ئۈزۈم تال كارىدورى

خوتەن دېھقانلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئىجادىيىتى بولۇپ، مەملىكەتنىڭ جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا كەم ئۇچرايدۇ. ئۈزۈم تال كارىدورى ئاساسلىقى يېزا يوللىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە تال كۆچىتى تىكىش، يولنىڭ ئۈستىگە تال باراڭ ياساش ئارقىلىق بەرپا قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئۈزۈم تال كارىدورى
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
قۇرۇلغان ۋاقتى 1984-يىلى
قاراشلىق رايون شىنجاڭ خوتەن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خوتەن دېھقانلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئىجادىيىتى بولۇپ، مەملىكەتنىڭ جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا كەم ئۇچرايدۇ. ئۈزۈم تال كارىدورى ئاساسلىقى يېزا يوللىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە تال كۆچىتى تىكىش، يولنىڭ ئۈستىگە تال باراڭ ياساش ئارقىلىق بەرپا قىلىنغان بولۇپ، يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە يولدىن ئۆتكەن كىشىلەر سالقىنلايدىغان، ھاردۇقىنى چىقىرىدىغان جاي ھېساپلىنىدۇ. ئۈزۈم تال كارىدورى دەسلەپتە 1984-يىلى خوتەن ناھىيەسىدە بارلىققا كەلگەن، ئەينى ۋاقىتتا ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 16 كىلومېتىر ئىدى، 1985-يىلى 90 كىلومېتىرغا ئۇزارتىلىپ، 1986-يىلىغا كەلگەندە ناھىيە بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلدى. ھازىر پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە كېڭەيتىلگەن بولۇپ، ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى 1700 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۈزۈم تال كارىدورىنىڭ ئەمگەك كۈچى سېلىنمىسى ئاز، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، ئىكىلوگىيىلىك ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، يول ئۈستىگە ياسىلىدىغان بولغاچقا يەرنى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ.

خوتەندىكى ئۆزگىچە مەنزىرە ئۈزۈم تال كارىدورى ئاپتونۇم رايونىمىز ۋە مەملىكەت بويىچە داڭلىق. 1990-يىلى 8-ئايدا يولداش جياڭ زېمىن خوتەن ۋىلايىتىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلگەندە، خوتەن دېھقانلىرى ياسىغان ئۈزۈم تال كارىدورىنى كۆرۈپ، ‹‹ جاھاندىكى ئاجايىپ مەنزىرە ›› دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن. بۇ خوتەن خەلقىگە غايەت زور ئىلھام بولغان. ئۈزۈم تال كارىدورى خوتەن روھىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، خوتەن خەلقىنىڭ ناچار ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا قارشى كۆرەش قىلىپ ياراتقان باغۋەنچىلىك ئىجادىيىتى. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشتە تېخىمۇ كۆپ رول ئوينىغۇسى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#