قاپلىق قۇرت كېسىلى

قاپلىق قۇرۇت كىسىلى

قاپلىق قۇرت كېسىلى ئادەم ۋە ھايۋانلاردا ئورتاق بولىدىغان كېسەل بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافرىقا ۋە جەنۇبى ئامرىكىدىكى چارۋىچى مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ. بولۇپمۇ جىگەر قاپلىق قۇرت كېسىلى ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىرت تال، بۆرەك، ئۆپكە، مىڭە، مۇسكۇل، سۆڭەك قاتارلىق ھەممە ئەزالاردىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قاپلىق قۇرت كېسىلى
ئىنگلىزچە hydatid disease
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملىق
يۇقۇملىنىش يولى ھەزىم سىستىمىسى ۋە نەپەسلىنىش سىستىمىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 包虫病
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم
كېسەللىك ئورنى ئۆپكە، جىگەر، مىڭە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاپلىق قۇرۇت كىسىلىقاپلىق قۇرت كېسىلى ئادەم ۋە ھايۋانلاردا ئورتاق بولىدىغان كېسەل بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافرىقا ۋە جەنۇبى ئامرىكىدىكى چارۋىچى مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ. بولۇپمۇ جىگەر قاپلىق قۇرت كېسىلى ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىرت تال، بۆرەك، ئۆپكە، مىڭە، مۇسكۇل، سۆڭەك قاتارلىق ھەممە ئەزالاردىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ.

قۇرت تۇخۇمى بەدەنگە كىرگەندىن كىيىن ئۈچەي سۇيۇقلۇقىنىڭ تەسىرىدە لىچىنكىغا ئايلىنىپ ئۈچەينى تېشىپ ئۆتكەندىن كىيىن كۆپىنچىسى جىگەردە ئورۇنلىشىدۇ. لېكىن ئاز بىر قىسمى مىڭە، تال، بۆرەك، مۇسكۇل قاتارلىق ئەزالارغىمۇ ئورۇنلىشىدۇ. 

مەملىكىتىمىز ئىچىدە شىنجاڭ، تىبەت ۋە ئىچكى مۇڭغۇلدا ئەڭ كۆپ كۆرىلىدۇ.

ئىت بىلەن زىچ دەرىجىدە ئۇچراشقاندا ئىت بەدىنىدىكى قۇرت تۇخۇمى قول ئارقىلىق ئېغىزغا كىرىپ ياللۇغلىنىدۇ.

ئىتنىڭ چوڭ تەرىتى بىلەن بۇلغانغان سۇ مەنبەسى، سەي-كۆكتات قاتارلىقلارمۇ ياللۇغلىنىش مەنبەسى بولىدۇ. بولۇپمۇ خام سۇ ئىچىش، ھايۋانلار بىلەن سۇ مەنبەسىنى ئورتاق ئىشلىتىش.

قۇرغاق رايونلاردا قۇرت تۇخۇمى شامالدا ئۇچۇپ يۈرۈپ ئۆپكىنىمۇ ياللۇغلاندۇرىدۇ.

1. چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ياۋا ئىتلارنى يوقىتىپ، ئۆي ئىتلىرىنى ياخشى باشقۇرۇش، بالىلارنى ئىت بىلەن ئوينىغىلى قويماسلىق.

2. يايلاق، سۇ مەنبەسى ۋە يەم-خەشەكلەرنىڭ ئىت تىزەكلىرى بىلەن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئاغرىپ ئۆلگەن قويلارنى كۆيدۈرۈش ياكى كۆمۈش ئارقىلىق ئىتلارنىڭ يەۋىلىپ ياللۇغلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

3. ئۆي ھايۋانلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن تاماق يېيېشتىن بۇرۇن قول يۇيۇش، پاكىز يۇيۇلمىغان، تولۇق پىشمىغان يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك، خام سۇ ئىچمەسلىك.

4. ئۆي ھايۋانلىرىنى قەرەرلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش.

5. چارۋىچىلارمۇ قەرەرلىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، كېسەللىك بولسا بالدۇر داۋالىنىپ بالدۇر ساقىيىش كېرەك.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#