ئۇيغۇرچە نامى چىمەن بازىرى
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون كۇچا ناھىيەسى
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 197.7 كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىمەن بازىرىچىمەن بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىگە جايلاشقان. كۇچا ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 22 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، جەنۇبىي تەرىپى شايار ناھىيەسى بىلەن، شىمال تەرىپى كۇچا ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، كۇچا ناھىيەسى ۋە شايار يېزا-بازارلىرىنىڭ مەركىزىي بازىرى. پۈتۈن بازارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 197.7 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭ قارىمىقىدا 19 مەمۇرىي كەنت، 32 كەسپىي ئورۇن بار.

پۈتۈن چىمەنپۈتۈن چىمەن بازىرىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 40 مىڭ 500 ئادەم، ئائىلىلەر ئومۇمىي سانى 7776. ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر 77603 مو، كېۋەز 27203 مو، بۇغداي 27203 مو، باغ كۆلىمى 36000 مو، ئەمگەك كۈچى 11700 ئادەم بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان يېزا ئىگىلىك چوڭ بازىرى. پۈتۈن بازاردا بىر پارتىيە باش ياچېيكىسى، 40 پارتىيە ياچېيكىسى بار، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى 815 كىشى، بۇنىڭ ئىچىدە، چارۋىچى پارتىيە ئەزاسى 564 كە يىتىپ، پۈتۈن بازارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %69.2 نى ئىگىلىگەن. 

چىمەن بازىرى چىمەن بازىرىغا قاراشلىق 19 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار: توققۇز توما كەنتى، چىمەن كەنتى، ساڭ كەنتى، قايلۇ كەنتى، موما تېرەك كەنتى، يېڭىتۇر كەنت، ئاقتۇر كەنتى، ئۆگەن كەنتى، دابوز كەنتى، كالتەپەيلۇ كەنتى، غوجا تۇرۇس كەنتى، دەرۋازاتېرەك كەنتى، ئارابوز كەنتى، كۆكتىكەن ئېرىق كەنتى، چوڭپەيلو كەنتى، ئامانتوغراق كەنتى، سۇلايمان كەنتى، غالدىر كەنتى، مۇشۇ ئاقئۆستەڭ كەنتى.

چىمەن بازىرىئۆلكە يولى 210-لىنىيەسى بازار تەۋەسىنى ئۇزۇنىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، قىروسىز مەزگىل 266 كۈن، «ئىككى يۇقىرى، بىردە ئەلا بولۇش» تەك يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا ماس كېلىدۇ، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي؛ كالا، قوي بورداش ئۈنۈمى بىر قەدەر چوڭ، ئاساسلىق  سىمېنتال كالىسى، ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي قاتارلىقلار بېقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چىمەن بازىرى كۇچا ناھىيەسىدىكى  مۇھىم ئاشلىق-پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھېسابلىنىدۇ. 2003-يىلى پۈتۈن بازاردىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 143 مىليون يۈەنگە يەتكەن، سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە 5 مىليون 600 مىڭ يۈەن، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3038.1 يۈەن بولۇپ، 2002- يىلدىكىدىن 720.2 يۈەن ئاشقان. چىمەن يېزىسىنى مەركەز قىلغان تاشيول تورى ئەتراپتىكى ھەرقايسى يېزىلارغا تارقالغان. چىمەن بازىرىغا قاراشلىق چىمەن 1-، 2-، 3-، 4-، دۇببو 1-،2-، 3-، 4-، ئاربو 1-،2-، 3-، 4- ۋە بازار، قايلور،ئۆگەن، يېڭىتۇر، ئاقتۇر، ئامبار، دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق 19 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ئىقتىسادى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ.

پۈتۈن چىمەن2000-يىلى چىمەن بازىرىغا دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «جۇڭگو خەلق سەنئىتى ماكانى» (مۇقام) دەپ نام بېرىلگەن، 2002-يىلى مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن»، 2005 مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنت» دەپ نام بېرىلگەن، 2007-يىلى 9-ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەرىپىدىن«تىنچ يېزا (بازار)» دەپ نام بېرىلگەن، بۇ بازار يەنە ئۇدا بىر نەچچە يىل كۇچا ناھىيەسى نىشانلىق باشقۇرۇش بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، بۇ ناھىيە يەنە « ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پەن-تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش يېزىسى»، «مەملىكەت بويىچە ئورمان بىنا قىلىش-كۆكەرتىشتىكى 100 ياخشى يېزا (بازار)»، «ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى»، «خەلق رازى ھۆكۈمەت » قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#