گۇاڭجۇ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى , گوۋۇيۈەن بىكىتكەن خەلىقئارالىق سودا شەھىرى , خەلقئارا ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى , دۆلەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى,دۆلەتنىڭ مەركىزى شەھىرى ,دۆلەتنىڭ ئونىۋېرسال ئېچىۋېتىش شەھىرى.تاڭ ، سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋېرلىرىدىكى جۇڭگونىڭ بىرىنچى چوڭ پورتى.مىڭ ، چىڭ سۇلالىلىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى جۇڭگونىڭ بىردىنبىر تاشقى سودا پورتى .

نامى گۇاڭجۇ
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
يەر مەيدانى 7434 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 广州
ئۆلكىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى
تەۋە رايون جۇڭگو گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى
كىلىماتى سۇبتروپىك بەلباغ موسسونلۇق كىلىماتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گۇاڭجۇ چىن سۇلالىسى نەنخەي ۋىلايىتىنى تەسىس قىلغان جاي، فەنيۈ دەپ ئاتالغان. بەش دەۋر، ئون پادىشاھلىق دەۋرىدە جەنۇبىي خەن پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى قىلىنغان، مىڭ سۇلالىسىدىن كېيىن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى قىلىنغان. قەدىمدىن تارتىپ ئېلىمىزنىڭ تاشقى قاتناش ۋە سودىسىدىكى مۇھىم پورتى بولۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ «جەنۇبىي دەرۋازىسى» دېگەن نامى بار.تارىختا يەنە «ياڭچېڭ» ، «خۇيچېڭ» دېگەن نامى بار.  رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، پادىشاھ جۇيى زامانىدا جەنۇبىي دېڭىزدا بەش ئەۋلىيا بولۇپ، ئۇلار ئوخشاش بولمىغانرەڭلىك كىيىملەرنى كىيىپ، ھەر خىل رەڭلىك ئۆچكىلەرنى مىنىپ چۇ ئوردىسىغا يىغىلغان، ھەرقايسىسى پۇقرالارغا بىر تالدىن ئالتە باشاقلىق شالنى تەقدىم قىلىپ، مەڭگۈ ئاچارچىلىق بولماسلىقىنى تىلىگەن ئىمىش. ئارقىدىن، ئەۋلىيالار كۆتۈرۈلۈپ كۆككە چىقىپ كېتىپتۇدەك، قالدۇرۇپ قويغان بەش ئىلاھىي ئۆچكە تاشقا ئايلىنىپ قاپتۇدەك. 100 نەچچە يىلدىن بۇيان، گۇاڭجۇ جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى كۈرەش قىلىپ كەلگەن قەھرىمان شەھەر بولۇپ كەلدى، 1840-يىلىدىكى سەنيۈەنلى خەلقىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى كۈرىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى كۈرىشىنىڭ تۇنجى توپ ئوقىنى ئاتتى. ئارقىدىن، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىدا، سۇن جۇڭشەن قاتارلىق ئىنقىلابچىلار گۇاڭجۇنى بازا قىلىپ، كۆپ قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى؛ جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسى1924-يىلى بۇ يەردە1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، «روسىيە بىلەن بىرلىشىش، كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىش، ئىشچى-دېھقانلارغا يار-يۆلەك بولۇش» تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سىياسەتنى رەسمىي قارار قىلىپ، تۇنجى قېتىم گومىنداڭ-كومپارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى؛ 1927-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى گۇاڭجۇ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلدى.

 ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن ، گۇاڭجۇنىڭ سانائەت ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى داۋاملىق مۇقىم ئاشتى ، تاشقى ئىقتىساد - سودا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى . گۇاڭجۇنىڭ خەلق ئىگىلىكى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 13 سۈرئەت بىلەن سىجىل ئاشتى، ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى جۇڭگونىڭ شەھەر بويىچە 3 - ئورۇندا تۇرىدۇ. گۇاڭجۇ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى 3 - ئورۇندا ،دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ 283 گۇاڭجۇدا، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان كارخانا سانى 120 ، 3 - كەسىپنىڭ  GDP ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسپىتى %66.77 بولۇپ ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى 3 - ئورۇندا ،  تۇرمۇش ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى مەملىكەت بويىچە 3 - ئورۇندا تۇرىدۇ ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. خەلق تۇرمۇشى تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى ئۇدا ئىككى يىل مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرغان.2010-2015-يىلى گۇاڭجۇ بەش قېتىم  فوربىس ژورنىلى تەرپىدىن جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ ياخشى سودا شەھەر بولۇپ باھالانغان.گۇاڭجۇدىكى  پورتلارنىڭ مال كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى جەنۇبىي جۇڭگو بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدا، دۇنيا بويىچە بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ .گۇاڭجۇ بەييۈن خەلقئارا ئايرودرومى جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيەنىڭ بىرى ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كۆلىمى مەملىكەت بويىچە 1-ئۇرۇندا تۇرىدۇ.

ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن ، گۇاڭجۇنىڭ سانائەت ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى داۋاملىق مۇقىم ئاشتى ، تاشقى ئىقتىساد - سودا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى . گۇاڭجۇنىڭ خەلق ئىگىلىكى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 13 سۈرئەت بىلەن سىجىل ئاشتى، ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى جۇڭگونىڭ شەھەر بويىچە 3 - ئورۇندا تۇرىدۇ. 

يۆشيۇ رايونى ، لىۋەن رايونى ، خەيجۇ رايۇنى  ،تىيەنخې رايونى ، بەييۈن رايونى ، پەنيۈ رايونى ،خۇادۇ رايونى ، نەنشا رايۇنى ،زېڭچىڭ رايونى ،سۇڭخۇا رايونى

خۇادۇ رايونى، قاتارلىق رايونلار بار..

   گۇاڭشاۋ ئىبادەتخانىسى، نەنخەي ئىلاھ ئىبادەتخانىسى، ليۇرۇڭ ئىبادەتخانىسى، خۇەيشېن ئىبادەتخانىسى، جېنخەي راۋىقى، پىڭيىڭتۇەننىڭ سەنيۈەنلىدىكى ئورنى، خۇاڭخۇاگاڭدىكى72 ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ قەبرىستانلىقى، گۇاڭجۇ دېھقانلار ھەرىكىتى كۇرسى، سۇن جۇڭشەن خاتىرە سارىيى، گۇاڭجۇ كوممۇنىسىنىڭ كونا ئورنى قاتارلىقلار بار. 

گۇاڭجۇدا   50 نەچچە رۇدا تۈرى ، 17 دانە كان بايقالدى .ئۆسۈملۈك تۈرلىرى نەچچە مىڭ خىلغا يېتىدۇ . ياۋايى ھايۋانلار تەخمىنەن 210 خىل تۈرى  بار . سۇ كۆلىمى 7.44تۈمەن گېكتار ،سۇ تېمپېراتۇرىسى ℃ 50 -70 ℃ 

2013 - يىلى ، گۇاڭجۇنىڭ  سۇ بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى 82.20مىليون كۇب مېتىر .

2014 - يىلى ،گۇاڭجۇ 26 مىڭ 500 نەپەر ئاسپىرانت مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان، ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانت 77 مىڭ 200  ، پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار 22 مىڭ 700 . ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى  تولۇق كۇرس ، مەخسۇس كۇرسنى ئۇقۇۋاتقانلار  301مىڭ500  ئادەم ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 101 مىڭ 900ئادەم ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار 254 مىڭ ئادەم . ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىسى  <88مىڭ400 ئادەم ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 244 مىڭ 400 ئادەم ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار 74 مىڭ 700 ئادەم . ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر قۇبۇل قىلغان ئوقۇغۇچى 173مىڭ 600 ئادەم ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 532 مىڭ 900 ئادەم ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار 178200مىڭ ئادەم . ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر قۇبۇل قىلغان ئوقۇغۇچى  173مىڭ 900 ئادەم ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 900 مىڭ ئادەم  ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار 125000 مىڭ ئادەم .

ئالى مەكتەپلەر

 جوڭشەن ئونۋېرسىتىتى،خۇانەن ئونۋېرسىتىتى ،خۇانەن پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتى ، گۇاڭجۇ ئونۋېرسىتىتى ، خۇانەن يېزا-ئىگىلىك ئونۋېرسىتىتى ، نەنفاڭ تىببىي ئونۋېرسىتىتى ، گۇاڭدۇڭ سانائەت ئونۋېرسىتىتى ، گۇاڭدۇڭ چەتئەل تىلى تاشقى سودا ئۇنىۋېرسىتېتى ،گۇاڭدۇڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ، گۇاڭجۇ گۈزەل - سەنئەت ئىنىستىتوتى ، گۇاڭدوڭ پۇل مۇئامىلە ئىنستىتۇتى ، گۇاڭجۇ تەنتەربىيە ئىنستىتۇتى ، گۇاڭدۇڭ ساقچى ئىنىستىتۇتى ، شىڭخەي مۇزىكا ئىنىستىتۇتى،  گۇاڭدۇڭ مالىيە - ئىقتىساد سودا ئىنستىتۇتى ،جوڭكەي يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى ، قاتارلىق داڭلىق ئونۋېرسىتىتلار بار.

      

ئوتتۇرا مەكتەپلەر

گۇاڭجۇ جىشىن ئوتتۇرا مەكتىپى،خۇانەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى ، گۇاڭدۇڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى ، گۇاڭدۇڭ گۇاڭيا ئوتتۇرا مەكتىپى ،گۇاڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى ، گۇاڭجۇ شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتىپى ، گۇاڭجۇ شەھەرلىك 6 - ئوتتۇرا مەكتىپى ،قاتارلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەر....

باشلانغۇچ مەكتەپ

خۇانەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى باشلانغۇچ مەكتىپى ، چاۋتىئەن باشلانغۇچ مەكتىپى ، شيېخې باشلانغۇچ مەكتىپى ، دوڭفاڭ باشلانغۇچ مەكتىپى ، پېيجىڭ  باشلانغۇچ مەكتىپى ، يىيۈەن باغچىسى باشلانغۇچ مەكتىپى ، شىياۋبېي يولى باشلانغۇچ مەكتىپى ، لىجى باغچىسى ،باشلانغۇچ مەكتىپى ، فاڭسۇن باشلانغۇچ مەكتىپى ، سەنيۈەنلى باشلانغۇچ مەكتىپى ، تەنتەربىيە  باشلانغۇچ مەكتىپى قاتارلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەر بار..

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#