بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى
بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى ئونسۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسىبوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى ئونسۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي ئونسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 110 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، غەربىي شىمالى قىرغىزىستان بىلەن چېگرىداش بولۇپ،غەرب تەرىپى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى قىرغىز تۇرالغۇ رايونى بىلەن قوشنا. كۆلىمى 2392 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 1984-يىلى 6-ئايدا مىللىي يېزا قۇرغان چاغدا، يېزا نوپۇسىدا 4037 ئادەم بار،بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار 1534 ئادەم بۇلۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %37.7 نى ئىگىلەيدۇ، قالغانلىرى ئۇيغۇر،خەنزۇ،قازاقلار،خۇيزۇ،موڭغۇل قاتارلىق يەتتە مىللەتلەردۇر.
بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسىبوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسىنىڭ ئىقتىسادى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، چارۋىچىلىق 2-ئورۇنداتۇرىدۇ. قىرغىزلار ئاساسلىقى شىمالىي قىسىمىدىكى تاغلىق رايوندا ئولتۇراقلاشقان، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ،چارۋا مال مەھسۇلاتى تۈرلىرى ئاساسلىق ئات، كالا، قوي قاتارلىقلار، يايلاقتا چارۋا بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. تېرىقچىلىق جەنۇبىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلاردا تارقالغان، ئاساسلىقى ئۇيغۇر،خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر بار، بۇغداي، شال، قوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. 1996-يىلى يېزا بويىچە سانائەت
مەھسۇلات قىممىتى 750 مىڭ يۈەن، چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 7524 تۈمەن يۈەن بولغان. ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 16278 توننا بۇلۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 1316 يۈەن بولغان. 5 يېزا مەكتىپى، 5 شىپاخانا، بىر مەدەنىيەت پونكىتى، 2 رادىئو تېلېۋىزىيە ئۇلاپ تارقىتىش پونكىتى بار، يېزا ئىچىدە قەدىمكى تۈرك قەبرىلىرى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.