك دۆلەت ئافېنا ئوتتۇرىسىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق خوجايىنلىقنى تالىشىش ئۇرۇشىدۇر.

نامى پېلوپوننېس ئۇرۇشى
باش قوماندان 伯利克里,阿希达穆斯二世
ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلار دېلوس ئىتتىپاقى (ئافېنا) رەھبەرلىكى، پېلوپوننېس ئىتتىپاقى (سپارتا رەھبەرلىكى)
ۋاقتى 431-يىلى __ 404-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى)
خەنزۇچە ئاتىلىشى 伯罗奔尼撒战争
باشقا ئاتىلىشى ئافېنا-سىپارتا ئۇرۇشى
ئورنى يۇنان، ئاناتولىيە، سىتسىلىيە
نەتىجىسى پېلوپوننېس ئىتتىپاقى غەلبە قىلغان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پېلوپوننېس ئۇرۇشىپېلوپوننېس ئۇرۇشى قەدىمكى گرېتسىيەدىكى سىپارتا باشچىلىقىدىكى پېلوپوننېس ئىتتىپاقى بىلەن دېڭىزدىكى كۈچلۈك دۆلەت ئافېنا ئوتتۇرىسىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق خوجايىنلىقنى تالىشىش ئۇرۇشىدۇر. ئۇنداقتا بىر قەدىمقى زامان ئىچكى ئۇرۇشى قانداقلارچە دۇنياغا مەشھۇر ئۇرۇش بولۇپ قالىدۇ؟ قەدىمقى يۇناننىڭ مەدنىيىتى ھەممەيلەنگە ئايان، ئەنە شۇنداق كۈچلۈك جەمىيەت ناۋادا بىرلىككە كەلگەن بىر قۇدرەتلىك دۆلەت ھاكىمىيىتىگە ئېرىشكەن بولسا ئېھتىمال دۇنيانىڭ سىياسى خەرىتىسى ھەرگىز ھازىرقىدەك بولمىغان، ياۋروپادىكى باشقا مىللەتلەر تېخى ئېلىپبەنىمۇ بىلمەيدىغان چاغدا پەنلەرنى تۈرگە ئايرىغان ۋە دىموكراتىك دۆلەت قۇرۇشنى بىلگەن يۇنانلىقلارنىڭ تىلى بولغان گىرىك تىلىمۇ، ھازىرقى كىچىككىنە يېرىم ئارالدىلا چەكلەنمىگەن بولاتتى.

پېلوپوننېس ئۇرۇشىگرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن كۈچى راسا ئۇلغايغان ئافېنا دېلوس ئىتتىپاقىغا بولغان كونتىروللىقىنى پەيدىنپەي كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلاندۇرۇۋالدى، نەتىجىدە ئۇ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان دېڭىزدىكى خوجايىن دۆلەتكە ئايلىنىپ، يەنە بىر كۈچلۈك دۆلەت سىپارتا بىلەن گرېتسىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىشتەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. سىپارتا شۇنىڭدىن يۈز يىل ئىلگىرى پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىدىكى گرېتسىيە شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ھەربىي كۈچ ئارقىلىق، پېلوپوننېس ئىتتىپاقى قىلىپ تەشكىللىگەنىدى. ئافېنا ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شەرقى قىسىمىدىن غەربى قىسىمىغىچە بولغان ئارلىقتىكى سودا لىنىيىسىنى ئۆز كونتىرۇللىقىغا ئېلىش، سىتسىلىيە ئارىلىدىكى ئاشلىق كانىنى قولغا كەلتۈرۈۋېلىش مەقسىتىدە پېلوپوننېس ئىتتىپاقىدىكى كورىنف قاتارلىق سودا-سانائەت شەھەر دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي رىقابەتنى كۈنسايىن جىددىيلەشتۈردى؛ ئافېنانىڭ دېڭىزدىكى خوجايىنلىق ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق تاشقى ئالاقىسىگە تەھدىت سېلىشىدىن ئەنسىرەپ تۇرغان سىپارتا كورىنفنىڭ ئافېنا بىلەن قارشىلىشىشىغا مەدەت بېرىش قارارىغا كەلدى. شۇ ۋاقىتتا سىياسىي جەھەتتە ئافېنانىڭ دېمۇكراتىك سىياسىتى سىپارتانىڭ ئاقسۆڭەكلەرگە خاس سىياسىتىدىن روشەن پەرقلىنەتتى. ئۇلار خوجايىنلىق مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن بىر-بىرىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئۆكتىچىلەردىن كۈچىنىڭ بارىچە پايدىلىنىشقا ئۇرۇناتتى. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي ھۆكۈمرانلىقنى تالىشىش كۈرىشى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى.

ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى

پېلوپوننېس ئۇرۇشى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 431-يىلى سىپارتانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن دىبىس ئافېنانىڭ ئىتتىپاقدىشى پىلاتىيىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. ئارقىدىنلا سىپارتا قوشۇنلىرىنىڭ ئاتتىكىغا بېسىپ كىرىشى بىلەن ئۇرۇش پارتلىدى.

دەسلەپتە ئافېنالىقلار ئۆز ھۆكۈمرانى چېرلىكلىرىنىڭ قەلئەدىن چىقماي مۇداپىئە كۆرۈپ، چىڭ تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى بويىچە بويىچە ئىش كۆرگەچكە، سىپارتانىڭ مۇھاسىرسى كارغا كەلمىدى. بىراق، ئۇزۇنغا بارمايلا ئافېنا شەھىرىدە چوما كېسىلى تارىلىپ، بۇ ئۆتكۈر كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتى شەھەرنى بىر ئالدى، چېرلىكلىرىگىمۇ كېسەل يۇقۇپ قازا قىلدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 427- يىلى ئۇرۇش تەرپتارلىرىنىڭ كاتتىۋىشى كىرېئون ئافېنانىڭ باش سەردارى بولۇپ سايلىنىپ، قوشۇن باشلاپ بېرىپ، پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىدىكى پىلوسنى ئىشخال قىلدى ھەمدە سىپارتانىڭ دۆلەت قۇلى ئىلوتلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتتى. سىپارتا لەشكەر تارتىپ ئېگەي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە ئافېنانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئاسىيلىق قىلىشقا قۇتراتتى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى، 424-يىلى سىپارتا ئافېنانىڭ مۇھىم تايانچى نۇقتىسى ئانفبورنى ئالدى. تارىخشۇناس خوسددې ئەينى زاماندا ئافېنادىكى ئون سەركەردىنىڭ بىرى ئىدى، ئۇ ئافېنانىڭ فراكىيىدە تۇرۇشلۇق سىرىس فىلوتىنىڭ قۇماندانلىقىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ۋاقتىدا ياردەمگە كېلىپ قۇتقۇزمىغانلىقى ئۈچۈن قارىلانغان ھەمدە سۈرگۈن قىلىنغان ئىدى. مەشھۇر «پېلوپوننېس ئۇرۇشى تارىخى» ئۇنىڭ سۈرگۈندىكى بىر مەزگىلدە ماتېرىيال توپلاپ ھەمدە ئۆزىنىڭ بىۋاستە كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ يېزىپ چىققان ئۆلمەس ئەسىرىدۇر.

 ھەل قىلغۇچ جەڭ

پېلوپوننېس ئۇرۇشىمىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 422-يىلى ئافېنالىقلار بىلەن سىپارتانىڭ قوشۇنى ئانفىبوردا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ سەردارى كىرېئون بىلەن پراسدا جەڭدە قازا قىلدى. 2-يىلى تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈلۈپ، ئۇرۇش ۋاقتىنچە توختىتىلدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 415-يىلى ياسپېتىر، نىسىيا قاتارلىق سەركەردىلەرنىڭ قۇماندانلىقىدىكى ئافېنا قوشۇنلىرى ئىتتىپاقدىشى ئېگىستېرگە ياردەم بېرىش باھانىسىدا سىپارتانىڭ ئىتتىپاقدىشى سراكۇزىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن سىتىسېلىيىگە يۈرۈش قىلدى. ئۇلار جەڭگە ئاتلانغاندىن كېيىن ياسپېتىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ جازادىن قورقۇپ سىپارتانىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى. نىسىيانىڭ قوشۇنى سىراكوزىغا ھۇجۇم قىلىپ غەلىبە قازىنالمىدى، ئەكسىچە قورشاۋدا قالدى. ئىككى يىلدىن كېيىن 40 مىڭ سەركەردە لەشكەرلەرگە، 210 ھەربىي كېمىگە ئىگە ئافېنا فىلوتى سىپارتا-كوللنىس-سىراكۇزى بىرلەشمە فىلوتى تەرىپىدىن ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىپارتا قوشۇن ئەۋەتىپ دېكەيلىيىلىنى ئىشخال قىلىپ، ئافېنا بىلەن يۇبىيا ئارىلىنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. بۇ چاغدا ئافېنادىكى 20 مىڭ نەپەر ھۈنەرۋەن-كاسپ مۇساپىر بولۇپ قېچىپ كەتكەچكە پۈتكۈل ئىگىلىك پالەچ ھالغان چۈشۈپ قالدى، تېخىمۇ يامىنى، دېلوس ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بەس-بەستە يۈز ئۆرۈگەنلىكتىن ئافېنانىڭ تاشقى مالىيە مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالدى.

ئافېنانىڭ تەسلىم بۇلۇشى 

پېلوپوننېس ئۇرۇشىمىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 411-يىلى ئافېنادا يەنە بىر قېتىم سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئولگارخىيە ھاكىمىيىتى ئورنىتىلىشى بىلەن ئەھۋال بارغانسېرى يامانلاشتى. گەرچە شۇنىڭدىن كېيىن ئافېنا قايتا قۇرۇلغان فىلوتىغا تايىنىپ بىر قانچە قېتىم غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، بولۇپمۇ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 410-يىلى كوچكوس جېڭىدە سىپارتانىڭ فىلوتىنى ئەجەللىك زەربىگە ئۇچراتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇ ئۆزىنىڭ خارابىلىكىگە يۈز تۇتقان ۋەزىيىتىنى ئوڭشىۋېلىشىغا مادارى يەتمەيتتى. سىپارتا پېرسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، پېرسىيەنىڭ كىچىك ئاسىيادىكى گرېك دۆلەتلىرىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقنى ئېتراپ قىلىش شەرتى بىلەن پېرسىيەنىڭ كاپىتال مەبلىغىگە ئېرىشىپ، ھەربىي كېمە ياسىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 405-يىلى ھېللېسپونت ئەتراپىدىكى ئېگوسپوتامىدا ئافېنا دېڭىز ئارمىيەسى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. 180 گە يېقىن ھەربىي كېمە قېچىپ كەتكەن بىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سىپارتا فىلوتى تەرىپىدىن ئەسىر قىلىنغاندىن كېيىن پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئافېنانىڭ ئەمەلىي كۈچى تۈگىدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 404-يىلى سىپارتانىڭ دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرى ئافېناغا قىستاپ كەلدى. ئافېنا مەجبۇرىي تەسلىم بولدى.

پېلوپوننېس ئۇرۇشى27 يىل داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇش ئاخىر ئافېنانىڭ ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولۇشى بىلەن ئاياغلاشتى. بىر مەھەل گۈللەنگەن ئافېنا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەسلىگە كېلەلمىدى، سىپارتانىڭ كۈچىمۇ ئۇرۇش جەريانىدا بەك ئاجىزلاپ كېتىپ، ئىچكى قىسىمىدىمۇ ئۈزۈلمەي داۋالغۇچ بولۇپ تۇردى. شۇڭا، بۇ ئۇرۇش قەدىمكى گرېتسىيە قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ گۈللىنىشتىن زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، كىيىنچە ماكېدونىيەنىڭ گرېتسىيەنى بويسۇندۇرۇشى ئۈچۈن يول ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بەردى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#