چېرچىل

1940-يىلى 5-ئايدا، گېرمانىيە فاشىستلىرى غەربىي ياۋروپاغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى، گوللاندىيە، بېلگىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن قولدىن كەتتى، بۈيۈك برېتانىيە ئارىلىغا جايلاشقان ئەنگلىيە ھالاكەت گىردابىدا يالغۇز قالغانىدى. مۇشۇنداق خەتەرلىك پەيتتە ئەنگلىيىنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن ۋىنستون چېرچىل (1874-1965-يىللار) جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ، ئەنگلىيە خەلقىنىڭ گېرمانىيەنىڭ غالجىرانە ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلدى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى چېرچىل
باشقا نامى Winston Leonard Spencer Churchill
تۇغۇلغان ۋاقتى 1874-يىلى
كەسپى سىياسىئون
خەنزۇچە ئىسمى 温斯顿·伦纳德·斯宾塞·丘吉尔
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1965-يىل 1-ئاينىڭ 24-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چېرچىل1940-يىلى 5-ئايدا، گېرمانىيە فاشىستلىرى غەربىي ياۋروپاغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى، گوللاندىيە، بېلگىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن قولدىن كەتتى، بۈيۈك برېتانىيە ئارىلىغا جايلاشقان ئەنگلىيە ھالاكەت گىردابىدا يالغۇز قالغانىدى. مۇشۇنداق خەتەرلىك پەيتتە ئەنگلىيىنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن ۋىنستون چېرچىل (1874-1965-يىللار) جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ، ئەنگلىيە خەلقىنىڭ گېرمانىيە نىڭ غالجىرانە ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلدى. 

چېرچىل خېلى بۇرۇنلا «گېرمانىيە فاشىستلىرى ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنىمىز» دەپ قارىغاچقا، ئۇلارغا قارشى قەتئىي تەدبىر قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغانىدى. ئەمما، ئەنگلىيەنىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈمىتى ۋە جامائەت پىكرى ساھەسىدىكىلەر بولۇشىغا كۈن ئۆتكۈزۈش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىماي، فاشىستلار بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، ئۇلارغا يول قويماقچى بولدى. چېرچىل پارلامېنتنىڭ ئىچى-سىرتىدا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل ئاپەت خاراكتېرلىك سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىدلىدى.

چېرچىل1940 -يىلى 5-ئايدا، 65 ياشقا كىرىپ قالغان چېرچىل ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرلىكىنى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئەنگلىيە خەلقىنىڭ ناتسسىت گېرمانىيەسىگە قارشى ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلدى. ناتىق چېرچىل پارلامېنتتا سۆزلىگەن تۇنجى قېتىملىق نۇتقىدا: «مەن قان-تەر ۋە ئازاب، كۆز يېشىدىن باشقا نەرسە تۆھپە قىلالمايمەن. . . سىلەر بىزنىڭ نىشانىمىز نېمە، دەپ سورايسىلەر. مەن سىلەرگە: غەلىبە قىلىش، دېگەن بىرلا سۆز بىلەن جاۋاب بېرىمەن»، «بىز ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ئارىلىمىزنى قوغدايمىز. دېڭىز ساھىللىرىدا، دۈشمەنلەر قۇرۇقلۇققا چىققان يەردە، كەڭ دالا ۋە كوچا-كويلاردا، تاغلىق رايونلاردا جەڭ قىلىمىز، ھەرگىز تەسلىم بولمايمىز» دېگەن ھەمدە: «ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي غەلىبە قىلىمىز» دەپ قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە ئارمىيەسى 1940-يىلى 8-ئايدا» بۈيۈك برېتانىيە ئۇرۇشى «نى قوزغاپ، ھەر كۈنى مىڭلاپ ئايروپىلان چىقىرىپ، ئەنگلىيە نى دەھشەتلىك بومباردىمان قىلغان، بومباردىماندا بەزى شەھەرلەر تۈزلىنىپ كەتكەن. چېرچىل قىلچە تەۋرەنمەي، ئەنگلىيە خەلقىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشىگە قوماندانلىق قىلىپ، ئۈچ ئايدىلا دۈشمەننىڭ 2000 دىن كۆپرەك ئايروپىلانىنى پاچاقلىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، گىتلېر ئەنگلىيىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان. 

چىرچېل ئەنگلىيە نىڭ گېرمان فاشىستلىرىغا قارشى تەنھا ئۇرۇش قىلىشىدەك مۈشكۈل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، فاشىستلارغا قارشى بارلىق كۈچلەر بىلەن بىرلەشكەن. ئۇ گەرچە كوممۇنىزمغا ئىزچىل قارشى بولسىمۇ، تىرىشىپ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، گېرمانىيە فاشىستلىرىغا بىرلىكتە قارشى تۇرغان. 1941-يىلى 6-ئايدا، گېرمانىيە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان ئاخشىمى، چېرچىل نۇتۇق سۆزلەپ، ئەنگلىيەنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بېرىشنى قارار قىلغان. چېرچىل مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ماسلىشىپ، فاشىزمغا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ئورنىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە فاشىستلارنى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ قىلغانغا قەدەر، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جاپالىق جەڭ قىلغان. 

چېرچىل 1965-يىل 1-ئاينىڭ 24-كۈنى لوندون دا 90 يېشىدا ۋاپات بولغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#